ئالىم بىز بلوگى

ئامېرىكا نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟

      ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «قۇرئان كۆيدۈرۈش ۋەقەسى» ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئافغانىستاندىكى زور بىر تۈركۈم ئامما كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، قارشىلىق كۆرسەتتى. ئامېرىكا تەرەپ «ئاۋامنىڭ نېرۋىسى» غا تېگىپ قويغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانىتتا بىلەن ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئوباما ئىگىرى- كېيىن بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئەپۇ سورىدى. ھەمدە بۇ ئىشنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، بۇ خىلدىكى ۋەقەنىڭ ئەمدە قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

     بىراق ئامېرىكا تەرەپنىڭ «ئەپۇ سورىشى» بىلەن «كاپالەت بېرىشى» دىن ئافغانىستان بىر ئازمۇ رازى بولماي، ئۇنىڭغا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جاۋاپ قايتۇردى. يەنى، ئىككى نەپەر ئامېرىكا مەسلىھەتچىسى ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. پارلامېنت ئەزاسى ئامېرىكىنى پۇخادىن چىققىدەك تەنقىدلەپ ‹‹ئامېرىكىلىقلار تاجاۋۇزچى››  دېدى. تالىبانلار بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستان خەلقىنى ئامېرىكىلىقلارنىڭ قۇرئان كۆيدۈرۈش قىلمىشىدىن ئۆچ ئېلىشقا چاقىردى .

     ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئەپۇ سورىشى ۋەقەنى بېسىپ ھەممىنى تىنجىتىش بىر ياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە، ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچتى. ئامېرىكىلىق داڭلىق ۋاستىچى بۇكېنەننىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس: ئامېرىكا ئافغانىستان، ئىراق، لىۋىيە ئۇرۇشلىرىدىن زادى نېمىگە ئېرىشتى ؟ .

     10 يىللىق ئافغانىستان ئۇرۇشىدا ئامېرىكىنىڭ قۇربان بېرىشلىرى بەك زور بولدى. «ئېرىشكىنى» پەقەت نەپرەتلىنىش، دۈشمەنلىك بىلەن قاراش، قارشىلىق كۆرسىتىش بولدى. ھەممە يەر خارابىلىققا ئايلىنىپ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىپ كەلدى. ۋاھالەنكى يوقۇتۇش نىشانى قىلىنغان تالىبانلار ئۇرۇش قىلغانسېرى كۈچۈيىپ كەتتى….

     ئوخشاشلا، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىدا تارتقان زىينى ئىنتايىن زور بولدى. ئىراننىڭ سادامنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش «ئارزۇسى» نى «ئورۇنداپ بەردى». ئوتتۇرا شەرىق رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىران، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان ۋە پەلەستىن خاماس تەشكىلاتى قاتارلىق شىئە مەزھىپىنىڭ يېڭى ھىلال ئاي بۈلەكلەنمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئوتتۇرا شەرىق رايونىنىڭ يەر سىياسەتشۇناسلىقىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. ھازىر ئىراقتىكى دىنىي مەزھەپلەردە زور «ئۆزگىرىش» بولۇپ، شىئە مەزھىپى مۇستەقىل ھالدا زورايدى. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش تىپىدىكى پارتلىتىش ۋەقەلىرى ئۆزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتىدۇ. دىنىي مەزھەپلەر مىللىي توقۇنۇشنىڭ پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ كېتىۋاتىدۇ .

     ئوخشاشلا، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىرلىشىپ كازافىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغىنىغىمۇ يېرىم يىل بولاي دېدى، بىراق لىۋىيە يەنىلا قالايمىقانچىلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەرقايسى جايلاردىكى قوراللىق كۈچلەر ئۆزى بىلگەننى قىلىپ، تەسىر دائىرسىنى تالىشىش كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئاجىز ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت ئامالسىز قېلىپ ، پۇقرالارنىڭ نالە-پەريادى ھەممە يەرنى قاپلىدى .

     ئالدىنقى ھارۋا ئۆرۈلسە، كېيىنكىسىگە ئىبرەت بوپتۇ دېگەندەك، ئامېرىكا ھەقىقەتەنمۇ ئۇرۇش بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى دېگەن نۇقتا ئۈستىدە ياخشىراق ئويلىنىشى كېرەك ئىدى. غەرىبچە دېموكراتىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرىق رايونىغا مەجبۇرى ھالدا «تېڭىلىشى» نەتىجە بېرەمدۇ؟ نەزەر دائىرىسى تار ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان سىياسەت تۇترۇقسىزلىقى ئارقىلىق، قىسقا ۋاقىتلىق دۈشمەنلىشىشنى دوستلۇققا ئايلاندۇرۇپ ياكى دوستنى دۈشمەن دەپ قاراپ، شۇ رايوننىڭ ياكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇدا داۋالغۇشىنى پەيدا قىلىشى توغرا بولامدۇ؟ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن يېنىكلىك قىلىپ «ئارىلىشىش»بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى دەپسەندە قىلىدۇ. زوراۋانلىق بىلەن « ھاكىمىيەت يەڭگۈشلەپ» بولۇپ كېتىپلا قۇتۇلىدۇ، تېخى ئۇنى «قوغداش مەسئۇلىيىتى»نى ئۈستىمىزگە ئالدۇق دەپ چىرايلىق سۈپەتلەيدۇ. قالدۇرۇپ قويغىنى ئەمەلىيەتتە بىر دۆۋە جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن تەنزە خالاس. پۇقرالار بالا-قازاغا ئۇچراپ، ئازاپ چېكىدۇ. ئەجىبا بۇ بىر مەسئۇلىياتچان چوڭ دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك قىلمىشمۇ؟ يىللاپ ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلارنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلگىنى كانايغىچە قەرز ۋە ماغدۇرسىزلىق بولدى. ئىشسىزلىق نىسبىتى كۈنسايىن يۇقىرلاپ چۈشمەيۋاتىدۇ، ئەجىبا مۇشۇلارمۇ يەتمەمدۇ؟ جاۋابىنى دېمىسىمۇ چۈشىنىشلىك .

     ھازىر، ئامېرىكىدا يەنە بەزىلەر قۇتراتقىلىق قىلىپ ئىران بىلەن سۈرىيەگە قول سېلىشنى تەرغىپ قىلىۋاتىدۇ، بۇنداق زىيان تارتىدىغان تىجارەتنى ئامېرىكا يەنە قىلارمۇ ؟ ئامېرىكا ئەمدى يەنە قاتتىق ئويلانمىسا بولمايدىغان يەرگە كېلىپ قالدى .

 

     مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ئامېرىكا نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟

<

تۆۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل

ۋاقىت: 2012-03-16
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 1دانە
  1. ھەجەت نېرۋامغا تەگدى ماۋۇ ئىشى.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: