ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> بەختىيار شىنجاڭ بەرپا قىلىشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار

بەختىيار شىنجاڭ بەرپا قىلىشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار

2011-05-16 3:15     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:           بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئاپتونوم رايون شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇشنى، ‹‹بەختىيار شىنجاڭ›› بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ‹‹بەختىيار شىنجاڭ›› بەرپا قىلىشنى ئ....

          بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئاپتونوم رايون شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇشنى، ‹‹بەختىيار شىنجاڭ›› بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ‹‹بەختىيار شىنجاڭ›› بەرپا قىلىشنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەشۋىقاتى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە، تېخىمۇ مۇھىمى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ‹‹بەختىيار شىنجاڭ›› بەرپا قىلىشتا ھۆكۈمەت ئاچقۇچ بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى. ھۆكۈمەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2010 – يىلىدىن بۇيان كۆپ مەبلەغ سېلىپ، ئاممىغا كىيىم – كېچەك، يېمەكلىك، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردە زور غەمخورلۇق قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بەردى، ئاممىغا ئىش ئورنى ھازىرلاپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى سىياسەت جەھەتتىن قوللىدى؛ 2011 – يىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى››دا خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار 22 تۈرلۈك قۇرۇلۇشنىڭ يولغا قويۇلۇشى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹بەختىيار شىنجاڭ›› بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدۇ. ھۆكۈمەت جامائەت مۇلازىمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى كاپالەتلىك تۇرالغۇ، ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش››، ‹‹ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش›› قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا مائارىپ، سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئاممىۋى قاتناش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلارغا سەرپ قىلىپ، ھەممە كىشىنى جامائەت مالىيەسىنىڭ ھىممىتىدىن بەھرىمەن قىلىۋاتىدۇ.

          «بەختىيار شىنجاڭ›› بەرپا قىلىشتا ھەر مىللەت ئامما تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش بىلەن بىللە، بەختنى ئورتاق يارىتىش ئېڭىنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. بەخت تىلغا ئېلىنسىلا، ھەممە كىشى بەختتىن بەھرىمەن بولۇشنىلا ئويلىماسلىقى كېرەك. بەخت ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، بەختنى يارىتىدىغان كىشىلەر بولمىسا، بەخت نەدىن كېلىدۇ؟ بەختنى ئورتاق يارىتىش دېگەنلىك، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ئىشلەپ، جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى ھازىرلاپ، بەختنى ئورتاق يارىتىش جەريانىدا، بەختتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، بەختتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش جەريانىدا، بەختنى ئورتاق يارىتىشنى كۆرسىتىدۇ. خەلق ئاممىسى بىلەن ‹‹بەختىيار شىنجاڭ››نى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنىڭ مەقسىتى ‹‹بەختىيار شىنجاڭ››دىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، ‹‹بەختىيار شىنجاڭ››نىڭ سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ۋە دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە ماكان ھازىرلاشتىن ئىبارەت.

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter