20- ئىيۇن دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى. بۇ يىلق باش تېما: «مۇساپىرلارنىڭ تاللاش ھوقۇقى يوق، سىزنىڭ بار».
مۇساپىرلار مەسىلىسىنىڭ تارىخى ئۇزاق. ب د ت 1951- يىلى مۇساپىرلار ۋە دۆلەت تەۋەلىكى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئورنى توغرىسىدا تۇلۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەر يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇساپىرلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق – مەنپەتىگە ۋە ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «مۇساپىرلارنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى ئەھدىنامە» نى ماقۇللىغان. مۇساپىرلار مەسىلىسى ئافرىقىدا گەۋدىلىك بولغاچقا، ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىمۇ 1974- يىلى 20- ئىيۇن ئافرىقىنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا ئەھدىنامە ماقۇللىغان ھەم بۇ كۈننى «ئافرىقا مۇساپىرلار كۈنى» قىلىپ بىكىتىشنى قارار قىلغان. ب د ت كېڭىشى خەلقئارا جەمىيەتنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىللىق مۇساپىرلار كۈنىنىڭ باش تېمىسى: «مۇساپىرلارنىڭ تاللاش ھوقۇقى يوق، سىزنىڭ بار» دەپ قويۇلدى. خەلقئارا جەمىيەت كۆپنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىش روھىنى نامايەن قىلىپ مۇساپىرلارغا يارىدەم بىرىشنى ئۈمۈت قىلىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى