كىم كىمگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ؟

سەھپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە باھا:0

دېڭىز ئارمىيەرىمىزنىڭ گېنېرال مايورى ئامېرىكا، ياپونىيەنىڭ ھەربىي كۈچىگە

 باھا بەردى، زادى كىم كىمگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ؟

 

               8- فېۋرال، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسى، دېڭىز ئارمىيە گېنېرال–پولكوۋنىكى مۇللىن يېڭى نۇسخىدىكى ‹‹ دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيە دوكلاتى›› نى رەسمىي ئىمزالاپ تارقىتىپ، جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلاردا باش كۆتۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇددىئاسىنى ئاشكارىلىدى: ‹‹ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئىشلىرى ۋە مەنپەئەتى ئاسىيا–تىنچ ئوكيان رايونلىرىدىن كۆپرەك كېلىدۇ››، ‹‹جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىغا داۋاملىق يېقىندىن دىققەت قىلىش كېرەك››، ‹‹(ياپونىيە ) ئۆزىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىش››، ‹‹ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك›› دېگەنلەرگە ئوخشاشلارنىڭ ھەممىسىدە فوكۇس نۇقتىسى ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن ھالدا جۇڭگوغا توغرىلانغان .

                خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا سۆز سىستېمىسى ئىچىدە، جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشى باشتىن ئاخىرى بىر ‹‹سەلبىي ئۆزگەرگۈچى مىقدار›› بولۇپ، جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتى يالماۋۇزلاشتۇرۇۋېتىلدى.

             «سېلىشتۇرۇش بولمىسا پەرقلەندۈرۈش بولمايدۇ››. بىز ‹‹جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار تەھدىتى نەزەرىيەسى›› نىڭ ئاساسىي مەنبەسى بولغان ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچى، ئىستراتېگىيەلىك يادرو قوراللىرى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش كۈچى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان ئاساسىي ئەسلىھەلەردىن تەركىب تاپقان ‹‹ئۈچنى بىر گەۋدە قىلغان›› ئىستراتېگىيەلىك كۈچىنىڭ تەۋرەنمەيدىغان مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەۋاتقانلىقىغا قاراپ باقايلى. ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يادرو ئوق بېشىنىڭ ئومۇمىي ئىكۋىۋالېنتى پۈتكۈل دۇنيانى كۆپ قېتىم ۋەيران قىلالايدۇ، ئۇنىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدتىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى بۇزۇۋېتىش تەس بولغان قالقان بولۇپ شەكىللەندى. ئۇنىڭ دائىملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىرىنىڭ يىراق مۇساپىلىق زەربە بېرىش كۈچى ‹‹پۈتۈن يەرشارىغا توغرا، ۋاقتىدا زەربە بېرىش›› نى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، ئىستراتېگىيەلىك بومباردمانچى ئايروپىلانلىرى پۈتۈن يەرشارىنى تېزلىكتە توغرا ئىستراتېگىيەلىك بومباردمان قىلالايدۇ. يېقىندا مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىنغان X–37B بەلگىلىك ئاۋاز تېزلىكىدىن نەچچە ھەسسە تېز ئۇچىدىغان ئايروپىلان مۆلچەرلەش قىيىن بولغان ھەربىي ئىشلار ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلالايدۇ. تېخىمۇ ئىلغار X–47B بەلگىلىك ئايروپىلانى تېزلىكتە تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەلىرى پۈتۈن يەرشارىغا جايلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يەرشارى بويىچە ئۇرۇش قىلىش ئەمەلىي كۈچىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى پۈتۈن يەرشارى تورسىمان ھەربىي ئىشلار ئىتتىپاقى بازىسىغا ئىگە. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى پۈتۈنلەي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇرۇش قىلىش سۇپىسىنى ‹‹ئادەمسىزلەشتۈرۈش›› ۋە ‹‹تورلاشتۇرۇش›› يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئالدىدا مېڭىش دەرىجىسىنى باشقا دۆلەتلەر سېلىشتۇرۇشى قىيىن بولغان سۈرئەت بىلەن كېڭەيتمەكتە.

             بىز يەنە ‹‹جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار تەھدىتى نەزەرىيەسى›› نى يۇقىرى مۇقام بىلەن توۋلاشنى باھانە قىلىپ ، ھەربىي تەييارلىقىنى كۈچەيتىۋاتقان ياپونىيەگە قاراپ باقايلى. 20–ئەسىرنىڭ 80–يىللىرىدىن بۇيان، ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ قورال ئەسلىھەلىرىنىڭ %90 ياپونىيەنىڭ ئۆزىدە ئىشلەنگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە خېلى بىر قىسمى دۇنيا بويىچە ئىلغار سەۋىيەدە تۇرىدۇ. ھازىر ياپونىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانائىتى بىر قەدەر مۇكەممەل پەن–تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى بولۇپ شەكىللەندى، بولۇپمۇ H2–A ۋە M5 توشۇغۇچى راكىتاسى، قۇرۇلۇش تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى ۋە يەرشارىنى كۈزىتىش سۈنئىي ھەمراھى، خەلقئارا بوشلۇق پۇنكىتى قاتارلىقلار دۇنيا بويىچە ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە. ياپونىيە تەتقىق قىلىپ ياسىغان ‹‹چىن چاۋ ›› دەرىجىلىك سۇ ئاستىكېمىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك سەۋىيەگە ئىگە، ئۇنىڭ ‹‹جۇسىدون›› دەرىجىلىك قوغلىغۇچى پاراخوتى ۋە ‹‹ئوسۇمى›› سۇدىمۇ قۇرۇقلۇقتىمۇ يۈرەلەيدىغان پاراخوتىمۇ روشەن ئالاھىدىلىككە ۋە بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەگە ئىگە، سۇ چىقىرىش مىقدارى 20 مىڭ توننىغا يېقىن ‹‹رىشاڭ›› ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتى ئەمەلىيەتتە ئاۋىياماتكىنىڭ فۇنكىسىيەسىگە ئىگە. ياپونىيە 1000 دانە ‹‹خروشما دەرىجىلىك›› ئاتوم بومبىسى ياساشقا يېتەرلىك يادرو يېقىلغۇ ماتېرىيالىنى توپلاپ بولدى. زۆرۈر تېپىلسا، دەرھال ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئاتوم بومبىسى ۋە ۋودورود بومبىسى، بىر يىل ئىچىدە 1000 ~ 2000 غىچە ئوتتۇرا ۋە يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ياسىيالايدۇ. ھاۋا ئارمىيەسى جەھەتتە، ئۇ ئامېرىكىدىنلا قالسا ئەڭ كۆپ F–15 ئايروپىلانىغا ئىگە، ئۇنىڭ ھاۋادا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ئاسىيا–تىنچ ئوكيان رايونىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

               دېڭىز ئارمىيەسى كۈچى قۇرۇلۇشى نۇقتىسى جەھەتتە، دېڭىز ئۈستى سودا يولى ۋە ئېنېرگىيە تىرانسپورت لىنىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاۋىياماتىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېڭىز ئۈستى كۈچىگە ئىگە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بەش دائىمىي ئەزا دۆلەت ئىچىدىكى ئۆزىنىڭ ئاۋىياماتكىسى يوق بىردىنبىر چوڭ دۆلەت. برازىلىيە، ئىسپانىيە ھەتتا تايلاندنىڭمۇ ئاۋىياماتىكىسى بار، كۆپچىلىك مۇشۇنداق بولۇشنى ناھايىتى نورمال دەپ قارايدۇ. ھىندىستان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەربىي قورال–ياراغلارنى كۆپلەپ سېتىۋالدى، ئۇ كەلگۈسى بەش يىل ئەتراپىدا ئۈچ ئاۋىياماتكا فىلوتىغا ئىگە بولىدۇ. غەرب دۇنياسىنىڭ ھەربىي ئىشلاردا زامانىۋىلىشىشى جۇڭگودىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى، شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىلا بۇنداق كەمسىتىدۇ ۋە شەپقەتسىزلىك قىلىدۇ ؟

               ئامېرىكىنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد يوشۇرۇن ھەربىي ئايروپىلانى F–22 جەڭگىۋارلىق كۈچىنى شەكىللەندۈردى ھەمدە ئاسىيا–تىنچ ئوكيان رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، جۇڭگو ئۆزىنىڭ ‹‹تارمار قىلىش–20›› بەلگىلىك ئايروپىلانىنى ئەمدىلا سىناق قىلىۋىدى، ئامېرىكىنىڭ ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى دېگەن قالپاق كىيگۈزۈلدى. ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكا فىلوتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، جۇڭگونىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئايلىنىپ يۈرۈيدۇ. لېكىن جۇڭگو مۇناسىپ مۇداپىئە كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرسا ، دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دېگەن تۆھمەتكە ئۇچرىدى، بۇ ‹‹ئەمەلدارلارنىڭ ئوت قويۇشىغا يول قويۇپ، پۇقرالارنىڭ چىراق يېقىشىغا يول قويمايدىغان›› زومىگەرلىك لوگىكىسى ئەمەسمۇ ؟

          ئالاھىيدە ئەسكەرتىش:

           بۇ يازما تەڭرىتاغ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەڭرىتاغ تورىدىن كۈچۈرۈپ، بلوگىمىزدا يوللاندى. ئەگەر بۇنىڭدىن كۆچۈرۈپ بايدىلانماقچى ياكى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز تۈۋەندىكى ئەسكەرتىشكە دىققەت قىلغايسىز:

بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .

     زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ

ئالاقىلىشىش تېلېفونى : 13899973182 ، 8521981–0991

2011.05.9 ئاپتور: TuranTekin

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup