ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> سىياسىي- نەزەرىيە >> تەپسىلاتى

شىنجاڭلىقلارنىڭ تىرىشچان–ئەمگەكچان روھى

 دۇ شۆمېي

 

          ئەمگەك كىشىلەرنىڭ ماھىيىتىگە سىڭگەن. ماركسىزم ئەمگەك ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ بىرىنچى ئاساسىي شەرتى، دەپ قارايدۇ. ئېنگلىز: ‹‹ئەمگەك ئادەمنىڭ ماھىيىتىنى ياراتقان›› دېگەن. ئەمگەك ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. ئەمگەك بولمىسا ھېچنىمە بولمايتتى.

           تىرىشچان – ئەمگەكچان بولۇش ئەخلاقنىڭ ئاساسى. ئىلگىرىكى پەيلاسوپلار ئەخلاقنىڭ مەنبەسىنى ئادىمىيلىككە يىغىنچاقلىغان، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئابىستراكىت ئادىمىيلىك مەۋجۇت ئەمەس. ئىپتىدائىي ئادىمەنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ھايۋاننىڭ خۇسۇسىيىتىگە يېقىنراق دېيىشكىمۇ بولىدۇ. تارىخىي ماتېرىيالىزملىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەخلاقنىڭ مەنبەسى ئەمەلىيەت، ئەمگەك ئەخلاقنىڭ ئاساسى، ئەمگەك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئەمگەكچىلا چۈشىنىدۇ. ئەمگەكچان بولۇش تىرىشچان – ئىقتىسادچان بولۇش بىلەن زىچ باغلانغان. كونىلار: <<;تېجەشلىك بولۇش – دىيانەتلىك بولۇش، دىيانەتلىك بولۇش – دۇرۇس بولۇش دېمەكتۇر، دۇرۇس، شەخسىيەتسىز كىشىلەر جەسۇر ھەم ئالىيجاناب كېلىدۇ>> دېگەن ئىدى. تىرىشچان – ئەمگەكچان بولۇپ، ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلىگەندىلا، ئۆگىنىشنى، ئىلىم – پەننى، سەنئەتنى، خەلقنى، يۇرت – ماكاننى، ۋەتەننى، تىنچلىقنى، تەبىئەتنى ھەم بارلىق گۈزەل شەيئىلەرنى ۋە ھەرىكەتلەرنى قىزغىن سۆيگىلى بولىدۇ. تىرىشچان – ئەمگەكچان بولۇش بىلەن زورلۇق قىلىش بىر – بىرىگە زىت. زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىشتىن پەخىرلىنىدىغانلار تىرىشچان – ئەمگەكچان بولۇشنى ئەخمەقلىق دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ ياشىغۇچىلار ھەم ئۇنى قەدىرلىگۈچىلەر مۇقەررەر ھالدا زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغۇچىلاردىن نەپرەتلىنىدۇ. دېمەك بۇنىڭدىن ساختىلىققا، راھەتپەرەسلىككە، باشقىلارغا زىيان سېلىپ ئۆزى پايدا ئالغۇچىلارغا، پارىخورلۇققا بولغان قارشىلىق كۈچىيىدۇ. شۇڭا تىرىشچان – ئەمگەكچان بولۇش روھىدا ھامان ئېكسپىلاتاتسىيەگە، ئېزىشكە قارشى ئىنقىلابىي روھ ئەكس ئېتىدۇ.

          دۇنيادا ئەڭ زېرەك، ئەڭ ئەمگەكچان، ئەڭ قەيسەر كىشىلەرمۇ بار. ئۇلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ %0.3 ىنى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرىنى تۇتقان، ئۇلار نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ %17 ىنى ئىگىلەپ، دۇنيادىكى %30 تىن ئارتۇق بايلىقنىڭ ئېگىسىگە ئايلانغان. ئۇلار كىملەر؟ ئۇلار يەھۇدىيلار. دۇنيا نېفىت ماگناتى روكفېللېر، پۇل مۇئامىلە كاتتىبېشى سورۇس، ۋال كوچىسىدىكى پۇل مۇئامىلە كاتتىلىرىدىن مورگېن، گرىنسپان، بۇففېت، قىزىل كاپىتالىست خامېر… قاتارلىق كىشىلەر يەھۇدىيلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدۇر. ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرى قەيەردە؟

           شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 1 – شىسىدا كۆرۈلگەن بىر ئىش بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يېزا ئىگىلىك 1 – شىسى پاختا تېرىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەدىن ئاپتوماتىك پاختا تېرىش ئۈسكۈنىسى كىرگۈزگەندە، ئىسرائىلىيەلىك يەھۇدىي مېخانىكمۇ ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن كەلدى، ئۇلار ئەتىگەن سائەت 6دىن كەچ سائەت 11 گىچە خىزمەت قىلدى، كۈندىلىك خىزمەت ۋاقتىنى 17 سائەتتىن ئاشۇردى، ئىش ئۈنۈمىنى يەرلىك خىزمەتچىلەر ئىش ئۈنۈمىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭلەشتۈردى. ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ‹‹ئەمگەكنى مۇتلەق مەقسەت ۋە مۇقەددەس بۇرچ دەپ بىلىش››تىن ئىبارەت.

           جۇڭخۇا مىللەتلىرى تىرىشچان – ئەمگەكچان بولۇش روھى بىلەن پارلاق قەدىمىي مەدەنىيەت ۋە ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، تاڭ سۇلالىسى، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلدى. ۋەھالەنكى، مىڭ سۇلالىسى، چىڭ سۇلالىسىدىن كېيىن بىر ئىزدا توختاپ قالدى، ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن غەرب بۇرژۇئا ئەللىرىدىن خېلىلا كېيىن قالدى. دېمەك مىڭ سۇلالىسى، چىڭ سۇلالىسىدىن كېيىن جۇڭگو خەلقى تىرىشچان – ئەمگەكچان بولالمىدىمۇ؟ 15 –، 16 – ئەسىر دۇنيا ئەللىرى ئوتتۇرا ئەسىردىن ھازىرقى زامانغا ئۆتكەن بۇرۇلۇش مەزگىلى بولۇپ، غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە يانچىلىق تۈزۈمى تەدرىجىي شەكىللەندى، خىرىستىيان دىنىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى، بۇرژۇئا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى ۋە يېقىنقى زامان ئىلىم – پەن تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تىرىشچان – ئەمگەكچان بولۇش، ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىش، يېڭىلىق يارىتىش ياۋروپا دۆلەتلىرى پۇقرالىرىنىڭ يېڭى پەزىلىتىگە ئايلاندى. دەل مۇشۇ تارىخىي بۇرۇلۇش مەزگىلىدە، ئېلىمىزدە فېئودال مۇستەبىتچىلىك تېخىمۇ يامانلىشىپ، سودا – سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىلغار ئىدىيەلەر، پەن – تېخنىكا ۋە تىرىشچان – ئەمگەكچان بولۇش روھىنىڭ راۋاجلىنىشى باستۇرۇلدى. بۇنداق مۇستەبىت ھاكىمىيەت سەۋەبىدىن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تىرىشچان – ئەمگەكچان بولۇش روھى دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ راۋاجلىنالمىدى، ئۆگىنىش، يېڭىلىق يارىتىش، ھەمكارلىشىشتەك زامانىۋى مىللەت ھازىرلاشقا تېگىشلىك پەزىلەت ۋاقتىدا سىڭىپ كىرەلمىدى.

            ھازىر ئاپتونۇم رايونىمىز تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەزگىلى ۋە يېڭى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بىز شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز دەيدىكەنمىز، مەركەزنىڭ زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىشى ۋە 19 ئۆلكە(شەھەر)نىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمىگە تايىنىشتىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمگەك شەرەپلىك، بىلىم مۇقەددەس، ئىختىساسلىقلار قىممەتلىك، كەشپىيات ئۇلۇغ دەيدىغان يېڭى دەۋر كەيپىياتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى قىيىنچىلىق، خېيىم – خەتەرلەرنى يەڭگەندىلا، ئاندىن تارىخىي ۋەزىپىنى ئادا قىلالايمىز.

           ۋاقىت ھايات دېمەكتۇر. ۋاقىت تىرىشقانلارغا ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچ ئاتا قىلىدۇ، ھۇرۇنلارنى ئۆكۈنۈش، پۇشايمانغا دۇچار قىلىدۇ. بەزىلەر ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؛ بەزىلەر چاكىنىلىق بىلەن ياشاپ، ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ. بىر ئادەم قانداق بولسا، جەمئىيەتمۇ شۇنداق بولىدۇ.

           ئۈنۈم تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. باشقىلاردىن بىر قەدەم كەينىدە قېلىش ئاخىرىدا 100 قەدەم كەينىدە قېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىكىنى قەدەمدە بىر ئۇچراتقىلى بولىدۇ، تۈزۈمنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. لېكىن يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ يەنىلا ئادەمگە باغلىق. ئۆزگەرتىش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىشنى ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ ئىدىيەسىدىن باشلاش كېرەك. ھەرقانداق ئادەم ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولغان، ئىشنى مەقسەتلىك قىلغاندىلا، ھەقىقىي ئۆزگىرىش ياسىغىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلالىساقلا، شىنجاڭچە سۈرئەت، شىنجاڭچە ئۈنۈم، شىنجاڭچە ئىقتىدارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.

          بىلىم كۈچ دېمەكتۇر. ھەقىقىي تىرىشچان – ئەمگەكچان بولۇش ئەمگەك كۈچى بىلەن زېھنىي كۈچنىڭ، ئوبيېكتىپ بىلەن سۇبيېكتىپنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشىدۇر، بىلىم بىلەن ئىقتىدار ئەمگەكنى بايلىققا ئۆزگەرتكۈچىدۇر. بىر مۇتەخەسسىس مۇنداق دېگەن: <<بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە، مەبلىغىڭىز بولۇپ، بىلىمىڭىز بولمىسا، يېڭى ئۇچۇرغا ئىگە بولمىسىڭىز، قانداقلا كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىشىڭىز، ھەر قانچە تىرىشىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، مەغلۇپ بولۇشىڭىز ئېھتىماللىققا شۇنچە يىقىن بولىدۇ، بىراق بىلىمگە ئىگە بولسىڭىز، مەبلىغىڭىز بولمىغان تەقدىردىمۇ، تۆلىگەن كىچىككىنە بەدىلىڭىز بىلەنلا نەپكە ئېرىشەلىشىشىڭىز ھەم شۇنىڭدىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىز مۇمكىن.

           تىرىشچان – ئەمگەكچان بولۇش كىشىنىڭ پەزىلەت كاپىتالى، سۇبېيكتىپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، بۇنداق ئىشلەپچىقىرىش كۈچى باشقا ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە زورايتىدۇ، بۇنداق سۇبېيكتىپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولمىسا، ھەرقانداق ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولمايدۇ. تىرىشچان – ئەمگەكچان بولۇش روھىنى ئۇرغۇتقانلىق ھەم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلغانلىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن گۈزەل ئەخلاق يېتىلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: