ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەدەنىيەت - تارىخ >> تەپسىلاتى

ھونلارنىڭ قۇللۇق تۈزۈمى بىلەن يۇنان، رىملارنىڭ قۇللۇق تۈزىمىنىڭ پەرقى

         ھونلار دەۋرىدە، ئەسىرگە چۈشۈپ قۇل بولغان قۇللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تۇرمۇش ئادىتى بۇيىچە تىرىكچىلىك قىلغانلىقىنى، يەنى ئۇلارنىڭ چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئەمگەكلىرىگە قاتناشقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى قۇللۇق تۈزۈم يۇنان، رىم دەۋرىلىرىدىكى قۇللۇق تۈزۈم بىلەن مەلۇم ئوخشاەشلىققا ۋە پەرقلەرگە ئىگە بولغان.

          بىرىنچىدىن، ئومۇمەن قۇلى بار ھۇنلار قۇللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە سالغاندىن سىرت، ئۆزىمۇ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىدىن ئايرىلمىغان. چۈنكى، ھۇنلار كىچىكىدىن باشلاپلا ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىگە قاتنىشاتتى. چوڭ بولۇپ قورامىغا يەتكەندە، ھەممىسى بىردەك «ئاتلىق ئەسكەر» بولىسىمۇ، لېكىن ئۇرۇش بولمىغان ۋاقىتلاردا يەنىلا ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇلىناتتى. ئۇلار ھەم ئاتلىق ئەسكەر، ھەم چارۋىچى ئىدى. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، «ئادەتتىكى چاغلاردا ئوۋچىلىق چارۋىچىلىق قىلسا، ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا جەڭگە قاتنىشىپ، باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۇلارنىڭ ئادىتى» دېيىلگەن. بۇ ھۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلى بىلەن ھەربىي تەشكىلىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكى، «ئاتلىق ئەسكەر» لەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇرۇشقا تەڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا چارۋىلارغا ئەگىشىپ ئوت، سۇ قوغلىشىپ چارۋىچىلىق قىلسا، ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا ئاتقا مىنىپ ئوقيا ئېسىپ جەڭگە كىرەتتى. چارۋىچىلىق قىلىش ياكى ئوۋ ئوۋلاش جەريانىدا ھەر ۋاقىت ئۇرۇش يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالى بار ئىدى (بۇلاڭچىلىق قىلىش ياكى بۇلاڭچىلىققا ئۇچراش سەۋەبىدىن). كېيىنكى قىتانلارنىڭ «ئۇرۇش بولغاندا ئۇرۇشقا قاتنىشىش، بىكار چاغلاردا بېلىق تۇتۇپ تۇرمۇشىنى قامدىشى ۋە موڭغۇللارنىڭ «ئاتقا مىنگەندە جەڭ قىلىش، ئاتتىن چۈشكەندە تېرىقچىلىق ياكى چارۋىچىلىق قىلىشى» مۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال.

           ھۇن ئاتلىق ئەسكەرلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىرقىشىغىمۇ قاتنىشاتتى. «خەننامە» 96- جىلد «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە، «جاۋدى دەۋردە ‹ئۇيسۇن› مەلىكىسى خانغا مەكتۇپ سۇنۇپ، ھۇنلارنىڭ ئاتلىق قىسىملىرىنىڭ قوشقا كېلىپ بوز يەر ئاچقانلىقىنى مەلۇم قىلدى» ، «جاۋى خانلىق دەۋرىدە ھۇنلار قوشتا تۆت مىڭ ئاتلىق ئەسكەر ئەۋەتىپ يەنە بوز يەر ئۆزلەشتۈردى. شۈەندى بەش سەركەردىنى قوشۇن باشلاپ ھۇنلارغا زەربە بېرىشكە ئەۋەتكەندە، قوشتا بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر قورقۇپ قېچىپ كەتتى» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇنىڭدىن «ھۇنلارنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ قوشنا بىر تەرەپتىن مۇداپىئە تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

               ھۇنلارنىڭ بەزى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى، بولۇپمۇ مېتالچىلىقنى كۆپ ھاللاردا خەنزۇلار ئۈستىگە ئالغان. لېكىن بۇ بارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى خەنزۇلار ئۈستىگە ئالغان، دېگەنلىك ئەمەس. ساپال بويۇملارنى ياساش ۋە ئوقيا، چېدىر، كىگىز- پالاز ياساس، قېتىق- قايماق ئۇيۇتۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ كۆپ قىسىمىنى ھۇنلار ئۆزى قىلغان ۋە ياكى باشقا مىللەت قۇللىرىنى ياردەمچى قىلغان بولۇشى مۈمكىن.

             ئومۇمەن، ھۇن جەمئىيىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە قۇللىرى بار ھۇنلاردىن يۇقىرى تەبىقىدىكى ئاقسۆڭەكلەردىن سىرت، كۆپىنچە ئاھالىلەر ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە قاتنىشاتتى. بۇ قەدىمكى يۇنان، رىمدىكى قۇلدارلارنىڭ (ئەركىن پۇقرالار ) ئەمگەككە پۈتۈنلەي قاتناشماسلىقى، ھەتتا ئەمگەكنى كەمسىتىشى بىلەن ئوخشايدۇ. ھۇنلاردىكى قۇللارنىڭ نوپۇسى قەدىمكى يۇنان، رىمدىكىدەك مەمىلكەت ئومۇمىي نوپۇسنىڭ سانىدا ئانچە كۆپ سالمانى ئىگىلىمىسىمۇ (قەدىمكى يۇنان، رىمدا ھەر بىر ئەركىن پۇقراغا بىرنەچچىدىن قۇل توغرا كېلەتتى). ھۇن جەمئىيىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلى بىلەن ھەربىي تەشكىلىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىدەك بۇ ئالاھىدىلىكى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قۇللارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئاز، پۈتۈن مەمىلكەت نوپۇسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ كىچىك بولۇشى قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ تىكلىنىشىگە توسالغۇلۇق قىلالمىغان. ھالبۇكى، جەمئىيەتنىڭ تەمىنلىشىدە پۈتۈنلەي قۇللارغا يۆلىنىۋالماسلىقتەك بۇ خىل ھادىسە ھۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ خىل بىر قەدەر تۆۋەن ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان قۇللۇق تۈزۈمىنى تەبىئىيكى قەدىمكى يۇنان، رىمدىكى ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى، سودا- سانائىتى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان قۇللۇق تۈزۈم بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ھۇنلارنىڭ قۇللۇق تۈزۈمى قەدىمكى يۇنان ۋە رىمنىڭكىدەك پىشىپ يېتىلمىگەن. تەرەققىي قىلمىغان قۇللۇق تۈزۈمىدە قۇللار ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەركىن چارۋىچىلارمۇ قىسمەن ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە قاتناشقان. بۇمۇ ھۇنلارنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ قەدىمكى يۇنان، رىمنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىدىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى.

          ئىككىنچىدىن، ھۇنلارنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ قەدىمكى يۇنان ۋە رىمنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىگە ئوخشاشمايدىغان يەنە بىر يېرى شۇكى، ھۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىدىكى ھەرىكەتچانلىق ۋە تارقاقلىق، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىنىڭ زىيادە مەركەزلەشمەسلىكنى ۋە كۆلىمىنىڭ چوڭ بولماسلىقىنى بەلگىلىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە «تۇتىۋېلىنغانلار قۇل قىلىنغاچقا»، ھەر بىر جەڭچى تۇتىۋالغان ئەسىرنى ئۆزىگە مەنسۇپ قىلىپ، قۇللار ئىنتايىن ئاز ئەھۋالىدا توپلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان (مەسلەن، چوغاي تېغى ۋە جاڭتېدىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئۇرۇقلىرى)، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ھەر قايسى ئائىلىلەرگە تارقىلىپ، ئائىلە باشلىقىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى بولغان. ئاز ساندىكى قۇللار «ئاسرانى» ياكى «توقال» لىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، خۇجايىنى بىلەن تۇرغان (مەسلەن، سەي ۋېنجى). بۇنداق ئەھۋال كىشلەرنى ئاسانلا «توپلىشىپ قىلىنمايدىغان ۋە كەڭ كۆلەملىك بولمىغان ئىشلەپچىقىرىش زور مىقداردىكى قۇللارغا مۇھتاج ئەمەس» دېگەن خاتا قاراشقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

           ھۇنلارنىڭ قۇللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئائىلىلەرگە تارقالغانلىقتىن، نۇرغۇنلىغان قۇللار يۈزەكى قارىغاندا پەقەت ئائىلە ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغاندەك قىلىدۇ. لېكىن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئائىلە ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىنى ئايرىش ناھايتى تەس. چۈنكى، چارۋا ھەم تۇرمۇش ۋاستىسى، ھەم ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى، شۇڭا چارۋا بېقىش، قوتان ياساش، تۆل ئېلىش، يۇڭ قىرقىش، سۈت سېغىش ۋە ئائىلە قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىقلار ۋە ئائىلە ئەمگىكى ھەم ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى. بۇ خىل ئەمگەك قىلىش بىلەن ئوت، سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرۈپ، چارۋىچىلىق قىلىش پەقەت چارۋىچلىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى بىر ئىش تەرتىپلا خالاس. شۇڭلاشقا، بۇ خىل ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان قۇللارمۇ يەنىلا ئىشلەپچىقىرىش قۇللىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەزى ئالىملار بۇ خىل ئەھۋالنىلا ئاساس قىلىپ، ھۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىنى خاتا ھالدا قۇللۇق تۈزۈمى دەپ ئاتايدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇمۇ بىر خىل قۇللۇق تۈزۈمىدۇر. ئەمما بۇ خىل كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا شەكىللەنگەن قۇللۇق تۈزۈم قەدىمكى يۇنان ۋە رىمنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.

            ئۈچىنچىدىن، ھۇنلارنىڭ قۇللىرىنىڭ ئەھۋالى قەدىمكى يۇنان ۋە رىمنىڭ قۇللىرىنىڭ ئەھۋالى بىلەن سەل ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا بىر خىل (سۆزلىيەلەيدىغان قورال) لىق ئورنىدا تۇرغان. چۈنكى، ئۇلار خوجايىننىڭ ئائىلىسىدە باشقا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرگە ئەمگەك قىلىسمۇ، لېكىن ئىشنىڭ ئەڭ ئېغىرىنى قىلاتتى ھەم قاتتىق ئېكىسپىلاتاتىسىيىگە ئۇچرايتى. ئادەم قۇربانلىق قىلىپ نەزىر- چىراق ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلگەندىمۇ داۋامىق قۇربانلىق مال قىلىناتتى (مەسلەن، زور تۈركۈمدىكى قۇللارنىڭ ھۇن ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن قۇربانلىق قىلىنىشى) بۇنىڭدىن باشقا ھۇنلارنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىدىمۇ قەدىمكى يۇنان ۋە رىمنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىگە ئوخشاش قۇل سودىسى ئېلىپ بېرىلاتتى.

           تۆتىنچىدىن، بەزى ئالىملار قۇللارنىڭ پەيدا بولۇشى چۇقۇم ئىچكى ئامىلدىن بولىدۇ. چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ يېرى (چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە چارۋىچىلىق قىلىدىغان يەرلەر) كوللىكتىپ ئىگىدارچىلىقىدا بولغاچقا ھەم ئۇرۇقنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئورتاق پايدىلانغاچقا، ئاسانلىقچە خۇسۇسىي يەرگە ئىگە بولۇش ھادىسىسى ۋە ئۇرۇقنىڭ ئىچكى قىسىمىدا قۇل بولۇپ قېلىش ھادىسىسى يۈز بەرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى پاترىئارخاللىق مۇناسىۋەت (ئورتاق ئۇرۇقنىڭ ئوخشاش قانداشلىق مۇناسىۋىتى) مۇ ناھايتى كۈچلۈك بولغاچقا، ئاسانلىقچە قۇل بولۇش ھادىسىسى يۈز بەرمەيدۇ. شۇڭا، ھۇنلارنىڭ باشقا مىللەتلەرنى تۇتۇپ كېلىپ قۇل قىلىشنى (تاشقى ئامىل) قۇللۇق تۈزۈم دېيىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

            ئەمەلىيەتتە، ئاتالمىش ئىچكى ئامىل بىر جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىپ، بەلگىلىك سەۋىيىگە يېتىپ، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ تىكلىنىپ راۋاجىلانغانلىقىغا، جۈملىدىن چارۋىچىلىقنىڭمۇ ناھايتى تەرەققىي قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشتا ئادەم كۈچى يېتىشمەي، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قىسىمىدا قۇللارنى ئەمگەك سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىش ۋە سىغدۇرۇش ھەم ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىغا قاتناشتۇرۇش ئېھتىماللىقى ۋە شارائىتىنىڭ ھازىرلانغان بولۇشىغا قارىتىلىشى كېرەك. بۇ خىل ئېھتىماللىق ۋە شارائىت ھازىرلانسا مۈلۈكدار باشقا مىللەت ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئۆلتۈرمەي ساقلاپ قالىدۇ ياكى مەقسەتلىك ھالدا باشقا مىللەت ئادەملىرىنى بۇلاپ ئەسىر قىلىۋېلىپ، ئەمگەك كۈچى قىلىپ پايدىلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تاشقى ئامىلمۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

           بۇنىڭدىن باشقا چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى يەر ئەمەس، بەلكى چارۋا. شۇڭا، يەرنىڭ خۇسۇسلار ئىگىدارچىلىقىدا بولۇش- بولماسلىقىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق. ئەگەر بۇ نوقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالمىساق چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن دېھقانچىلىق مىللەتلىرىنىڭ پەرقىنى ئايرىۋالالايمىز. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بەزى ئالىملار «دېھقانچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى يەر» دېگەننى چارۋىچى مىللەتلەرگە تەدبىقلاپ خاتا ھالدا يەكۈننى چىقارغان. پاكىتلاردىن مەلۇمكى، قەدىمكى يۇنان ۋە رىمنىڭ قۇللىرىمۇ ئاساسەن ئالدى بلەن يۇنانلىقلار ياكى رىملىقلاردىن كېلىپ چىققانلار بولماستىن، بەلكى دېڭىز قاراقچىلىقىدا ۋە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن ياكى قۇل بازىرىدىن سېتىۋېلىنغان باشقا مىللەتتىكىلەر بولغان (بۇ ئادەتتىكى ساۋات بولۇپ، دۇنيا ئومۇمىي تارىخىي دەرسىلىكىنىڭ ھەممىسىدە بايان قىلىنغان). باشقا مىللەت ئەسىرلىرىنى قۇبۇل قىلىۋېلىشنى قۇللۇق تۈزۈمنىڭ ئاساسىي قىلىشمۇ مەمىلكىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن بىرى، بۇ پەقەت ھۇنلاردىن بولۇپ قالماستىن، كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن سىيانپى، جۇرجان، تۈرك، ئۇيغۇر، قىتان، موڭغۇل قاتارلىقلارنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىنى تەتقىق قىلغاندا، بۇ ئالاھىدىلىككە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: