ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىنسانلار راستىنلا كومپيۇتېردىن ئەقىللىقمۇ؟

ئىنسانلار راستىنلا كومپيۇتېردىن ئەقىللىقمۇ؟

2012-08-24 11:19     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ئامېرىكا « كەلگۈسىشۇناسلار » تور پونكىتى 12-ئاۋغۇست ماقالىسى. گەرچە IBM شىركىتىنىڭ چوڭقۇر جاۋابىدا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىلىك كومپيۇتېرنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى مە....

     ئامېرىكا « كەلگۈسىشۇناسلار » تور پونكىتى 12-ئاۋغۇست ماقالىسى. گەرچە IBM شىركىتىنىڭ چوڭقۇر جاۋابىدا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىلىك كومپيۇتېرنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما بىز ئۇنى «ئەقلى ئىقتىدار» لىق دىيەلمەيمىز. ئەمما، كېيىنكى ئەۋلاد ياكى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كېيىنكى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىلىك كومپيۇتېرلار قانداق بولا؟

 

 

     ماشىنىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى ئۆلچەشتىن ئىلگىرى بىز بىر خىل مىليارد قېتىم ھېسابلىيالايدىغان ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇزۇتۇش نىسبىتىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئاددى ئۆلچەملىك ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىگە ئېھتىياجلىق بولىمىز. بىز بىر خىل ئۆلچەملىك ئۆلچەش شەكلى ئارقىلىقلا ماشىنىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆلچەپ چىقالايمىز.

     سۇنئىي ئەقلى ئىقتىدارنى ئۆلچەش ئۇسۇلىنى ئەنگىلىيە ماتېماتىكى تورىڭ ۋە ئۇنىڭ نامى بېرىلگەن تورىڭ ئۆلچىمىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. تورىڭ ئۆلچىشىدە ناتۇنۇش ئادەم بىلەن ماشىنا يېزىق ئارقىلىق سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر ھۆكۈم قىلغۇچى كىمنىڭ سۇنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى تۇنۇيالمىسا، ياكى پەرىقلەندۈرەلمىسە، ئۇ ھالدا ئۇ ئۆلچەشتىن ئۆتۈشى كېرەك. يا ئۆتەلەيدۇ، يا ئۆتەلمەيدۇ ، نەتىجە ناھايىتى بىۋاستە بولىدۇ.

     گەرچە بۇ خىل ئۆلچەش ئۇسۇلى ئىنسانلارغا ئوخشاش ئەقلىي ئىقتىدارلىقلارنى بېكىتىشتە كۆپ ياردىمى بولسىمۇ، ئەمما كۆپچىلىك بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارنى بىردىن بىر ئەقلىي ئىقتىدار تىپى دەپ قارىمايدۇ.

     دېلفىن ياكى ئورانگۇتانلار مۇنداق ئۆلچەشتىن مەڭگۇ ئۆتەلمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى خىل ھايۋانات ئەقلىي ئىقتىدارىنى خېلىلا جارى قىلدۇرالايدۇ ياكى نامايان قىلدۇرالايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ ئەقلىي كۈچىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە سەۋىيەسى ئىنسانلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.

     ماشىنىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا نىسپەتەن ئېيتقاندىمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. چۈنكى كومپيۇتېر ئىنسانلارنىڭكىگە ئوخشاش ئەقلىي ئىقتىدارغا يەتمىگەن بولسىمۇ، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ بىخلىرىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە ئون يىلدىن كېيىن، بىر خىل سۇنئىي ھەممىباپ ئەقلىي ئىقتىدارمۇ بەلكى ئىنسانلارنىڭ كاللىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، تورىڭ ئۆلچىشىدىن ئۆتەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ئېھتىمال كۆپلىگەن جەھەتلەردە بىزدىن كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن.

     بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئادەملەرگە قارىتىلغان پىسخىكىلىق ئۆلچەش ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. گەرچە بىر قىسىم ئادەملەر شەخسلەرنىڭ ئەقلىي كۈچىگە نومۇر قويۇش ئىشىنىڭ زادى توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىگە قارىتا باشقىچە پىكىردە بولسىمۇ، ئەمما، ئەمەلىيەتتە بىز بۇ ئۆلچەشلەردىن ھەر خىل ئىرقلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى خېلىلا چۈشۈنىۋالدۇق. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئۆلچەشنى ئىنسانلاردىن باشقىلارغا قوللىنىشقا بولمايدۇ. شۇڭا بىز بىر خىل ماشىنىلارغا ماس كېلىدىغان ئۆلچەش ئۇسۇلىنى قانداق ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز كېرەك؟

     كۆپ يىللاردىن بۇيان، كىشىلەر ماشىنىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان كۆپ خىل ئۇسۇللارنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپلىگەن ئۆلچەش نەزەرىيەلىرى ماتېماتىكا جەھەتتە پۇختا ئەمەس. ئىنسانلاردىن باشقىلارغا قارىتا ئۆلچەش ئېلىپ بېرىش ھەمدە مەقسەتلىك ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق ئۇلارنى باھالاپ نومۇر قويۇشتا ، بىز چوقۇم مەسىلە ۋە خىرىسلىق ۋەزىپىلەرنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسىگە ئېنىق باھا بېرىشىمىز كېرەك.

     يېقىندا، ئىنسانلار خىرىس ۋەزىپىسىنىڭ رامكىسىنى يارىتىشنى قىياس قىلىپ چىقتى. خىرىس ۋەزىپىسى ماتېماتىكىدا پۇختا بولىدۇ. بۇ خىل ئۆلچەشنىڭ ئاساسى ئۇچۇر نەزەرىيەسى ۋە مۇرەككەپ نەزەرىيەلەرنى ئۆلچەش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت، كونكىرېتلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، خىرىس ۋەزىپىسىگە ماتېماتىكىنىڭ تارماق قىممىتىنى بېرىش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇلدا بىز ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ سەۋىيەسىگە ئاساسەن  مەيلى ئۇ ھايۋانات، ماشىنا ياكى نەزەرىيە جەھەتتىكى تاشقى پىلانت ئادىمى بولسۇن ــ خىرىس ۋەزىپىسىنى بېكىتىپ چىقىپ، ئاندىن نەتىجىسىگە نومۇر قويۇشىمىز كېرەك.

     بۇ بىزنىڭ ئالدىمىزغا مۇنداق بىر مەسىلىنى قويىدۇ: ماشىنىلار ئىنسانلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدىغان ھەقىقى ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولغان كۈن يېقىنلاپ كەلدىمۇ-قانداق؟

     تەرجىمە قىلغۇچى : مەھەممەت بارات

     (تەڭرىتاغ تورىدىن ئېلىندى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter