ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> قانۇن- نىزام >> تەپسىلاتى

ئەخلاق قارىشىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىنى توسۇش كېرەك

          يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹زەھەرلىك سۈت پاراشوكى››، ‹‹ئورۇق گۆش جەۋھىرى››، ‹‹يۇندا ياغ››، ‹‹رەڭلىك موما›› قاتارلىق ۋەقەلەر ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەردى. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت بۇ ۋەقەلەر سەمىمىيەتنىڭ كەمچىللىكى، ئەخلاق قارىشىنىڭ قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە سۇسلىشىپ كەتكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

          زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ ‹‹راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش كېرەك گوۋۇيۈەن مەسلىھەتچىلىرى ۋە مەركەز تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات سارىيىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت يىغىنىدىكى سۆز››ىدە دېيىلگەن بۇ سۆزلەر كىشىنى غەپلەتتىن ئويغىتىپ، ئويلاندۇرىدۇ: ئەخلاق قارىشىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىنى قانداق قىلغاندا توسۇپ قالغىلى بولىدۇ؟

          ماددىي بايلىق تېز كۆپىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ ئەخلاق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن سېلۇشتۇرغاندا ئارقىدا قېلىۋاتىدۇ. بۇنى ماددىي بايلىقنىڭ تېز ئېشىشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەخلاق بايلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا؛ ماددىي مەنپەئەتنىڭ جەلپكارلىقى بىلەن سېلۇشتۇرغاندا، ئەخلاقنىڭ سېھرىي كۈچى ناھايىتى ئاجىز بولماقتا. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەخلاق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، سەمىمىيەتكە، مەسئۇلىيەتكە، ئىنساپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان كۈچلۈك جامائەت پىكرى كەيپىياتى شەكىللەندۈرگەندىلا، ئەخلاق قارىشىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ. تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق ۋە تېخىمۇ كۆپ بايلىق تېخىمۇ كۆپ ئەخلاق مەسئۇلىيىتىدىن دېرەك بېرىدۇ. كىشىلەردە ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش شەرەپ، ئەخلاققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك نومۇس دەيدىغان قاراش تۇرغۇزۇش لازىم.

          دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئەخلاق قۇرۇلۇشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەندىلا، ئەخلاق قارىشىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ. قانۇن بىلەن ئەخلاق ئىككى كاتېگورىيەگە تەۋە بولۇپ، ئۇلارنى بىر بىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ. قانۇن بىلەن ئەخلاق يەنە ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولىدۇ، قانۇن، قائىدە – نىزاملار مۇكەممەل بولۇپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئەخلاق قارىشىغا ئىگە كارخانىلار ۋە شەخسلەرگە قارىتا قوغداش رولىنى ئوينىغىلى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، ئىنتىزامنى بۇزغان، ئەخلاقى بۇزۇلغانلارنى چۆچۈتكىلى بولىدۇ.

          نەچچە مىڭ يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇق ئېلىشىمىز، دۇنيانىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكنى تۈگىتىشىمىز كېرەك. زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ يۇقىرىقى سۆزى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم بىر تەرىپىنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى. يەنى مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت چاقىرىق كۈچى ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىگە ئىگە، دۇنيادىكى ئىلغار مەدەنىيەتنىمۇ ‹‹ئېلىپ كېلىشكە›› توغرا كېلىدۇ. جەمئىيەتتە ئەخلاققا، سەمىمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان كەيپىيات شەكىللەندۈرگەندە، دۆلىتىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

          شىنخۇا ئاگېنتلىقى

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: