ئاساسىي مەزمۇن:
«دەريالار تەپسىراتى ئىزاھلىرى» شەرقىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدىكى لى داۋيۇەننىڭ ئەسىرى بۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمقى زاماندىكى بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان دەريا، سۇ ئىشلىرىنى ئاساسلىق مەزمۇن قىلغان ئۇ....
«دەريالار تەپسىراتى ئىزاھلىرى» شەرقىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدىكى لى داۋيۇەننىڭ ئەسىرى بۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمقى زاماندىكى بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان دەريا، سۇ ئىشلىرىنى ئاساسلىق مەزمۇن قىلغان ئۇنۋېرسال جۇغراپىيە كىتابى. پۈتۈن كىتاب 300 مىڭ خەتلىك بۇلۇپ، دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدىكى 1000 دىن ئارتۇق دەريا ئېقىنلىرىنى ھەم بۇ دەريا ئېقىنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ناھىيە – شەھەرلەر، مەھسۇلاتلار، ئۆرپ – ئادەتلەر، رىۋايەتلەر ۋە تارىخلارنى ئومۇميۈزلىك، سېستىمىلىق تونۇشتۇرغان. كىتاب ئۇسلۇبى روشەن، تىلى گۈزەل قەدىمىي جۇغراپىيە ئەسىرى، شۇنداقلا تاغۇ – دەريالارنى تونۇشتۇرغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەر. ئۇنىڭ تارىخىي، جۇغراپىيەۋى، ئەدەبىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى.