ئالىم بىز بلوگى

جۇڭگو نىمە ئۈچۈن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا قاتناشمىغان؟

     بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى مالايسىيانىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن گۇلاسالى ئەپەندىنى زىيات قىلغىنىمدا ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 1971-يىلى باش ۋەزىرنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سۈپىتىدە جۇڭگوغا بېرىپ جۇئېنلەي بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىشى ئۈستىدە مەسلىھەتلەشكەن ئىدىم. ئەينى چاغدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇنى چۈشەنمەي، شۇنچىۋىلا يىراقتىكى قالاق، تەرەققىي قىلمىغان بىر سوتسىيالىستىك دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىمىزمۇ؟ دېيىشكەن ئىدى. جۇئېنلەي ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: كېلەركى ئەسىر ئاسىيانىڭ ئەسىرى بولىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئاسىيانىڭ قەد كۆتۈرۈشى غەرب ئەللىرىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. 1978-يىلى دېڭ شياۋپىڭ مالايسىيانى زىيارەت قىلغاندا گۇلاسالى ئەپەندى يەنە بىر قېتىم دىڭ شياۋپىڭدىن، غەرب ئەللىرى سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئىشەنمەمدۇ؟ دەپ سورىغاندا، دېڭ شياۋپىڭ مۇنداق دېگەن: ھازىر دۇنيا شۇنداق بىر نۇقتىنى كۆرۈپ يەتتىكى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بىراق، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى شۇنداقلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى سوتسىيالىزم خەلقلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ۋە كۆرۈشىگە پايدىلىق بولۇۋاتىدۇ.

 

 

     شۇنداق، جۇڭگو سوتسىيالىزىمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ. پەقەت سوتسىيالىزىملا جۇڭگونى قۇتۇلدۇرالايدۇ، پەقەت سوتسىيالىزىم بولغاندىلا جۇڭگو ئاندىن تەرەققىي قىلىدۇ. 30 نەچچە يىللىق ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە سىجىل تەرەققىيات ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم ھاياتىي كۈچكە تولدى.

     شۇنىڭ بىلەن، ‹‹جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسى›› ئاستا-ئاستا باش كۆتۈرۈپ چىقتى. ‹‹سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى قايتىدىن باشلاش›› ساداسى كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. مەسىلەن: ساچىر خانىم مۇنداق دېگەن: ‹‹سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياقلاشتى،…..بىراق كوممۇنىزم تېخى ئاخىرلاشمىدى، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو››. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى لۇگار ئوچۇقتىن-ئوچۇق مۇنداق دېگەن: ‹‹ئۆتكەن 50 يىل ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمرانلىقنى تالاشقان ئىدى، ئەمدى بۇندىن كېيىنكى 50يىلدا ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمرانلىقنى تالىشىدۇ››. سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە ئىشەنمەيدىغان غەرب ئەللىرى مانا ئەمدى سوتسىيالىستىك جۇڭگو بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ.

     سوتسىيالىزمدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو ھېچكىم بىلەن زومىگەرلىك تالاشمايدۇ ھەمدە ھېچكىم بىلەنمۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلىپ بارمايدۇ. دەرھەقىقەت جۇڭگو چوڭ بولغاندىكىن بەزىبىر ئەھۋاللاردىنمۇ ساقلانغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. مۇۋەپپىقىيەت كىشىدە ئىشەنچ پەيدا قىلىدۇ. شۇنداقلا بەزى مەسىلىلەردە يېنىكلىك قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. بىز ھازىر تولىمۇ تەستە ئېرىشكەن تەرەققىيات پۇرسىتىگە يۈزلىنىۋاتىمىز. شۇنداقلا پەرەز قىلغىلى ۋە قىلغىلى بولمايدىغان تۈرلۈك خەۋپ ۋە خىرىسلارغىمۇ دۇچ كېلىۋاتىمىز. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىز كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ زامانىۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، زېھنىمىزنى يىغىپ تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز لازىم.

     جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇشىنى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى بىلەن ئۆز ئىچىدىن شەكلىللەنگەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بەلگىلىگەن. ئۆزىنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئەتى، تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتى قاتارلىقلار ئاساسىدىكى قەتئىي تەۋرەنمەس ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. ھەرگىزمۇ ئۇ ئاللىكىملەرنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس.

     ئەشۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تارىخى، ئىقتىسادىي جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى. سوتسىيالىزم تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتتە قۇرۇلسا بولىدۇ، بىراق، ئۇ ھەرگىزمۇ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتتە يىلتىز تارتالمايدۇ. سوتسىيالىزم ئىدېئولوگىيە نەزەرىيەسىدىكى ئىختىلاپلاردىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. يېقىنقى زاماندىكى چوڭ دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك كۆمۈر بىلەن نېفىت قاتارلىق قايتا ھاسىل بولمايدىغان بايلىقلارغا بولغان زور مىقداردىكى ئېھتىياجىغا چېتىشلىق بولدى. قەد كۆتۈرۈش داۋامىدا بۇ خىل ئېھتىياجنى قامداش ئۈچۈن، دائىم دېگۈدەك كېمە، پاراخوت، ئوق-دورا، زەمبىرەكلەرگە تايىنىپ زېمىن ئىگىلەپ، باشقىلارنى قۇل قىلىش ئارقىلىق تالان-تاراج ئېلىپ باردى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا بۇ خىل ئەھۋالدىن چوقۇم ساقلىنىش لازىم ھەم بۇ يولدا مېڭىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. جۇڭگو ھازىر ئىلگىرىكى قەد كۆتۈرگەن چوڭ دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغان يېپيېڭى تىنچلىق تەرەققىيات يولىدا كېتىۋاتىدۇ. تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىش بىلەن ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئۈستىگە قويۇشتا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمىلىك كەڭ دائىرىلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى بازارلىرىدىكى ئىككى خىل بايلىقتىن تولۇق پايدىلانماقتا. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى بىلەن دۇنيانىڭ تەرەقىياتىنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈپ، يەر شارىلىشىش تەرەققىياتى يۈزلىنىشىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى، ئورتاق تەرەققىيات ۋە سىجىل تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ.

     جۇڭگو سوتسىيالىزمدا قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلدىكى ھېلىقىدەك غەرب دۇنياسى بىلەن زادىلا سىغىشالمايدىغان رەقىبلەردىن ئەمەس. بەلكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، دۇنيا بازار سىستېمىسىغا سىڭىشىپ كىرەلەيدۇ. ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ۋە دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش جەريانىدا، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرى، ئوخشىمىغان قاتلاملىرىنى كېڭەيتىش، شۇنداقلا مەنپەئەتنىڭ قوشۇلۇش نۇقتىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇ ئارقىلىق، ئۆزى ئۈچۈن تىنچ تەرەققىي قىلىشتىكى تاشقى مۇھىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سوتسىيالىزم بولىدۇ. ئەلۋەتتە ھەرگىزمۇ ھەر كىملەر بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا چۈشىدىغان سوتسىيالىزم بولمايدۇ. كەڭرى كەتكەن تىنچ ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەت ئۆز-ئارا سىغىشالىغۇدەك يېتەرلىك زور بوشلۇق بار. ئوخشاش بىر يەر شارىدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى چەكلەپ، تىنچ تەرەققىي قىلىشتەك ئوخشاش بىر ئارزۇمۇ بار، ئەلۋەتتە.

     (ئاپتور: يې شياۋۋېن شىنخۇا ئاگېنىتلىقى تورىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى، جۇڭگو ئىستىراتېگىيەلىك مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى)

 

     ئالاھىيدە ئەسكەرتىش:

     بۇ يازما تەڭرىتاغ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەڭرىتاغ تورىدىن كۈچۈرۈپ، بلوگىمىزدا ئېلان قىلىندى. ئەگەر بۇنىڭدىن كۆچۈرۈپ بايدىلانماقچى ياكى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز تۈۋەندىكى ئەسكەرتىشكە دىققەت قىلغايسىز.

     بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ 

     تېلېفون نومۇرى: 8521981-0991

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: جۇڭگو نىمە ئۈچۈن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا قاتناشمىغان؟

تۆۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل

ۋاقىت: 2012-04-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: