ئالىم بىز بلوگى

ئامىرىكىنىڭ گۇاڭداۋ ئارىلىغا ئاتۇم بومبىسى تاشلىشىنىڭ سەۋەۋى

               ئامىرىكىنىڭ گۇاڭداۋ (ياپۇنىيىنىڭ) ئارىلىغا ئاتۇم بومبىسى تاشلىشى جامائەت پىكىرىدىكى خاتالىق بىلەن مۇناسىبەتلىك ئىكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە ياپۇنىيىنىڭ مەغلۇبىيىتى جەزىملىشىپ قالغان ئىدى. 1945- يىلى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى ”پوتسىدام باياناتى“ ئېلان قىلىنغان. ياپۇنىيە دائىرلىرى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئوتتىرىغا قويغان ”پوتسىدام باياناتى“ دىكى تەسلىم بۇلۇش شەرتلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئويلىغاندىنمۇ كۆپ كەڭرى ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ، قاتتىق خوش بۇلۇپ كەتكەن. ھەم باياناتنى ھەرقايسى گىزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىشنى قارار قىلغان. 28- كۈنى باش ۋەزىر ئاخبارات ساھەسەدىكى ئەرباپلارنى قۇبۇل قىلغاندا، ”پوتسىدام باياناتى“ غا قارىتا ۋاختىنچە ”سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋېلىش“ سىياسىتىنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئەسلىدە ئىچكى كابىنت باياناتقا ۋاختىنچە باھا بەرمەي تۇرىدۇ دىگەن مەنىدىكى گەپ ئىكەن. ئەپسۇس، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئاگنېتلىقى ”سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىش“ دىگەن سۆزنى “ پىسەنت قىلماسلىق“ دەپ خاتا تەرجىمە قىلىپ قويغان. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ئامىرىكا تەرەپ ياپۇنىيە ”پوتسىدام باياناتى“ دىكى تەلەپلەرنى رەت قىلغان ئوخشايدۇ دەپ قاراپ، ياپۇنىيىنى جازالاشنى قارار قىلغان. 8- ئاينىڭ 6- كۈنى ئامىرىكا ئارمىيىسى گۇاڭداۋ ئارىلىغا غايەت زور قۇدۇرەتلىك بىر ئاتۇم بومبىسىنى تاشلىغان. مانا مۇشۇ بالايى-ئاپەت خەرەكتىرلىك خاتا تەرجىمە مىليۇنلىغان جانلىقلارنىڭ كۈلگە ئايلىنىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ خاتالىق بايقالغاندىن كىيىن ياپۇنىيە ئىچكى كابىنتى لىڭ مۇنىڭ سۆزنى جايىدا ئىشلەتمىگەنلىكى، ئىتپاقداش دۆلەتلەر ئاگنېتلىقىنىڭ خاتا تەرجىمە قىلغانلىقىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن. ئەمما بۇ خەۋەر پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ كەتكەنلىكتىن ئېغىر ئاقىبەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇمكىن بولمىغان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ئامىرىكىنىڭ گۇاڭداۋ ئارىلىغا ئاتۇم بومبىسى تاشلىشىنىڭ سەۋەۋى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-04-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: