ئالىم بىز بلوگى

ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن دىنلار

ئىسلام دىنى:

 

                ئىسلام دىنى مىلادى 7- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تارقىتىشى بىلەن ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى مەككىدە دۇنياغا كەلگەن. 7- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىسلام دىنى ئەرەپلەرنىڭ سىرىتقا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىستىلا قىلىش ھەركەتلىرىگە ئەگىشىپ سىرىتقا تارقالغان. ئوتتۇرا ئاسىيا ئەرەپلەر تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغاندىن كىيىن تەدىرىجى ئىسلاملىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ئەمما تاڭ سۇلالىسى، تۈرۈكلەر، ئەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىبەت تۈپەيلى ئىسلام دىنى دەرھاللا شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرەلمىدى. پەقەت 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاتۇش جامەسىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشى بىلەن ئاندىن شىنجاڭغا تارقىلىشقا باشلىدى. لىكىن بۇمۇ ئاسانغا چۈشمىدى. پەقەت 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئاندىن ئىسلام دىنى پۈتۈن شىنجاڭدا ئۇمۇملىشىپ ، ئاساسلىق دىن بۇلۇشتەك ئۇرۇنغا ئۆتتى. ئەمما بۇنىڭغا 6 ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت كەتتى.

كاتولۇك دىنى:

 

                 كاتولۇك دىنى بولسا خىرىستىيان دىنىدىكى ئۈچ چوڭ مەزھەپنىڭ بىرى. تارىخى ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارلىقتا بىلگىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق غەرىپ دۆلەتلىرىدىكى دىن تارقاتقۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭغا كىلىپ دىن تارقاتقان. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا كاتولۇك دىنى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارقالغان. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدىكى بىر قىسىم مۇھىم شەھەرلەردە كاتولۇك دىنى چىركاۋلىرى قۇرۇلغان.

خىرىستىيان دىنى:

 

                خىرىستىيان دىنى بىلەن كاتولۇك دىنى ئوخشاش دىگۈدەك ۋاقىتتا شىنجاڭغا كىرگەن. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان خىرىستىيان دىنى خىرىستىيان دىنىدىكى يەنە بىر چوڭ مەزھەپ – پىروتىستانت دىنىنىڭ مەخسۇس ئاتىلىشى. يەنى ”ئەيسا دىنى“ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1882- يىلى شىۋىتسىيە خىرىستىيان دىنى جەمىيىتىدىكى دىندارلار قەشقەرگە كىلىپ ، قەشقەرنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، دىن تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1921- يىلىغا كەلگەندە جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنلىرىدا كىڭەيگەن. شىڭشىسەي دەۋرىگە كەلگەندە قاتتىق چەكلەنگەن. شىڭشىسەي دەۋرىدىن كىيىن يەنە باش كۈتۈرگەن.

پىراۋۇسلاۋىيە دىنى:

 

               پىراۋۇسلاۋىيە دىنى روسلار بىلەن بىرگە شىنجاڭغا كىرگەن. 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا چار پادىشاھنىڭ زۇلىمىغا چىدىمىغان بەزى روسلار شىنجاڭغا كۈچۈپ كىرگەندە پىراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان روسلار بۇ دىننى شىنجاڭغا ئېلىپ كىرگەن. دەسلەپتە شىنجاڭغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى پىراۋۇسلاۋىيان دىنى دىنى مۇرۇتلىرى بۇلۇپ، روھانىيلار يوق ئىدى. كىيىنكى بىر قانچە قېتىملىق تەڭسىز شەرتنامىلەرنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن چار روسسىيە شىنجاڭدا دىن تارقىتىش ھۇقۇقىغا ئىرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن روسسىيىلىك دىن تارقاتقۇچىلار شىنجاڭغا كىرىشكە باشلىغان. روسلا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا چىركاۋ قۇرغان. بۇ دىن باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا تارقالمىغان بولغاچقا  ھازىرغىچىلىك روسلار ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن دىنلار

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-05-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مىللەت - دىن
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: