ئالىم بىز بلوگى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

            بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىسقارتىلىپ « ب د ت » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ 1945- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى 51 دۆلەتنڭ قۇشۇلىشى بىلەن قۇرۇلغان. ھازىرغا قەدەر 180 دىن ئارتۇق ئەزەغا ئىگە. ئىلىمىز بىرلەشكەن دۆلەتلەرنى قۇرغان تەشكىلاتىنى قۇرغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 1971- يىلى 10- ئايدا ئىلىمىزنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى خەلقئارا تېنىچلىقنى ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش، خەلقئارادا ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپى بۇيىچە دوستلۇق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش دەپ بەلگۈلەنگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۆرسىتىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپ ئەزا دۆلەتنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەشا بولالايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بۇيىچە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى توختۇتۇپ قۇيىدۇ ۋە ئۇلارنى ئەزالىق سالاھىيىتىدىن چىقىرىۋېتەلەيدۇ، شۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

             خەنزۇچە، ئېنگلىزچە، فرانسۇزچە، روسچە، ئىسپانچە ۋە ئەرەپچە تىل- يېزىقلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي تىل- يېزىقى ھىساپلىنىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خىزمىتى ئېنگلىزچە، فرانسۇزچە تىل- يېزىقتا بىجىرىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شىتاپى ئامىرىكىنىڭ نيۇ-يوركتا بۇلۇپ، شۋىتسارىيىنىڭ جەنۋەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا باشقارمىسى تەسىس قىلىنغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئاپراتلىرىنىڭ يىغىنى كۆپىنچە باش شىتابتا ئۆتكۈزىلىدۇ. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەكلىبى بۇيىچە باشقا جايلاردا ئۆتكۈزۈلسىمۇ بۇلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئاپراتى بۇلۇپ، يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىغا رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر تەسىس قىلىنىدۇ. رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر رايۇنلار بۇيىچە تەقسىملەش پىرىنسىپى بۇيىچە بارلىققا كىلىدۇ، باش كاتىپ ئومۇمىي ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت يىغىنىنىڭ پەخىرىي مۇئاۋىن رەئىسلىرى بۇلىدۇ. ھەر قېتىملىق يىغىندا، ئاساسلىق يەتتە كومتىت تەسىس قىلىنىپ ئومۇمىي يىغىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىغا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمۈگى، دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىل، مۇئاۋىن ۋەكىل ۋە باشقا دېپلوماتىيە ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-04-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: نام - ئاتالغۇلار
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: