ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

2011-08-28 3:06     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:  مىن ئەي        مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىنىڭ نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ھال....

 مىن ئەي

 

     مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىنىڭ نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى تېخىمۇ كونكرېت ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى، تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئادەتتىن تاشقىرى سۈرئەت ۋە كۆلەم بىلەن تەرەققىي قىلىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. شىنجاڭدىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر كۆپ مىللەتلىك، كۆپ دىنلىق چېگرا رايوندا جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكى ئىقتىسادنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىدۇر.

     شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا ئەتراپلىق نەزەر سالساق، دىننىڭ شىنجاڭغا ئۇزاقتىن بۇيان تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاممىۋىلىقى، مىللىي ئالاھىدىلىكىنىڭ ناھايىتى روشەن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يېڭى مەزگىل، يېڭى باسقۇچتا دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ۋە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپ، ئەھمىيىتى زور. شۇڭا، دىن بىر خىل ئىدىيە جەھەتتىكى ئېتىقاد بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە بىر خىل تەشكىلى مۇكەممەل، مۇقىم تەربىيەچىسى ۋە ئۆلچەملىك قائىدە – يوسۇنى بار ئىجتىمائىي ئەمەلىي گەۋدە. ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىنىي پائالىيەتلەر ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەت، شۇنداق بولغان ئىكەن، ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىدە، دىنىي ئىشلارنىمۇ باشقۇرۇشى كېرەك.

     زامانىۋى دۆلەتنىڭ بىر ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ئىجتىمائىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتۇر، بارلىق دىنىي پائالىيەتلەر قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى كېرەك. دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىن خىزمىتىدىكى بىر مۇھىم يېتەكچى ئىدىيەسى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ تەركىبىي قىسمى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئائىت سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش، تىنچلىقنى، ئىتتىپاقلىقنى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى.

     دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك.

     بىرىنچى، پارتىيەنىڭ دىن نەزەرىيەسى ۋە دىن سىياسىتىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، نېمىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت، نېمىنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ئىكەنلىكىنى ئايرىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۇزاق مۇددەت تۈزەشكە ئىدىيەدە ياخشى تەييارلىق بولۇشى كېرەك. دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتىكى تۆت مۇھىم مەقسەتنى، يەنى قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، سىڭىپ كىرىشنى توسۇش، جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىشنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دىننىڭ ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى دىنىي پائالىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى بەلگىلىگەن، دىنىي پائالىيەت قانۇنلۇق ۋە قانۇنسىز دەپ ئايرىلىدۇ ۋە دىننىڭ ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئەگىشىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى تۈزەش ئاسانلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، مۇشۇنداق ئىدىيەنى تۇرغۇزغاندىلا، بىر تەرەپتىن، يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈكنى باشتىن – ئاخىر ساقلىغىلى، يەنە بىر تەرەپتىن، مەسىلە كۆرۈلگەندە تەمتىرەپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئاددىي ئىش كۆرۈپ، ئالدىراقسانلىق قىلغاندا، سىياسەت، تەدبىرلەردىن چەتنەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

     ئىككىنچى، دىنىي زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دىنىي زاتلارنى ‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغان، قانۇن – تۈزۈم ۋە تەرتىپكە رىئايە قىلىدىغان›› قىلىپ تەربىيەلىشىمىز كېرەك، يەنى زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشتا دىنىي زاتلارغا زوراۋان – تېررورچىلار، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى، ئۇلارنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئۇلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك؛ قانۇن – تۈزۈمگە رىئايە قىلىشتا، دىنىي زاتلارغا قانۇننىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغانلىقىنى، ھەممە كىشىنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى، قانۇن بولغان ئىكەن ئاساسلىنىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش كېرەكلىكىنى، قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك؛ تەرتىپكە رىئايە قىلىشتا، دىنىي زاتلارغا مەدەنىي، ئىناق، ساغلام، سىجىل ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىي تەلىپىنى ئېنىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئۇلاردىن زوراۋان – تېررورچىلار، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنى تەبلىغنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىققا ئىنتىلىش، ئىناق ئۆتۈش، ۋەتەننى سۆيۈش قاتارلىق ئىجابىي ئامىللىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك. دىنىي زاتلارنىڭ ‹‹ساپانى ئۆستۈرۈپ، ياخشى ئوبراز تىكلەش››ىگە، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە پائال يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ياردەم بېرىپ، ‹‹سىياسىيدا ئىشەنچلىك بولۇش، دىنىي بىلىمى چوڭقۇر بولۇش، ئامما ئارىسىدا ئىناۋىتى بولۇش، ھالقىلىق پەيتتە ئەسقاتىدىغان بولۇش›› تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

     ئۈچىنچى، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك. سوتسىيالىزم شارائىتىدا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنىڭ بىردەك بولۇشى ئاساسلىق ئورۇندا، ئېتىقاد جەھەتتىكى پەرق 2 – ئورۇندا تۇرىدۇ. ئېتىقاد جەھەتتىكى پەرق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي ئامما ۋە تايىنىدىغان كۈچ بولۇشتەك ماھىيىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ۋە ئۇنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئاممىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئېتىقاد جەھەتتىكى پەرققە كەڭ قورساقلىق ۋە ئاقىلانە پوزىتسىيە بىلەن توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلار ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنى تەربىيەلەش، يېتەكلەشتەك ئاساسىي ئۇسۇللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىنىي ئىشلارنى ‹‹باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، باشقۇرۇشنى خالىماسلىق، باشقۇرۇشنى بىلمەسلىك›› مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، باشقۇرۇشتا ساقلىنىۋاتقان ئاددىي ۋە قوپال ئۇسۇللارنى تۈزىتىپ، دىنىي ئىشلارنى دادىل، بايرىقىمىز روشەن ھالدا، قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، يولغا قويۇلۇۋاتقان بەلگىلىمىلەرنى بايرىقىمىز روشەن ھالدا ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

     تۆتىنچى، ئەلرايىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى يېتەكلەپ، يۇرت – ماكاننى يەنىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى دىن خىزمىتىنىڭ ئاساسىي فاڭجېنى شۇكى، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزمغا ماسلىشىشقا ئاكتىپ يېتەكلەپ، مۇستەقىل، ئۆز – ئۆزىگە خوجا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، مۇنداقچە ئېيتقاندا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ھەر مىللەت خەلققە تايىنىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سوتسيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ۋە زوراۋان – تېررورچىلارغا قارشى تۇرىدىغان كەڭ بىرلىك سەپ قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بىجانىدىل قۇرۇلۇش قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتقا ئىنتىلىشىمىز كېرەك.

     دىن مۇقىم ۋە ئىناق بولمىسا، جەمئىيەت مۇقىم ۋە ئىناق بولمايدۇ. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى توسۇپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشى كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرىدە مۇنداق تەكىتلەندى: دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ خىزمەتتىكى ئەمەلىي نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاشتىكى مۇھىم ئۆلچەم قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەزمەن ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دىن خىزمىتىنىڭ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولىنى تولۇق تونۇپ، يۈكسەك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 1 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. دىۋان
    2011-08-29 20:59 ئۆلۈم 

    دىننىڭ دىمگۇراتىك ھالەتكە كىرمىگەن يەرلىرى بارمىدۇ ..؟

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter