ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئېلىمىزنىڭ ‹‹دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى›› ئېلان قىلىندى

ئېلىمىزنىڭ ‹‹دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى›› ئېلان قىلىندى

2012-06-19 12:10     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئېلىمىزنىڭ ‹‹دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى (2012– يىلىدىن  2015– يىلىغىچە)›› ئېلان قىلىندى        شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 11 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەننىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن گوۋۇيۈەن ئ....

ئېلىمىزنىڭ ‹‹دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى (2012– يىلىدىن

 2015– يىلىغىچە)›› ئېلان قىلىندى

 

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 11 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەننىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 11 – ئىيۇن ‹‹دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى (2012 – يىلىدىن 2015 – يىلىغىچە)››نى ئېلان قىلدى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقنى باش تېما قىلغان ئىككىنچى دۆلەت پىلانى. جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنى سىجىل، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ پىلاندا جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىلدىكى ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانى، ۋەزىپىسى ۋە كونكرېت تەدبىرلىرى بەلگىلەنگەن.

     دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانى كىرىش سۆز، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى؛ پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر، ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار ۋە مېيىپلەر ھوقۇقى؛ ئىنسانىي ھوقۇق تەربىيەسى، خەلقئارالىق ئىنسانىي ھوقۇق شەرتنامىسىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ۋە خەلقئارالىق ئىنسانىي ھوقۇق جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش ھەم ئۇنى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت يەتتە قىسىمغا بۆلۈنگەن.

     يېڭى مەزگىلدىكى ‹‹ھەرىكەت پىلانى››نى تۈزۈش جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش، ھازىر ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى داۋاملىق ياخشى ھەل قىلىش، يېڭى خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇش؛ قانۇن چىقىرىش، مەمۇرىيەت، ئەدلىيە قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى ئاساس قىلىپ، ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ ئادىل، ئىناق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنى تېخىمۇ ئىززەت – ئابرۇيلۇق، تېخىمۇ بەختلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا يىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

     (شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter