ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جامالىددىن خوجىنىڭ ئاقسۇنى پەتھى قىلىشى

جامالىددىن خوجىنىڭ ئاقسۇنى پەتھى قىلىشى

2012-06-19 12:19     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: موللا مۇسا سايرامى        شۇ چاغدا كۇچادا تەرتىپ-ئىنتىزام ئورنىتىلىپ، راشىددىن خوجا پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، قامىتىگە ھۆكۈمرانلىق لىباسلىرىنى كىيىپ، بېشىغا پادىشاھلىق تاجىنى كىيىپ، ھەر قايسى ي....

موللا مۇسا سايرامى

 

     شۇ چاغدا كۇچادا تەرتىپ-ئىنتىزام ئورنىتىلىپ، راشىددىن خوجا پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، قامىتىگە ھۆكۈمرانلىق لىباسلىرىنى كىيىپ، بېشىغا پادىشاھلىق تاجىنى كىيىپ، ھەر قايسى يۇرت، يېزا-كەنتلەرگە، چوڭ-كىچىك پۇقرالارغا «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەۋلادى، غالىب، يېڭىلمەس راشىددىن خان غازى خوجا» دېگەن نام-ئۇنۋان بىلەن يارلىق يۈرگۈزگەنىدى. شۇ ھالەتتە بۇرھانىددىن خوجىنىڭ قارا يۇلغۇندا زەربە يەپ قېچىپ كەلگەنلىك يامان خەۋىرىنى ئاڭلاپ غەزىپى ئۆرلىدى. بىر نەچچە بىگۇناھ كىشىلەرنى سىياسەت يۈزىسىدىن دارغا ئېسىشقا بۇيرۇپ ئاچچىقىنى پەسەيتتى. ھەممە چوڭ-كىچىك پۇقرالار قورقۇنچتىن ئىتائەت قىلىپ بويسۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.

     راشىددىن خوجا ئاكىسى جامالىددىن خوجىنى لەشكەركەشلىكتە، سىياسەت يۈرگۈزۈشتە، پۇقرالارنى ئىدارە قىلىشتا قابىلىيىتى بار دەپ بىلىپ، «بىر مۇنچە توپ-زەمبىرەك بىلەن 800 ئەسكەرنى باشلاپ ئاقسۇ تەرەپكە يۈرۈش قىلسۇن» دەپ يارلىق چۈشۈردى.

     دەرۋەقە جامالىددىن خوجا چارە-تەدبىرلىك، ئېغىر-بېسىق، تەمكىن، غەيرەت-شىجائەتلىك، تېبابەتچىلىك ئىلمىدە لاياقەتلىك كىشى ئىدى.

     جامالىددىن خوجا كۇچادىن چىقىپ باي ۋە سايرامنى ئالدى. بۇ يەردىن ئىشقا يارايدىغان، ساغلام، كۈچلۈك، جۈرئەتلىك پالۋان ئادەملەرنى تاللاپ، 2000دىن كۆپرەك ئەسكەر قوبۇل قىلدى. يول-يولدا قاراۋۇل-خەۋەرچىلەرنى قويۇپ بارلىق ئېھتىيات قىلىش، سەگەك بولۇشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، قارا يۇلغۇنغا ئىلىنىڭ يولى بىلەن كېلىپ ھۇجۇم قىلىشنى كۆزلەپ، چوڭ يولنى تاشلاپ ئاراشو دېگەن مەنزىلگە كېلىپ چۈشتى. بۇ يەردە 20 كۈن تۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، قورال-ياراقلارنى تۈزەشتۈرۈپ، ئاتلىرىدىن ياخشى خەۋەر ئالدى؛ دۈشمەن ئەھۋالىنى تىڭ-تىڭلاپ، مۆلچەرلەپ، يەر شارائىتىنى تەكشۈرۈپ ئوبدان مۇلاھىزە قىلدى.

     مۇشۇ كۈنلەردە ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن ئىلىغا ئەۋەتىلىدىغان سوۋغات ۋە باجلار يۇرتلاردا پاراكەندىچىلىك يۈز بەرگەنلىكتىن، مۇز داۋانغا بېرىپ توختاپ قالغانىكەن.

     بىز بۇ يەردە ئىلىغا ئەۋەتىلىدىغان سوۋغات ۋە باج ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى: بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان خانلىرىدىن ئىسمائىلخان ئۆزىگە قارشى چىققۇچىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ تەڭ كېلەلمەي ئىلىغا چىقىپ، قالماقلارنىڭ كاتتىسى جاياڭ دېگەنگە: «مەن ئالتە شەھەرنىڭ پادىشاھى ئىدىم، دۈشمەنلىرىم پادىشاھلىق مىراسىمنى تارتىۋېلىپ قوغلىۋەتتى، پادىشاھلىقىمنى تارتىۋېلىشىمغا ياردەم بەرسىڭىز» دەپ ھال ئېيتىپ ئىلتىجا قىلدى. قالماقلارنىڭ كاتتىسى جاياڭ ماقۇل بولۇپ، بىر مۇنچە قالماق چېرىكلىرىنى ئۇنىڭغا قوشۇپ بەردى، ئىسمائىلخان بۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئالتە شەھەرنىڭ پادىشاھلىقىنى قايتۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ياردەمگە كەلگەن قالماق چېرىكلىرى ئىلىغا قايتماقچى بولدى. «بۇلار بىزگە نۇرغۇن خىزمەت قىلدى. قۇرۇق قول قايتىپ كەتسە ياخشى بولمايدۇ» دەپ، ئىسمائىلخان ئالتە شەھەردىن نۇرغۇن مالتا يىغىپ قالماقلارغا سوۋغات قىلىپ قايتۇردى. ھەر يىلى شۇ پەسىلگە كەلگەندە يەنە تەلەپ قىلدى، بەرمەي ئىلاجى بولمىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ تا راشىدىن خوجا زامانلىرىغىچە ھەر يىلى ئىلىغا ماتا چىقىرىپ تۇردى. ئۇ چاغلاردا بۇ يۇرتلاردا ماتادىن بۆلەك نەرسە يوق ئىكەن. پۇلمۇ يوق بولۇپ، ئېلىش-سېتىش ئىشلىرىدا پۇل ئورنىدا ماتانى لازىم قىلىدىكەن، «قالماققا بۆز (ماتا)، خىتايغا سۆز» دېگەن تەمسىل شۇ چاغدىن قالغانىكەن.

     ئەمدى ئەسلى ۋەقەگە كەلسەك، مۇز داۋاندا توختاپ قالغان سوۋغات، ماتالارنى جامالىدىن خوجا ئۆز ئەسكەرلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. جامالىدىن خوجا باشلىق پۈتۈن ئەسكەرلەر كېپەنگە يۆرگەنگەندەك ۋە ئېھرام باغلىغاندەك ئاق ماتاغا يۆگىنىپ، بېشىغا ماتانى سەللىدەك ئوراپ تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا سېغىنىپ، يىغا-زار قىلىشىپ، ھىممەت ۋە جۈرئەت كەمىرىنى بېلىگە باغلىشىپ، ئاپئاق قوي پادىسىدەك بولۇپ تەييار بولدى. بىر كېچىدە ئاراشودىن چىقىپ، مۇز داۋان يولى بىلەن تاڭ ئاتقۇچە جامغا كېلىپ، قورغان ساقلاپ خەۋەرسىز، غەپلەتتە ياتقان چېرىكلەر ئۈستىگە ئاسماندىن چۈشكەن بالا-قازادەك ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. مەيلى خىتاي چېرىكى بولسۇن، مەيلى ياردەمگە كەلگەن مۇسۇلمان چېرىكى بولسۇن، ھەممىسىنى قىرىپ-چېپىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلدى. ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرى جېنىنى ئېلىپ قۇتۇلدى. سايىتبەگ قەشقەرگە، تۆمۈر خەزىنىچىبەگ خوتەنگە قېچىپ كەتتى. ئامان قالغان خىتايلار ئاقسۇغا قېچىپ كەلدى. جامالىدىن خوجا ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ سەپەر ئېيىنىڭ 12- كۈنى ئاقسۇنى پەتھ قىلدى. ئاقسۇدىكى خان مۇپەتتىشى، دارىن باشلىق ھەممە مەنسەپدارلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ بالا-چاقىلىرى بىلەن ئوردىغا يىغىلىپ، ئەتراپىغا (پارتلىغۇچ) دورا قويۇپ، بېيجىڭ تەرەپكە قاراپ ئۆز زۇۋانلىرىدا بىر نەرسىلەر دېيىشىپ يىغلاپ، چېكىۋاتقان غاڭزىسىدىكى تاماكىنىڭ ئوتىنى دورىغا تاشلىدى. شۇ ھامان دورا پارتلاپ ھەممىسى يەر بىلەن يەكسان بولدى. مۇسۇلمانلارنىڭ تەنتەنە ئاۋازلىرى پەلەككە يەتتى، بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارغا خۇشال-خۇراملىق، دۈشمەنلەرگە غەم-قايغۇ يۈزلەندى. جامالىددىن خوجا غالىب سۈپەتتە پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، خىتايلاردىن ئالغان ئولجىلارنى ئەسكەرلەرگە سوۋغات قىلىپ ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. ھەر كىشى ئۆز قۇدرىتى ۋە ئۆز دەرىجىسىگە لايىق مال-مۈلۈككە ئىگە بولۇپ دۇنيالىقتىن ھاجەتسىز بولدى.

     كۇچالىق ئابدۇراھمان دىۋان بېگىنى دادخاھ، ئاقسۇلۇق قاسىم قازىبەگنى ئەمىر لەشكەر (باش قوماندان) قىلدى. بۇرۇنقى ئەلەم، مۇپتى، قازى قاتارلىقلارغا ئاۋۋالقى مەنسەپلىرىنى بەردى.

     جامالىددىن خوجا جامدىن ئاقسۇغا قاراپ ماڭغان چاغدا، بۇرھانىددىن خوجىنىڭ ئوغلى ھامىددىن خوجىنى 150 ئەسكەر بىلەن مۇز داۋاننى توسۇشقا ئەۋەتكەنىدى. دەرۋەقە، ئىلى جاڭجۈنى ئاقسۇنىڭ ئامبىلىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 7000 خىتاي، 3000 قالماق ۋە سولۇن بولۇپ جەمئىي 10 مىڭ چېرىكنى يېتەرلىك ئوق-دورا بىلەن ئەۋەتكەنىدى. بۇلار مۇز داۋانغا كېلىپ، ھامىددىن خوجا توسۇپ ياتقانلىقى ئۈچۈن ئۆتەلمەي، 50 كۈن يېتىپ نائىلاج ئىلىغا قايتىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھامىددىن خوجا ئۆز ئورنىغا باشقا كىشىنى قويۇپ ئاقسۇغا قايتىپ كېلىپ دادىسى بىلەن كۆرۈشتى………..

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter