ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىدىيەۋى–سىياسىي قۇرۇلۇشتا يېڭىلىق يارىتىش

ئىدىيەۋى–سىياسىي قۇرۇلۇشتا يېڭىلىق يارىتىش

2012-06-25 10:27     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:     ليۇ شىنشېڭ        ئىدىيەۋى – سىياسىي قۇرۇلۇش رەھبەرلىك بەنزە قۇرۇلۇشىنىڭ جېنى. چۈنكى بۇ قۇرۇلۇش خىزمەتلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەشتە ئاساسقا، يۆنىلىشكە، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشت....

    ليۇ شىنشېڭ

 

     ئىدىيەۋى – سىياسىي قۇرۇلۇش رەھبەرلىك بەنزە قۇرۇلۇشىنىڭ جېنى. چۈنكى بۇ قۇرۇلۇش خىزمەتلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەشتە ئاساسقا، يۆنىلىشكە، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشتۇر. شۇڭا يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا يېڭى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان تەخىرسىز ۋەزىپىدۇر.

 

1. پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشكە ئېتىبار بېرىپ، نەزەرىيە

بىلەن قوراللىنىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

 

     (1) سىستېمىلاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. نەزەرىيە ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى نەزەردە تۇتۇپ، پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا ئاساسىي نەزەرىيە، ئاساسىي سىياسەت، ئاساسىي تەجرىبە، ئاساسىي بىلىم مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ‹‹تۆت ئاساسىي›› نەزەرىيە تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ماركسىزم نەزەرىيەسىنى نۇقتىلىق ئۆگىنىش، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىش، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى بىلەن ئالاقىدار كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت، مىللەت، پەن – تېخنىكا ۋە جەمئىيەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى بىلىملەرنى كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىشكە تەشكىللەش كېرەك. پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشكە ئېتىبار بېرىش كېرەك.

     (2) كۆپ خىللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلى قۇرۇش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنى باشلامچى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرىنى بازا قىلىپ، مەركىزىي گۇرۇپپىدا مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش بىلەن شەخسلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، ھۆججەت – ماتېرىيال ئۆگىنىش بىلەن توردا ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، مەخسۇس تېما بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن نەزەرىيە مۇھاكىمىسىنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆگىنىشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

      (3) تۈزۈملەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىدا ئۆگىنىش، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش يىغىنى، مەخسۇس تېمىلىق دوكلات يىغىنى، رەھبىرىي كادىرلارنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىشىدىكى باھالاش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايان قىلىش، باھالاش، تەكشۈرۈشنى ياخشى قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 

2. ئىقتىدار ۋە ساپانى ئۆستۈرۈشكە ئېتىبار بېرىپ، تەربىيەلەش،

 يېتىشتۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

 

     (1) كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇش ئاساسىدا نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىدىن كېيىنكى يېڭى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭى بەنزىنىڭ تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش خىزمىتى پىلانىنى تۈزۈپ، يېڭى بەنزىنىڭ ئەزالىرىنى سىياسەت نەزەرىيەسى، كەسپىي بىلىم، رەھبەرلىك سەنئىتى قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق تەربىيەلىنىشكە باسقۇچ، تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەۋەتىش كېرەك.

      (2) دەرىجە، تۈركۈمگە بۆلۈپ ھەممىنى تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى سىرتقا چىقىپ تەكشۈرۈش، تەربىيەلىنىش ۋە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا پىلانلىق تەشكىللەش كېرەك. يېزا – بازار، ناھىيە – شەھەر بەنزىسىگە يېڭىدىن كىرگەن رەھبىرىي كادىرلارنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرىگە سىستېمىلىق تەربىيەلىنىشكە پىلانلىق، قەدەم – باسقۇچلۇق ئەۋەتىش كېرەك.

      (3) يېڭى بەنزە ئەزالىرىنى ئەمەلىيەتتە چېنىقتۇرۇشقا كۈچەش كېرەك. يېڭى بەنزە ئەزالىرىنى شارائىتى جاپالىق، ئەھۋالى مۇرەككەپ، ۋەزىپىسى ئېغىر جايلار ۋە ئىش ئورنىغا خىزمەتكە ئەۋەتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، سىياسىي قانۇن، ئەرزىيەت، نۇقتىلىق تۈر، چېقىش – كۆچۈرۈش قاتارلىق قىيىن خىزمەتلەرنى باشقۇرۇش ياكى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇشقا پىلانلىق، مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە مەسئۇل قىلىپ كەچۈرمىشى ۋە تەجرىبىلىرىنى كۆپەيتىپ، تەشكىللەش، ماشلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، تېز يېتىلدۈرۈپ، مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان قىلىش كېرەك.

 

3. بەنزىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە ئېتىبار بېرىپ،

 تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

 

     (1) تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يەرلىك پارتكومنىڭئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى، پارتىيە، ھۆكۈمەت بىرلەشمە يىغىنى، ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى، ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئومۇمىي يىغىنى قاتارلىق يىغىن تۈزۈملىرىنى، شۇنداقلا پارتكوم تەدبىر بەلگىلەش، ھۆكۈمەت ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەت قىلىش، سىياسىي كېڭەش قاتنىشىشتىن ئىبارەت خىزمەت مېخانىزمىنى نۇقتىلىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتكومنىڭ خىزمەت مۇددىئاسىنى خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىلىرى ئارقىلىق بەنزىلەرنىڭ كونكرېت خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

      (2) ئىش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتكومنىڭ خىزمەت قائىدىسىنى تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىم غۇلغۇلا قىلىش، يىغىندا قارار قىلىش›› پىرىنسىپى بويىچە چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر توغرىسىدا تەدبىر بەلگىلەش، مۇھىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش، زور تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كۆپ سوممىلىق مەبلەغنى ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى رەھبەرلىك بەنزىسى كوللېكتىپ مۇزاكىرىلىشىپ قارار قىلىش كېرەك.

      (3) دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى، پارتىيە ئىچىدىكى ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىش، چوڭ ئىشلارنى دوكلات قىلىش قاتارلىق خىزمەت تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ سىردىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىپ ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بەنزە ئەزالىرى بىلەن قەرەللىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بەنزە ئەزالىرى، بولۇپمۇ بەنزىگە يېڭىدىن كىرگەن ئەزالارنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، يوشۇرۇن زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەتتىن كۈندىلىك خاتىرە ۋە ھەپتىلىك خاتىرە يېزىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ھەپتىلىك سىياسىي پائالىيىتىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ، بولۇپمۇ بەنزىگە يېڭىدىن كىرگەن ئەزالارنىڭ ئىلگىرىلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە خىزمەت ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.

 

4. خەلقنى ئاساس قىلىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ،

ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

 

     ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى ئۈچ خىل ئىستىل تۇرغۇزۇش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك:

      (1) ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئىستىلى تۇرغۇزۇش كېرەك. ‹‹ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى يىلى›› پائالىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا بولۇپمۇ تەرەققىياتى ئارقىدا، قىيىنچىلىقى كۆپرەك، خىزمىتى جاپالىق، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسى ئېغىر جايلارغا قەرەللىك ئەۋەتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات داۋامىدا دۇچ كەلگەن قىيىن، قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئىنكاس قىلغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى يەرلىكنىڭ ئوبدان ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

      (2) راستچىل – ئەمەلىيەتچىل خىزمەت ئىستىلى تۇرغۇزۇش كېرەك. ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا نەزەرىنى تۆۋەنگە قارىتىش، ئاساسىي قاتلامغا، بىرىنچى سەپكە، ئامما ئارىسىغا بېرىش، ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش، چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، سۆلەتۋازلىق قىلماسلىق، قۇرۇق شوئار توۋلىماسلىق، خىزمەتلەردە ئەمەلىيەت، ئامما ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىش كېرەك.

      (3) جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىدىغان تۇرمۇش ئىستىلى تۇرغۇزۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا، بولۇپمۇ رەھبەرلىك بەنزىسىگە يېڭىدىن كىرگەن ئەزالارغا پاكلىقتا ئۈلگە بولۇش، ئۆزىنى قەدىرلەش، كەمچىلىك ئۈستىدە ئويلىنىش، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈش، پاك، ئىنتىزامچان بولۇش، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، خەلقنىڭ چاكىرى بولۇشتەك سىياسىي پەزىلىتىنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارماسلىق ھەققىدە تەربىيە بېرىش كېرەك.

 

5. كادىرلارنىڭ يېتىلىشىگە ئېتىبار بېرىپ، نازارەت

 قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك

 

     (1) ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، كۆپ خىل شەكىلدە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئىدىيەۋى تەربىيەنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

      (2) تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرۇش بىرىكمە كۈچى ھاسىل قىلىش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىشقا كادىر ئەۋەتىش، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى قەرەللىك ئانالىز قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ۋە توغرا ئىگىلەپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ھەل قىلىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى باشلامچى بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتىدىغان، تەشكىلات، ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە ئەرزىيەت تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ئاكتىپ قاتنىشىدىغان كادىرلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تورى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

      (3) چەكلەش، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مۇداپىئەنى كۈچەيتىش، ۋاقتىدا بايقاش، قاتتىق تۈزىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇداپىئەنى ئاساس قىلىش، بىخ ھالىتىدە يوقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەربىيە سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش، خەت يېزىپ سۈرۈشتۈرۈش، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى قاتارلىق تۈزۈملەرنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە داۋاملاشتۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى باشتىن – ئاخىر نازارەت قىلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك – تەلەپچان بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەخسكە ئالاقىدار ئىشلارنى دوكلات قىلىش، خىزمىتىدىن ۋە پاكلىقىدىن مەلۇمات بېرىش، كىرىم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە داۋاملاشتۇرۇپ، پاك – تەلەپچان بولۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter