ئالىم بىز بلوگى

غەربنىڭ جۇڭگو خاراپلىشىش نەزەرىيەسى

     يېقىندىن بۇيان، غەربنىڭ ھەدەپ سۆزلەۋاتقان جۇڭگو خاراپلىشىش نەزەرىيەسى ئەتراپىمىزدا يەنە ياڭراشقا باشلىدى. غەربلىك بەزى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ پەرىزىچە، جۇڭگو ئېھتىمال 2013- يىللىرىدىن كېيىن بىر مەيدان «مەجبۇرى قونۇش»قا دۇچ كېلىدىكەن. بەزىلەر يەنە بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسدا ئامېرىكىنىڭ ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسى بولسا باشلىنىش نۇقتىسى، ياۋروپا قەرز كىرىزىسى ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بەربات بولۇشى ئۇنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ دەپ بىلجىرلاۋاتىدۇ. بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»دا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىشانى % 7.5 قىلىپ تەڭشەلدى. بىر قىسىم غەربنىڭ تاراتقۇلىرى بەس-بەستە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىمۇ بولماي قېلىۋاتىدۇ، بۇرۇلۇش نۇقتىسى كۈرۈلۈشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشىۋاتىدۇ. بۇ خىل خارابلىشىش نەزەرىيەسى سەپسەتىسى، شۇنداقلا ۋەھىمىلىك سۆز بىلەن چۆچۈتۈشلەرگە قارىتا، بىز پەقەت جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئەمەلىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلىغان ھالدا تەتقىق قىلىدىغان بولساق، توغرا يەكۇن چىقىرىش ئۇنچىۋىلا تەسمۇ ئەمەس.

     ئىقتىسادىي ئاساس نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاز بولمىغان پايدىلىق شارائىتلارنى ھازىرلىغان. ئىقتىساد تىپىنى ئۆزگەرتىش تېخىمۇ ياخشى ھاياتى كۈچ ئېلىپ كېلىپ، ئومۇمىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولماقتا. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئىستېمال قۇرۇلمىسى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىدە غايەت زور ئېھتىياج يوشۇن كۈچى ساقلانماقتا. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكى يەنىلا مەۋجۇت، مالىيە كىرىم-چىقىم ئەھۋالى نورمال، ماكرولۇق تەڭشەش تەجرىبە ساۋاقلىرى ئۆزلۈكسىز تۈردە موللىشىۋاتىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئاكتىپ ئامىللىرى. ئۇزۇندىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى سان-سېفىرلار ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولغان ۋەزىيەتنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2010-يىلىدىكى سودا تەرەققىيات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ جەلب قىلىش كۈچىگە ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىش نىشانى. دۇنيادىكى مەلۇم بىر 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ لىدىرى مۇنداق دېگەن: جۇڭگو خۇددى باشقۇرۇش ئۇسلۇبى بار بىر شىركەتكە ئوخشايدۇ. تىجارەت مۇھىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكى جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. نوبىل ئىقتىساد پەنلىرى مۇكاپاتىنىڭ ئېرىشكۈچىسى سىفېنسىرمۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق .

     ماكرولۇق سىياسەت قاتلىمىدىن قارىغاندا، يېقىنقى بىر مەزگىلدە مەرگەز ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار سىياسەتلەر چوقۇم جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ھالدا مۇقىم بولغان بىر قەدەر تېز تەققىيات سۈرئىتىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ۋاھالەنكى ھەرگىزمۇ ئۇلار دەۋاتقان «مەجبۇرى قونۇش» كۆرۈلمەيدۇ. ئۆتكەن يىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان «12–بەش يىل›› لىق پىلان لايىھەسدە ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ باش تېمىسى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنى تېزلىتىش توغرىدىكى ئاساسى لىنىيە ئېنىق بېكىتىلدى. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى ئېچىلغان مەرگەز ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىدا «مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرلەش» تەك خىزمەتنىڭ ئومۇمىي ئاساسى مۇقامى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، ماكرولۇق ئىگىلىك سىياسىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى. بۇ يىل 3-ئايدا ماقۇللانغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا، «ماكرولۇق تەڭشەشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، داۋاملىق تۈردە مۇقىم بولغان بىر قەدەر تېز تەرەققىيات سۈرئىتىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىگىلىك قۇرۇلمىسى ۋە باشقۇرۇشتىكى كېڭىيىشچان مۆلچەرى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش»، شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ ئىناق ۋە مۇقۇملىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى مۇۋاپىىق تۈردە تەڭشەش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەلكى مەرگەزنىڭ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى تۈرلۈك ئامىللار ئاساسىدائومۇميۈزلۈك ئويلىشىپ چىقارغان ئاكتىپ تەڭشەش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. مەقسەت ئېشىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يۇقىرى كۈتۈرۈشتىن ئىبارەت.

     يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشى، شۇنداقلا ئىزچىل ئېشىشىدىكى «پاراۋۇز بېشى» لىق رولىنى ئوينىماقتا. ياۋرو رايونىدىكى «دەرىجىسى تۈۋەنلىتىلگەن» دۆلەتلەر بىلەن رۇشەن سېلىشتۇرما بولۇپ شەكىللەنگىنى يېڭى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى كەينى- كەينىدىن يۇقىرى كۈتۈرىلدى. يېڭى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ھازىر نوقۇل ھالدىكى ئىكىسپورت قىلىشقا تايىنىشتىن، ئىكىسپورىت، ئىچكى ئېھتىياج، مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ يۈنىلىشتىكى تەڭپۇڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بازاردىكى بېقىنىۋېلىش دەرىجىسى بارا-بارا تۈۋەنلەپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش كۈندىن كۈنگە گۈللىنىۋاتىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، 2012-يىلى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى % 5.4 بولۇپ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن %4 يۇقىرى بولىدىكەن. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى ئۇدا بىرنەچچە يىل %20 تىن يۇقىرى بولۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ «موتورى» بولۇپ قالدى. ئەملىيەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق تۈردە مۇقىم بولغان بىر قەدەر تېز تەرەققىيات سۈرئىتىنى ساقلاش سەۋەبىنى چۈشەنمەك ئۇنچىۋىلا تەسمۇ ئەمەس. مۇنداقچە ئېيتقاندا تۈرلۈك «جۇڭگو خارابلىشىش نەزەرىيەسى» نىڭ كەينىدىكى ئۇلارنىڭ مەقسەت- مۇددىئاسى بىزنىڭ چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غەربنىڭ جۇڭگونىڭ خارابلىشىشى توغرىسىدىكى پىتنە- پاساتلىرى ئىزچىل توختىمىغان بولسىمۇ، بىراق جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلەپ، كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، غەربلىكلەر «جۇڭگو خارابلىشىش نەزەرىيەسى»نى قانچىلىك توۋلىسىمۇ، پەقەت جۇڭگو خەلقى مەزمۇت تۇرالىسىلا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالمايدۇ.

 

     مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: غەربنىڭ جۇڭگو خاراپلىشىش نەزەرىيەسى

<

تۆۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل

ۋاقىت: 2012-05-03
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: