ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> رەھبىرىي كادىرلار ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىنى تۇرغۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم

رەھبىرىي كادىرلار ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىنى تۇرغۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم

2012-08-28 10:25     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئەسقەر مەخمۇت      ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلى كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش، بىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا قوللىنىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، ئۇنىڭ توغرا–خاتالىقى كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرنى بىلىش، تەھلى....

ئەسقەر مەخمۇت

     ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلى كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش، بىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا قوللىنىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، ئۇنىڭ توغرا–خاتالىقى كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرنى بىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىر بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتىمىز. ئالدىمىزدا پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭلا مەۋجۇت. شۇڭا، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىگىلەش، پارتىيەلىك كادىرلار بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئەستايىدىل ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلىدۇر. پەقەت ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىنى تۇرغۇزغاندىلا، بۈگۈنكى دۇنيا ۋە ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلىگىلى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق جەريانىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ.

 

1. ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلى كىشىلەرنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىشتە

ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇل بىلەن تەمىنلەيدۇ

 

      ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلى دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنى تۈپ ئىدىيەۋى قورال قىلىپ، ئىلمىي ئىزدىنىش، ئىلمىي پائالىيەتلەر ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى تەپەككۇر ئۇسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسىلىلەرنى كۆزىتىپ، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، قانۇنىيەتلىك بىلىشلەر ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

     بىرىنچى، ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلى ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى توغرا بىلىش ۋە ئىگىلەشنىڭ ئىلمىي قورالى. ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى بىلىش ۋە ئىگىلەش كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتى بىلەن ئۈنۈملۈك شۇغۇللىنىشىنىڭ ئاساسىي شەرتى. ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلى بىزنىڭ دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى كۆزىتىش، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى توغرا بىلىش ۋە ئىگىلەش، ئاساسىي ۋەزىپىلەرنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىشتە ئۈنۈملۈك قورال بىلەن تەمىنلەيدۇ. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات دەۋرنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىلمىي ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، سوتسىيالىزم دېگەن نېمە؟ سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك؟ قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش، قانداق تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسلىق مەسىلىلەردە بىر قاتار زور نەزەرىيەۋى مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇلار پارتىيەمىزنىڭ ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىنى قوللىنىش ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىزم قۇرۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيتىنى توغرا ئىگىلىگەنلىكىنىڭ ۋە ئۇنى ئاڭلىق ھالدا ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

     ئىككىنچى، ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلى توغرا لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تۈزۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلى ئىدىيەۋى لۇشيەننىڭ توغرا–خاتالىقىنى بەلگىلەيدۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئەمەلىيىتىدە پارتىيەمىز ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئەمەلىيەت جەريانىدا ھەقىقەتنى سىناش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىدىيەنى ئازاد قىلىشتىن ئىبارەت ئىدىيەۋى لۇشيەننى شەكىللەندۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ئىدىيەۋى ئاساس سالدى.

     ئۈچىنچى، ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلى رەھبەرلىك ئىقتىدارىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، ھاكىمىيەتنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشتەك مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، مۇشۇنداق ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتا رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى لازىم. تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ ئىلمىي–ئىلمىي ئەمەسلىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، بازار ئىگىلىكىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مۇرەككەپ ھادىسىلەردىن ماھىيەتنى بايقاپ، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى لازىم.

 

2. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىنى تۇرغۇزۇپ، ئىلمىي

تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى ۋەزىيەتنىڭ تەلىپى

 

      ھازىر، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چۇڭقۇرلاشماقتا، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولماقتا، مەنپەئەت مۇناسىۋەتلىرى ئۈزلۈكسىز مۇرەككەپلەشمەكتە، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى نۇقتىئىنەزەرلىرى كۆپ خىللاشماقتا. بۇلار رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىنى تۇرغۇزۇپ، ئىلمىي تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا.

     بىرىنچى، رەھبىرىي كادىرلار ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى لازىم. ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارى ئومۇمىيلىق، ئۇزاق مۇددەتلىك نۇقتىسىدىن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى بىلىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى؛ بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەر قايسى تەرەپلەرگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە يۆنىلىشىنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. 30 نەچچە يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئېلىمىز بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. شۇڭا، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتكە ھەر ۋاقىت تاقابىل تۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت بىلەن يىراق كەلگۈسى مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھازىرقىنى چىقىش قىلىپ، يىراققا نەزەر سېلىپ،خىزمەتلەرنىڭ ئىلمىيلىكى، سىستېمىلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

     ئىككىنچى، رەھبىرىي كادىرلار يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى لازىم. يېڭىلىق يارىتىش بىر مىللەت، بىر دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كونا قائىدىلەردىن ھالقىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، شەيئىلەر تەرەققىياتىدا ھەل قىلىش تەس بولغان يېڭى ئۇسۇل–چارىلەر ئۈستىدىن ماھىرلىق بىلەن ئىزدىنىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. دەۋر تەرەققىي قىلماقتا، ئەمەلىيەت ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەرەققىيات جەريانىدا زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرمۇ مەيدانغا چىقتى، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى جىددىي تەلەپ قىلماقتا. ئىدىيەۋى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەپەككۇر ئادىتىنى ئۆزگەرتىشنى، ئىلگىرىكى ئىدىيەۋى تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ چەكلىمىسى، سىرلىقلىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا.

     ئۈچىنچى، رەھبىرىي كادىرلار دىيالېكتىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى لازىم. دىيالېكتىك تەپەككۇر ئىقتىدارى مەسىلىنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتۇش، ماھىيىتى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى ئىزدەشكە ئەھمىيەت بىېرىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق، ماھىيەتلىك كۆزىتىشكە ماھىر بولۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، دۇچ كېلىۋاتقان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرمۇ ئاز ئەمەس، تۈرلۈك مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇپ، تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم . ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كونكرېتنى مەسىلىنى كونكرېتنى تەھلىل قىلىپ، ئوخشىمىغان مەسىلىلەرگە ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا ماھىر بولۇش؛ ۋەزىيەتنى ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات جەريانىدا مەيدانغا چىققان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا بىر تەرەپ قىلىپ، زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ تەرەققىياتنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى، سىجىللىقى، ئىمكانىيەتلىكلىكى، ئومۇميۈزلۈكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋەتلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىپ، ئاكتىپچانلىقىنى قوغداپ، يېتەكلەپ، جارى قىلدۇرۇپ، بىر تەرەپلىمىلىكتىن ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

 

3. رەھبىرىي كادىرلار ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىنى تۇرغۇزۇپ،

ئىلمىي تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە:

 

      بىرىنچىدىن، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشى لازىم. ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلى بىر خىل نەزەرىيەۋى تەپەككۇر ئۇسۇلى بولۇپ، چوڭقۇر نەزەرىيەۋى ئاساسنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا، رەھبىرىي كادىرلار نەزەرىيە ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ماركسىزم–لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيە سىستېمىسى شۇنداقلا پارتىيەنىڭ تۈرلۈك لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىشى، نەزەرىيە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ دۇنياسىنىمۇ ئۆزگەرتىشى لازىم.

      ئىككىنچىدىن، بىلىم قۇرۇلمىسىنى موللاشتۇرۇشى لازىم. رەھبىرىي كادىرلار توغرا ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆگىنىشنى دائىملىق، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەتتا ئۆمۈرلۈك ۋەزىپە قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۆگىنىشى ھەم بىلىمنى جۇغلاش ۋە يېڭىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇشقا تىرىشىشى لازىم.

      ئۈچىنچىدىن، ئەمەلىيەت جەھەتتە چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. رەھبىرىي كادىرلار ئەمەلىيەت جەريانىدا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، تەكشۈرۈپ–تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، سەزگۈر مەسىلىلەر ۋە خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلەرگە قارىتا ئىلمىي تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ۋە مۇھاكىمە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، شۇنداقلا ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇل، چارە – تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter