ماۋزېدۇڭ ھەققىدە ئېلان قىلىنمىغان ھېكايىلەر

سەھپە: شەخىسلەر ھاياتى باھا:0

بىرىنچى ھېكايە : ماۋزېدۇڭ بىلەن پۇيى

 

                   1961- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ماۋزېدۇڭ جوڭنەنخەيدىكى ئائىلە زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، بەش نەپەر مويسىپىتنى مېھمانغا چاقىرىدۇ. بۇلار پۇيىدىن باشقا يەنە جاڭ شىجاۋ، چېڭ چيەن، چۇ ئاۋ ۋە ۋاڭ جىفەنقاتارلىقلار ئىدى. تاماق ۋاقتىدا ماۋ رەئىس ئۇلارنى تاماقخانىسىغا باشلىدى. ماۋ رەئىس ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن پۇيىنىڭ قۇلىدىن تۇتۇپ، ئۇنى ئۆز يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. ماۋ رەئىس قىزىقچى بولۇپ ، چاقچاققا ئامراق ئىدى. ئۇ پۇيىغا چاقچاق قىلىپ: «سىز مىنىڭ باشلىقىم جۇمۇ، مەن سىزنىڭ قول ئاستىڭىزدا پۇقرا بولغان!» دەيدۇ ۋە پۇيىنىڭ تەخسىسىگە سەي سېلىۋېتىپ: «تېتىپ بېقىڭ، بۇ بىزنىڭ خۇنەننىڭ ئاچچىق كاۋىسىدىن قىلىنغان سەي!» دەيدۇ. مېھمانلارنىڭ ئىچىدە پۇيىدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى خۇنەنلىك بولۇپ ، ئۇلار رەئىسنىڭ يۇرتداشلىرى ئىدى. شۇڭا رەئىس يۇرتىنىڭ سەيلەرىدىن زىياپەت تەييارلاپ مېھمان چاقىرغان ئىدى. ماۋ رەئىس پۇيىنىڭ ئۆزى سېلىپ بەرگەن سەينى يېگەنلىكىنى كۆرۈپ : «تەمى قانداقكەن؟ ياخشىمىكەن؟» دەپ سورايدۇ. پۇيى ئالدىراپ: «ياخشىكەن، مىززىلىككەن!» دەپ جاۋاب بىرىدۇ. ماۋ رەئىس پۇيى بىلەن تاماق يېگەچ سۆھبەتلىشىدۇ.

              – سىز تېخى ئۆيلەنمىدىڭىزغۇ دەيمەن؟

              – ياق تېخى ئۆيلەنمىدىم.

             ماۋ رەئىس ئۇلاپلا: «سىز توي قىلسىڭىز بولىدىغۇ!»، «لېكىن سىزنىڭ نىكاھ ئىشىڭىزنى سالماقلىق بىلەن ئويلىشىش كېرەك ، بولۇشىغىلا قىلىپ قويغان بىلەن بولمايدۇ، مۇۋاپىق لايىق تېپىش كېرەك ، بۇ دېگەن كېيىنكى ئۆمۈرنىڭ ئىشى، ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بۇلىۋېلىشىڭىز كېرەك» دەيدۇ.

           تاماقتىن كىيىن ئۇلار ماۋ رەئىس بىلەن رەسىمگە چۈشىدۇ. 1963- يىلى 11- ئاينىڭ 26- كۈنى ماۋ رەئىس كۇبا شائىرلىرى، يازغۇچىلىرى، سەنئەتكارلىرى بىرلەشمىسى ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بىداررودرىگس بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىمۇ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ پۇيى بىلەن كۈرۈشكەنلىكىنى، ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلغانلىقىنى، پۇيىنىڭ ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتىپ بىرىدۇ. پۇيى ئۆيلەنگەندىن كىيىن بۇ ئۇچرىشىشنى بىر نەچچە قېتىم ئايالىغا سۆزلەپ بىرىدۇ.

              1964- يىلى 2- ئاينىڭ 13- كۈنى يولداش ماۋزېدۇڭ باھار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدا پۇيىنى تىلغا ئېلىپ: «شۈەنتوڭ بىلەن ئوبدان ئىتتىپاقلىشىشىمىز كېرەك ، ئۇ ۋە گۇاڭشۈخانلار ئىلگىرى بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى باشلىقلار ئىدى، مەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا پۇقرا بولغان. ئاڭلىسام پۇيىنىڭ تۇرمۇشى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەن. ئايدا ئاران 180 نەچچە يۈەن مائاش ئالىدىكەن، بۇ بەك ئازغۇ- دەيمەن!» دېگەن ھەم سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يېنىدىكى جاڭ شىجاۋغا بۇرۇلۇپ: «مەن قەلەم ھەققىمدىن ئازراق ئاجرىتىپ سىز ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىبەرتمەكچىمەن. ئۇ تۇرمۇشىنى ياخشىلىۋالسۇن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ‹بېلىقچى قۇرۇق تورنى قۇچاقلاپ قاپتۇ› دېگەندەك ئىش بولۇپ قالمىسۇن يەنە. چۈنكى ئۇ دېگەن پادىشاھ ئەمەسمۇ!» دەيدۇ. پۇيى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ئىنتايىن تەسىرلىنىپ خوتۇنىغا : «بىزنىڭ ھازىرقى ھالىمىزمۇ ناھايىتى  ياخشى، ئۆز ئەمگىگىمىزگە تايىنىپ ياشاشنىڭ ئۆزى بەخت ئەمەسمۇ؟ بىز ماۋ رەئىسنىڭ پۇلىنى ئالمايلى، ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلىنى قوبۇل قىلايلى، مۇشۇنداق قىلساق سىزنىڭچە توغرا بۇلارمۇ؟» دېگەندە ، ئۇنىڭ ئايالى پۇيىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىدۇ .

ئىككىنچى ھېكايە : ماۋزېدوڭنىڭ پايپىقى

 

               يەنئەندە مەركەز باشلىقلىرىدىن تارتىپ ئاشپەزلەرگىچە ھەر ئادەمگە ئۈچ يىلدا بىر قۇر پاختىلىق كىيىم، ئىككى يىلدا بىر قۇر يېلىڭ كىيىم، ھەر ئايدا بەش مو پارچە خىراجەت تارقىتىلىدىكەن. مەيلى پاختىلىق كىيىم ياكى يېلىڭ كىيىم بولسۇن ساماننىڭ كۈلىدە بويالغاچقا كۈلرەڭ ئىكەن. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا يەنئەندە بۇياق قىس ئىكەن.(ئاساسەن تېپىلمايدىكەن) چىقىمنى تېجەپ ، خەلقنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، كۆپچىلىك پاختىلىق كىيىم ياكى يازلىق كىيىملىرى بولسۇن، قايتا-قايتا ياماپ كىيىدىكەن. كىيىم ئالماشتۇرۇش ۋاقتى كەلگەندە بىر-بىرىگە ئۆتۈنۈپ، يېڭىسىنى ئالغىلى ئۇنىمايدىكەن. پايپاق يىتىشمەيدىغان بولغاچقا ، قىش كۈنلىرى پايپاق كىيىپ، ياز كۈنلىرى ئاساسەن پايپاقسىز چىغ كەشنىلا كىيىدىكەن. ماۋ رەئىسنىڭ خىزمەتچىسى لى جىن ئۆزى ئىگىرگەن يىپ بىلەن ماۋ رەئىسكە بىر جۇپ پايپاق توقۇپ بېرىدىكەن. ماۋ رەئىس ئۇنى كىيىشكە كۈزى قىيماي، لى جىننى بىر جۈپ پايپاق چەمى تىكىپ، ئۇنى ھېلىقى پايپاقنىڭ چەمىگە تىكىپ قويۇشنى بۇيرىيدىكەن. ھەمدە: «بۇنداق بولغاندا چىداملىق بولىدۇ » دەيدىكەن. كۆپچىلىك ماۋ رەئىسنىڭ بۇ ئىشىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىشىدىكەن.

ئۈچىنچى ھېكايە : ماۋزېدۇڭنىڭ كىگىز قۇلاقچا كىيىشى

 

              يەنئەندىكى ئىنقىلاب مۇزېيخانىسىدا ماۋ رەئىسنىڭ كىگىز قۇلاقچا كىيىپ دوكلات بېرىۋاتقان، يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بىر نەچچە پارچە سۈرىتى بار بولۇپ ، بۇ كىشىلەرگە ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىتىدۇ.

             شىمالى شەنشىنىڭ قىش كۈنلىرى ناھايىتى سوغۇق بولۇپ ، قۇلاقچا بولمىسا قىشتىن چىقماق تەس ئىدى. بىراق گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قامال قىلىشى ئاستىدا يەنئەندە ماددىي ئەشيا ئىنتايىن كەمچىل ئىدى. يەنئەندىكى ئارمىيە خەلق ماۋ رەئىسنىڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى چاقىرىقى بويىچە ئۆزلىرى قول سېلىپ ئىشلەپ، بىر تۈركۈم كىگىز قۇلاقچىلارنى تىكىدۇ. ئاشۇنداق شارائىت ئاستىدا ماتېرىيال ناچار، تېخنىكا تۆۋەن بولغاچقا تىكىلگەن كىگىز قۇلاقچىنىڭ قانداق بۇلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بۇلاتتى ئەلۋەتتە. قۇلاقچىنىڭ قاسقىنى ئىگىلىپ تۇرغان، چېكىلىكى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرغان بولۇپ ، كۆرۈمسىز بولغاچقا ھېچكىم كىيىشنى خالىمايتتى.

            بىر كۈنى مۇھاپىزەتچى مۇشۇنداق قۇلاقچىدىن بىرنى ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى ماۋ رەئىسكە كۆرسەتكەچ، كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ماۋ رەئىسكە يەتكۈزۈپ: «بۇ قۇلاقچا ئىسسىق بولسىمۇ كۆرۈمسىز بولغاچقا، كىيسە باشقىلار زاڭلىق ئېتىپ كۈلىدىكەن، شۇڭا ھېچكىمنىڭمۇ ئۇنى كىيگىسى كەلمەيدىكەن» دەيدۇ. ماۋ رەئىس بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن قۇلاقچىنى قۇلىغا ئېلىپ بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كىيىن كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇ قۇلاقچا يامان ئەمەستەك قىلىدۇ، ھېچكىم كىيمىسە مەن كىيەي» دەپلا بېشىغا كىيىپ، قەستەن ھويلىغا چىقىپ بىر ئايلىنىدۇ. بۇنى كۆرگەن يولداشلار ئۆزىنى باسالماي كۈلۈشۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ماۋ رەئىس سىرتلارغا يىغىنغا بارغاندا، دوكلات بېرىشكە بارغاندا دائىم دېگۈدەك مۇشۇ قۇلاقچىنى كىيىۋالىدۇ. ماۋ رەئىسنىڭ باشلامچىلىق بىلەن كىگىز قۇلاقچا كىيگەنلىك خەۋىرى ناھىيىتى تىزلا ھەممە يەرگە تارىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارمۇ بۇنداق كىگىز قۇلاقچىنى خۇشاللىق بىلەن كىيىدىغان بولىدۇ . كىيىنچە چېگرا رايون خەلقى: «8- ئارمىيىدىكى سەھرالىقلار بېشىغا كىيىۋالىدۇ كىگىز قۇلاقچا، جاسارەت بىلەن جەڭگە ئاتلانسا تاپالمايدۇ دۈشمەن كىرىشكە كاما» دېگەن قوشاقنى توقۇپ چىقىدۇ.

تۆتىنچى ھېكايە : ماۋزېدۇڭنىڭ ئۈچ ئارزۇسى

 

              1961- يىلى 8- ئايدا يولداش ماۋزېدۇڭ قوغدىغۇچى خادىم جاڭ شيەنمىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۆزىنىڭ ئۈچ ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتىدۇ: بىرىنچىسى، كۆپرەك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئەھۋال ئىگىلەش، بىيوگرات بولۇپ قالماسلىق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كادىرلارغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆۋەنگە چۈشۈپ بىر يىل سانائەت بىلەن، بىر يىل يېزا ئىگىلىكى بىلەن، يېرىم يىل سودا بىلەن شۇغۇللىنىش؛ ئىككىنچىسى، گېئولوگىيە جەھەتتىكى ساۋاتى كەمچىل بولغاچقا بىر نەپەر گېئولوگ ، بىر نەپەر تارىخشۇناس، بىر نەپەر ئەدىبنى تەكلىپ قىلىپ بىرلىكتە ئات مىنىپ خۇاڭخې دەرياسى، چاڭجاڭ دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا بېرىپ ئەمىلى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش؛ ئۈچىنچىسى ، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا بىر كىتاب يېزىش. دۇنيا خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشى ياكى يامان ئادەم ئىكەنلىكىگە باھا بېرىشى ئۈچۈن، كەمچىلىك، خاتالىقلىرىنى تولۇق كۆرسىتىش. يولداش ماۋزېدۇڭ يەنە مۇنداق دېگەن ئىدى: مىنىڭ ياخشى تەرىپىپ %70 نى، يامان تەرىپىم %30 نى ئىگىلىسىلا بۇنىڭدىن رازى بولىمەن. مەن ئۆز كەمچىلىكلىرىمنى يوشۇرمايمەن ، مەن ئەۋلىيا ئەمەس.

2011.05.8 ئاپتور: TuranTekin
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup