ئالىم بىز بلوگى

پېرۇنىڭ جۇڭگو تانكىسىنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلىشى (2010- يىل كۈز)

          پېرۇنىڭ يېقىندا جۇڭگو تانكىسىنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرگە پېرۇ، جۇڭگو، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت چېتىلىپ قالدى. رۇسىيەنىڭ دۇنيا قورال سودىسى مۇھاكىمە مەركىزى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پېرۇ جۇڭگونىڭ تانكىسىنى ئۇكرائىنانىڭ بېسىمى بىلەن قايتۇرۇۋەتكەن، چۈنكى ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەمۇ پېرۇنىڭ تانكا سېتىۋېلىش تۈرىگە خېرىدار بولغان؛ ھالبۇكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پېرۇنىڭ جۇڭگو تانكىسىنى سېتىۋېلىش پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ پېرۇنى زىيارەت قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشقان.

          تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پېرۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن چىلى گېرمانىيەدىن ‹‹قاپلان–4A2›› بەلگىلىك نىمكەش تانكا سېتىۋالماقچى بولغاچقا، پېرۇمۇ 2009 – يىلىنىڭ بېشىدا يېڭى بىر ئەۋلاد ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسىنى تاللاشقا باشلىغان. 2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، يەنى پېرۇنىڭ مۇستەقىللىق كۈنىدە، جۇڭگونىڭ ‹‹2000–MBT›› بەلگىلىك ئۇرۇش تانكىسىنى ھەربىي پاراتقا قاتناشتۇرۇشى، شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. پېرۇ زۇڭتۇڭى ئالەن گارسىئا ئەينى چاغدا جۇڭگو تانكىسىنى سېتىۋالىمىز، دەپ جاكارلىغان. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راپخېل رېيرېي پېرۇنىڭ پات ئارىدا جۇڭگو بىلەن ‹‹2000–MBT›› بەلگىلىك ئۇرۇش تانكىسى سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالايدىغانلىقىنى ھەم بۇ خىلدىكى تانكىنىڭ پېرۇدا سىناق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، پېرۇ ھەربىي دائىرىلىرى گېرمانىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە پولشادا ياسالغان تانكىلارنى سېلىشتۇرۇپ سىناق قىلغان. ئالەن گارسىئا پېرۇدا 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياسالغان ‹‹T-55›› بەلگىلىك تانكىلارنىڭ ھېلىمۇ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، پېرۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى يېڭىلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيتقان. رېيرېي جۇڭگو تانكىلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە باھاسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ: جۇڭگو تانكىسىنىڭ ھەر بىرى 5 مىليون دوللار، ئەكسىچە، گېرمانىيەنىڭ ‹‹قاپلان›› بەلگىلىك تانكىسى 13 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭ تانكىسىدا ئېتىلغان زەمبىرەك ئوقىنىڭ مۇساپىسى تۆت كىلومېتىرغا يېتىدۇ ھەم تانكىغا قارشى يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقىلى بولىدۇ، دېگەن.

          ئەمما بۇ كېلىشىم ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان. ‹‹2000–MBT›› بەلگىلىك تانكا جۇڭگونىڭ پاكىستانغا تەتقىق قىلىپ ياساپ بەرگەن ئېكسپورت مەھسۇلاتى بولۇپ، ھەرىكەت سىستېمىسىغا ئۇكرائىنانىڭ ‹‹26–TD›› بەلگىلىك دىزېل موتورى سەپلەنگەن. سىناقتا ئۇكرائىنانىڭ ‹‹84–T›› بەلگىلىك ئۇرۇش تانكىسى بىلەن رۇسىيەنىڭ ‹‹90–T›› بەلگىلىك تانكىسى ‹‹2000–MBT›› بەلگىلىك تانكىدىن كېيىن تۇرغان، رۇسىيە ھەربىي سانائەت بىرلەشمىسى تور پونكىتىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇكرائىنا موروزوۋ لايىھىلەش ئىدارىسىنىڭ باش لايىھىلىگۈچىسى ئوكرائىنا قورال ئېكسپورت – ئىمپورت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورىغا جۇڭگوغا ئۇكرائىنادا ئىشلەنگەن ‹‹2000–MBT›› بەلگىلىك موتورنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن. بۇ يىل 4 – ئايدا پېرۇ جۇڭگونىڭ ‹‹2000–MBT›› بەلگىلىك ئۇرۇش تانكىسىنى سېتىۋېلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگو تانكىسى ئوت كۈچى ۋە ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلگەن، ئۇنىڭ مۇستەقىللىق كۈنىدە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا نامايان بولۇشى، ھەربىي دائىرىلەرنىڭ سېتىۋېلىشنى قارار قىلغانلىقى ئەمەس دېگەن. رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پېرۇنىڭ يېقىندا ھەربىي پاراتقا قاتناشتۇرۇلغان جۇڭگو تانكىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشى پېرۇنىڭ ‹‹2000–MBT›› بەلگىلىك تانكىنى سېتىۋېلىش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېيىلگەن.

          پېرۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يەنە پېرۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ جۇڭگو تانكىسىنى سېتىۋېلىش پىلانىنى توڭلىتىشنى جاكارلىشىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىسنىڭ پېرۇنى زىيارەت قىلىشىغا ئاز قالغان پەيتكە توغرا كەلگەنلىكىگىمۇ دىققەت قىلغان. رېيرېي شۇ كۇنى بۇ ئىشنى كېلەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ قارار قىلىشىغا قويۇپ قويغانلىقىنى، پېرۇنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلان، قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى، دوختۇرخانا ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىش دېگەندەك ئالدىن ئويلىشىدىغان ئېھتىياجلىرى بولۇپ، تانكا سېتىۋېلىش پىلانىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىدە باشقا ئامىللارنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان. بىراق شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىياس قىلىشىچە، پېرۇ ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسى، ئامېرىكا پېرۇ بىلەن بولغان ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ۋە رۇسىيەنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقى قويۇقلاشقاچقا، ئامېرىكا ‹‹ئارقا ھويلىغا ئوت كېتىش››تىن ئېھتىيات قىلغان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: پېرۇنىڭ جۇڭگو تانكىسىنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلىشى (2010- يىل كۈز)

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-05-12
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: