ئالىم بىز بلوگى

ھونلارنىڭ خەن پۇقرالىرىنى بۇلاش خاتىرىسى

تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاسالانغاندا، ھۇنلار خەن سۇلالىسى چېگرىسىدىن ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ ناھايتى نۇرغۇن خەنزۇلارنى بۇلاپ كەتكەن. مەسلەن:

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 177- يىلى (ۋېندىنىڭ 3- يىلى) ئوڭ قول بىلىك خان شاڭجۈن ئايمىقىغا بېسىپ كىرىپ خەلقلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 166- يىلى (ۋېندىنىڭ 14- يىلى) 14 تۈمەن كىشلىك ھۇن ئاتلىق قوشۇنى چاۋنا، سۈگۇەن، بېيدى قاتارلىق جايلارغا بېسىپ كىرىپ ناھايتى كۆپ كىشلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ بۇلاپ كەتكەن.

شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە بۇلانغان خەلق ناھايتى كۆپ بولغان. بولۇپمۇ يۈنجوڭ، لياۋدۇڭ قاتارلىق جايلاردا ئەھۋال ناھايتى ئېغىر بولۇپ، ھەر بىر ئايماقتىن بۇلانغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن كىشلەرنىڭ سانى ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 158- يىلى شاڭجۈن، يۈنجوڭ قاتارلىق ئىككى ئايماققا ئۈچ تۈمەندىن ئارتۇق ھۇن ئاتلىق ئەسكىرى بېسىپ كىرىپ، ناھايتى نۇرغۇن كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 129- يىلى (ۋۇدىنىڭ يۈەنگۇاڭ 6- يىلى) ھۇنلار شاڭگۇغا بېسىپ كىرىپ ئەمەلدار ۋە پۇقرالارنى بۇلاپ كەتكەن ۋە ئۆلتۈرگەن.

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 128- يىلى (يۈەنسۇ 1- يىلى) ھۇنلار لياوشىغا بېسىپ كىرىپ ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى بۇلاپ كەتكەن. يەنە يۈياڭ ۋە يەنمېندا ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 127- يىلى (يۈەنسۇ 2- يىلى) شڭگۇ ۋە يۈياڭغا بېسىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلدار ۋە پۇقرانى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.

مىلايىدىن بۇرۇنقى 126- يىلى (يۈەنسۇ 3- يىلى) دەيجۇن ئايمىقىغا بېرىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى بۇلاپ كەتكەن. يەنە شۇ يىلى كۈزدە يەنمېنغا بېسىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 125- يىلى (يۈەنسۇ 4- يىلى) دەيجۈن، دىڭراڭ، شاڭجۈن ئايمىقىغا بېسىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 124- يىلى (يۈەنسۇ 5- يىلى) دەيجۈن ئايمىقىغا بېسىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 121- يىلى (يۈەنسۇ 2- يىلى) دەيجۈن، يەنمېن ئايمىقىغا بېسىپ كىرىپ نەچچە يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 120- يىلى (يۈەنسۇ 3- يىلى) يۈبېيپىڭ، دىڭراڭغا بېسىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 102- يىلى (يۈەنسۇ 3- يىلى) كۈزدە ھۇنلار دىڭراڭ، يۈنجۇغا بېسىپ كىرىپ نەچچە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا ئوڭ قول بىلىك خان يەنە جيۇچۈەن، جاڭيېغا بېسىپ كىرىپ نەچچە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن (لېكىن نەچچە مىڭ ئادەمنى خەن سۇلالىسىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش سەركەردىسى رېن ۋېننىڭ قوشۇندىكىلەر قۇتقۇزۋالغان).

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 91- يىلى (جېڭخې 2- يىلى) شاڭگۇ ۋە ۋۇيۈەنگە بېسىپ كىرىپ ئەمەلدار ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 87- يىلى (خۇيۈەن 2- يىلى) ھۇنلار سۇفاڭغا بېسىپ كىرىپ ئەمەلدار ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 78- يىلى (جاۋدېنىڭ 3- يىلى) ھۇنلار ۋۇيۈەنگە بېسىپ كىرىپ نەچچە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن. ئارقىدىنلا يەنە چېگىردىكى قەلئەلەرگە ئەمەلدار ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.

يۇقىرىقىلار جاۋدى دەۋرىگىچە بۇلاپ كېتىلگەنلەر بولۇپ، سانى يۈزمىڭدىن ئاشىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ھونلارنىڭ خەن پۇقرالىرىنى بۇلاش خاتىرىسى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-05-09
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مەدەنىيەت - تارىخ
ئىنكاس: 2دانە
  1. تارىخ كىتاپلىرىدا ئۇچىراتقىلى بولمايدىغان قىممەتلىك ئۇچۇركەن.قايسى مەنبەدىن ئېلىنغاندۇ؟

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    ھونلار ھەققىدىكى بايانلار ۋە ھونلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى دېگەن كىتابلاردىن يىغىلغان مەزمۇنلار ئىدى.
    قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر! دائىم كىلىپ تۇرارسىز.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: