ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ تۈرتكىسىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر

ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ تۈرتكىسىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر

2012-06-18 10:55     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئىقتىساد تېز ئاشتى، پۇقرالارنىڭ كىرىمى كۆپەيدى      «باشلامچى» بولۇش سۈپىتى بىلەن شاڭخەي توقۇمىچىلىق گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى شى شىپىڭ ئون يىللىق ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئون يىل ئىلگىرى ئىقت....

ئىقتىساد تېز ئاشتى، پۇقرالارنىڭ كىرىمى كۆپەيدى

     «باشلامچى» بولۇش سۈپىتى بىلەن شاڭخەي توقۇمىچىلىق گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى شى شىپىڭ ئون يىللىق ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئون يىل ئىلگىرى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، توقۇمىچىلىق قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسپلەر ئەۋزەللىكتىن تەدرىجىي مەھرۇم قالدى، كارخانا بىر مەزگىل قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلالمىدى. ئون يىلدىن بۇيان، شاڭخەي توقۇمىچىلىق گۇرۇھى ‹‹پەن – تېخنىكا + مودا›› ئىستىراتىگىيەسىگە تايىنىپ، تىپىنى ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقتىن يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىققا، ياسىمىچىلىقتىن مۇلازىمەتچىلىككە ئۆزگەرتتى

     جۇڭگو كارخانىلىرى ئون يىلدا ھەجىم، تەشكىلىي قۇرۇلما، بازار قۇرۇلمىسى، خەلقئارالىشىش دەرىجىسى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ياسىدى، نۇرغۇن كارخانا دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بۇ كارخانىلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.

     يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ‹‹سارس››تىن ۋېنچۈەندىكى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك يەر تەۋرەشكىچە، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىنياۋروپا قەرز كىرىزىسىغىچە مەيلى قانداق سىناق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، باشتىن – ئاخىر تەرەققىي قىلىش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەي، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

     ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمىمۇ كۆپەيدى؛ 2002 – يىلى، ئېلىمىز شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 7500 يۈەن ۋە 2500 يۈەنگە؛ 2011 – يىلى، ئېلىمىز شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 19مىڭ 118 يۈەنگە، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 6194 يۈەنگە يەتتى.

ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسى نامايان قىلىندى، خەلق تۇرمۇشى

 تەدرىجىي كاپالەتلەندۈرۈلدى ۋە ياخشىلاندى

     2011- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شەھەر – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار  284مىليون كىشىگە، شەھەر – بازارلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 473 مىليون، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 143 مىليون، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 177 مىليونغا، تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 139 مىليونغا يەتتى. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى ئاساس، ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئاساسىي داۋالىنىش، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈملىرىنى مۇھىم نوقتا، خەيرىيەت ئىشلىرى، سودا سۇغۇرتىسىنى قوشۇمچە قىلغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنىڭ رامكىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

     مائارىپ ۋە داۋالىنىش مەسىلىسى ھەممە ئائىلىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ھەم قىزىق نوقتا ھەم قىيىن نوقتا. ئون يىلدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك ۋە كەلگۈسى مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلان تېزىسى (2010 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە) نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلىشىدىن، كۆپ يىل كېڭىشىش ئارقىلىق تەييارلانغان داۋالاش، ساقلىق ساقلاش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلۇشى ۋە چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگىچە، پەرزەنتلەرنىڭ ئوقۇشى، ئاممىنىڭ داۋالىنىشى تەس بولۇش مەسىلىسى تۈزۈلمە، مىخانىزم قاتلىمىدىن تەدرىجىي ھەل قىلىندى.

     ئون يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادىي تەرەققىيات توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان مەزگىللەردىمۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلدى. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى 2008 – يىلىدىن باشلاپ تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى، مالىيە كىرىمى بىر مەھەل ئاشمىغان ئەھۋالدىمۇ ئېلىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسى ئازايتىلماستىن ئەكسىچە كۆپەيتىلدى، مەركەز مالىيەسىدىن مائارىپ، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇرالغۇ كاپالىتى، مەدەنىيەت جەھەتلەرگە ئاجرىتىلغان چىقىم نىسبىتى بۇلتۇرقىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى.

     ئون يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت قىيىنچىلىقى بارلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلدى. دېھقانچىلىق بېجىنى كېمەيتىش ياكى كۆتۈرۋېتىش، يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى تارقىتىشتىن نامرات ئوقۇغۇچىلارنى دەرسلىك بىلەن ھەقسىز تەمىنلەشكىچە، يېزا مەجبورىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇشقىچە، كارخانىلاردىن پىنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۇدا يەتتە يىل ئۆستۈرۈلگەنلىكىدىن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئېلىپ بېرىش، ھەتتا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى مەملىكەت دائىرىسىدە قوغداش ھەرىكىتىگىچە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.

تۈرلۈك ئىشلار بىر تۇتاش پىلانلىنىپ تەڭ ئېتىبار بېرىلدى، ئىقتىساد

 بىلەن جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى

     غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتىن شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكىچە، ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشكىچە، پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ رايونلار تەرەققىيات ئومۇمىي ئىستىراتىگىيەسى مۇقىم يولغا قويۇلۇپ، ‹‹تۆت چوڭ رايون››نى ئاساسىي گەۋدە قىلغان رايون ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، رايونلارنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارى ۋە رايونلار ئارا ماسلىشىشچانلىقى كۈنسېرى كۈچىيىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئون يىلدىن بۇيان، مەركەز رايونلار تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇردى. تيەنجىن بىنخەي يېڭى رايونىدىن چېڭدۇ – چوڭچىڭ ئىقتىسادىي رايونىغىچە، شەرقىي قىسىم رايونلىرىدىكى جۇجياڭ دېلتىسى، چاڭجياڭ دېلتىسى، بوخەي ئايلانما رايونىدىن ئوتتۇرا قىسىم رايونىدىكى خۇاڭخې دېلتىسى، ئەنخۇي – جياڭسۇ شەھەرلەر بەلبېغى، پوياڭخۇ ئېكولوگىيە ئىقتىساد رايونىغىچە، يەنە غەربىي شىمال، شەرقىي شىمال رايونىدىكى گۈەنجۇڭ – تيەنشۇي ئىقتىساد رايونى، لياۋنىڭ دېڭىز بويى ئىقتىساد بەلبېغىچە بولغان رايونلار توغرىسىدىكى يىرىك پىلانلار ۋە ئالاقىدار يېتەكچى پىكىرلەر ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2012 – يىلى ئېلىمىز مالىيەدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇردى، مەركەز قايتۇرغان يەرلىك باج ۋە يۆتكەپ چىقىم قىلغان پۇل 1 تىرىليون 510 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %13 ئاشتى.

     دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىكىلەر مۇنداق دېدى: رايونلار پەرقىنى كىچىكلىتىش بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدىكى مۇھىم خىزمەت بولۇپ، ئۇ ئادەم بىلەن مۇھىتنىڭ ماسلىشىشى، ئىقتىساد بىلەن مۇھىتنىڭ ماسلىشىشى، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەت قاتارلىق كۆپ جەھەتكە چېتىلىدۇ، بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ ماھىيەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بەزى كۆرسەتكۈچلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش زۆرۈر، مەسىلەن: ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، ئوتتۇرىچە كىرىم، جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قاتارلىقلار.

     ھەر قايسى جەھەتلەردە تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، تەرەققىياتنى ماسلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئومۇمىيەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئىلمىي تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇردى:

     ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش نەتىجىسىدە مەھەللە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىن جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، مائارىپ سېلىنمىسىنى %4 ئاشۇرۇش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكىچە، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇشتىن مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ھاۋالىلىك بېقىش قۇرۇلۇشىنى باشلاشقىچە ئىقتىسادنىڭ سىجىل، تېز تەرەققىي قىلىشى بىلەن بىللە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارمۇ تېز تەرەققىي قىلدى.

     شەھەر – يېزا تەرەققىياتى بىر تۇتاش پىلانلاندى. پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز ئۇدا سەككىز يىل ‹‹يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار›› خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان 1 – نومۇرلۇق ھۆججەتنى ئېلان قىلدى، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشقا ئائىت بىر قاتار سىياسەت – تەدبىرلەرنى تۈزدى. ئون يىلدىن بۇيان، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۇدا سەككىز يىل مول ھوسۇل ئېلىندى، بۇ يىل يازلىق ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىدا تارىخىي رىكورت يارىتىلىشىدىن ئۈمىد زور؛ شەھەرلەر كۈنسېرى تېز تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللەئىچىدىغان سۇ، ئېلېكتر تورى، تاشيول قاتارلىق يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى.

     ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىي قىلىشى بىر تۇتاش پىلانلاندى. خىزمەت سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، سىياسەت – تەدبىرلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەلەشتۈرۈلدى، ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2011 – يىلىلا مەملىكەت بويىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەيدىغان 16 مىليوندىن ئارتۇق ھاۋا تەڭشىگۈچ، سىغىمچانلىقى 5 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدىغان گېنېراتورلا گۇرۇپپىسى، 160 مىليون ئېنېرگىيە تېجەيدىغان چىراق كېڭەيتىلىپ، جايلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش سەرپىيات كۆرسەتكۈچى داۋاملىق تۆۋەنلىدى. ئىكىئولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش كۈچەيتىلدى، چياڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى – ئوتتۇرا ئېقىنلىرىدا سۇ – تۇپراقنى ساقلاش، تەبىئىي ئورمان بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ 2 – قارارلىق قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ – تيەنجىننىڭ قۇم – بورانلىق كېلىماتىنى مەنبەدىن تۈزەش، كارسىت رايونلىرىنىڭ چۆللىشىپ كېتىشىنى ئونىۋېرسال تۇزەش، كىچىك ئېقىن ۋادىلىرىنى تۈزەش، ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نوقتىلىق قۇرۇلۇشلار ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويۇلدى.

     (شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter