ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> بىر دىنىي زاتنىڭ شىېئىرىي تەسىراتى

بىر دىنىي زاتنىڭ شىېئىرىي تەسىراتى

2011-10-04 9:41     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار؟ بايرىمىڭلارغا قۇت بولسۇن! بۈگۈن مەن ئەتتىگەندە دوستلارغا بىر يازمىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئولتۇرۇپتىمەن. ئەسلىدە مىنىڭ بلوگ يېزىشىم سىياسىي، نەزەرىيەۋى، تارىخى، مەدەنىيە....

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار؟ بايرىمىڭلارغا قۇت بولسۇن! بۈگۈن مەن ئەتتىگەندە دوستلارغا بىر يازمىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئولتۇرۇپتىمەن. ئەسلىدە مىنىڭ بلوگ يېزىشىم سىياسىي، نەزەرىيەۋى، تارىخى، مەدەنىيەت بىلىملەرنى ئاساس قىلغان كۆچۈرۈلمە بىلىملەر ئىدى. ئىجادىي يازمىلىرىم ئاساسەن يوق دېيەرلىك. يازىدىغان نەرسە يوق ئەمەس، بەلكى يازالماسلىق، خاتا يېزىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىھتىيات بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ كەلگەن كەلدىم. ئېھتىمال كاللامدا كونىلاردا قالغان «ئېشەك بىر قېتىم سېپىلغان كۆۋرۈكتىن ئىككىنچى قېتىم ئۆتكىلى ئۇنىماپتۇ» دېگەن ھىكمەت ھۆكۈمىران ئورۇننى ئىگەللىگەن بولسا كېرەك. مۇشۇنداق سۈكۈت ئىچىدە ئۆتكەن خىزمەت كۈنلىرىمدە، كىچىككىنە بىر ئىش ماڭا زور تەسىر قىلدى. ئۇ بولسىمۇ بىر دىنىي زاتنىڭ شىېئىرىي تەسىراتى ئىدى.

     ئۆتكەن ھەپتە يەنى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى رايۇنىمىزدىكى دىنىي زاتلارغا ئېچىلغان بىر قېتىملىق تەربىيلەش كۇرسىدا، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ھەققىدە ئىككى سائەت لېكسىيە سۆزلىدىم. قانداق سۆزلىگەنلىكىمنى دېمەيلا قوياي! لېكسىيە ئاخرىدا بارلىق دىنىي زاتلار قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، لېكسىيەنى ناھايىتى ياخشى سۆزلەپ بەرگەنلىكىمنى ماختىشىپ، ئۇزتۇپ قويۇشتى. ئەمما لېكسىيە ئورنۇدىن ئايرىلىشقا تەرەددۇت قىلىپ تۇرغاندا، بىر دىنىي زات ئورنىدىن تۇرۇپ:

     – توختاپ تۇرۇڭلار جامائەت، مەن بۈگۈنكى مۇشۇ سائەتلىك دەرستىن ناھايىتى كۆپ مەنىۋى زوق ئالدىم. بۇ لىكسىيە ماڭا زور ئىلھام بولدى. شۇڭا مەن بۇ جايدىكى ھىسياتىمنى شىېئىرىي تىلدا ئىپادىلەپ بەرسەم دېدى.

      مەنمۇ ماقۇللۇقۇمنى بىلدۈردۈم. كۆپچىلىكمۇ ئۆز ئورۇنلىرىدا قايتا ئولتۇرۇشتى. ئۇ كىشى ئورنۇدىن تۇردى ھەمدە سەھنە ئوتتۇرسىغا چىقىپ، شىېئىرنى باشلاپ كەتتى. قولىدا ئالقانچىلىك دەپتەر ياكى قەغەز دەيدىغان  بىر نەرسىلەرمۇ يوق ئىدى. ھىسىيات شۇنداق راۋان ئىپادىلەندى. تۆۋەندىكى شىېئىرغا قاراڭ:

 

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرايلى

مەمەت ئىمىن قارىم

(يانتاق يېزا بۇلۇڭلاڭقا كەنتىدىن)

 

تەرەققىيات قىلغاندا،

پەن – مەدەنىيەت ساھەمىز.

مەھسۇلات ئاشۇرغاندا،

يېزا – ئېتىزلار سەھنىمىز.

 

يولدا راۋان ماڭغاندا،

قاتناش ئاتلىق تېيىمىز.

قاينىغاندا ھەممەيلەن،

شورپا كاۋاپ چېيىمىز.

 

توپا چېچىپ ئامەتكە،

بىر شۇم چىقتى بۆلگىنچى دەپ.

قايمۇقتۇردى ئەلنى ئۇ،

بىز تەرەپكە سەن ئۆت دەپ.

 

قاراپ باقساق ئەبلەخنىڭ،

قىلمىشى ئەجەپ ناچار.

نەرگە بارسا شۇ يەردە،

زەھەر تىلىنى ئاچار.

 

ئاخىر ئۇنىڭ مەقسىدى،

ئىناقلارنى بۇزۇشكەن.

قولغا ئېلىپ ھوقۇقنى،

ھايۋانلاردەك ئۆتۈشكەن.

 

چىڭ تۇتىمىز داۋاملىق،

سىياسەت ۋە قانۇننى.

سىغدۇرمايمىز ئارىغا،

بۆلگىنچى دېگەن مەلئۇننى.

 

2011- يىلى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter