ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مۇبارەك ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم ئىجرا قىلىنارمۇ؟

مۇبارەك ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم ئىجرا قىلىنارمۇ؟

2011-08-26 1:34     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      شۇ يەر ۋاقتى 8- ئاينىڭ 3- كۈنى پۇقرالار نامايىش پائالىيىتى ئارقىلىق تەختتىن چۈشۈرۋەتكەن مىسىرنىڭ سابىق زوڭتۇڭى مۇبارەك سوتلاندى. 30 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 83 ياشلىق بۇ سابىق زوڭتوڭ پارىخورلۇ....

     شۇ يەر ۋاقتى 8- ئاينىڭ 3- كۈنى پۇقرالار نامايىش پائالىيىتى ئارقىلىق تەختتىن چۈشۈرۋەتكەن مىسىرنىڭ سابىق زوڭتۇڭى مۇبارەك سوتلاندى. 30 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 83 ياشلىق بۇ سابىق زوڭتوڭ پارىخورلۇق، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ھەمدە نامايىشچىلارنى باستۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئەيپلەشلەرگە دۇچ كەلدى. ئەگەر جىنايىتى بىكىتىلسە ئەڭ ئېغىر بولغاندا ئۆلۈم جاازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

     مۇبارەكنىڭ سوتلىنىشى پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ نەخ مەيداندا خەۋەر بىرىش ئۈچۈن قاھىرەدىكى ئايرىدورۇمغا يىغىلدى. بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ قاھىرەدىكى مۇخبىرى نەخ مەيداندىن خەۋەر بىرىپ مۇنداق دىدى: مۇبارەكنىڭ ئىز – دېرىكى ھەققىدە ھەر خىل پەرەزلەر بار بۇلۇپ، مۇبارەكنىڭ كونكىرىتنى ئورنىنى بىكىتكىلى بولمايدۇ. بېيجىڭ ۋاختى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: مۇبارەك ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايرۇپىلان قاھىرەگە يىتىپ كەلدى، بىر قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان تەرەپكە ماڭدى، ئەمما ھېچكىم مۇبارەكنى كۆرمىدى.

     شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سوت مەيدانىنىڭ سىرتىدا مۇبارەكنى قوللايدىغان ۋە قارشى تۇرىدىغان 1000 دىن ئارتۇق كىشى بىر بىرىگە تاش ۋە بوتىلكىلارنى ئېتىشتى. نەخ مەيداندا يەنە قالقان تۇتۇۋالغان 1000 دىن ئارتۇق ساقچى تەرتىپنى قوغدىدى. سوتنى ئەسلىدە بېيجىڭ ۋاختى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە باشلاپ، كەچ سائەت توققۇزدا ئاخىرلاشتۇرۇش، پۈتۈن جەرياننى تېلىۋىزىيە ئىستانسى سۈرەتكە ئېلىش ھەمدە مەملىكەت بۇيىچە تارقىتىش پىلانلانغان.

     يېقىندىن بۇيان، قاھىرەدىكى ئازادلىق مەيدانىغا يەنە نۇرغۇن نامايىشچىلار يىغىلىپ، سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى سوتلاش قەدىمىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ساقچىلار بىلەن كىچىك دائىرىلىك تۇقۇنۇشۇپ قالدى.

     مۇبارەكنى سوراق قىلىش – ھازىر مىسىرغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ھەربىيلەر گورۇھىنىڭ مەقسىتى ئەمەس. چۈنكى ئۇلار گەرچە سىياسى ئۆزگۈرۈش قوزغاپ ئەڭ ئاخىرىدا مۇبارەكنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مۇبارەكنى سىناي يېرىم ئارىلىغا ئاپىرىپ نەزەربەند قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار شۇنى ئېنىق چۈشۈنىدۇكى، ئەگەر مۇبارەك سوتلىنىپ، سوت ئەستايىدىل ئېلىپ بېرىلىدىغانلا بولسا، ئىنتايىن چوڭ مەسىلىلەرنى سۆرەپ چىقىشى، نۇرغۇنلىغان ئادەملەر، ھەتتا ئۆزلىرىمۇ بۇنىڭغا چېتىلىپ قېلىشى مۈمكىن، شۇڭا ئۇلار بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ.

     مۇبارەكنى سوتلىمىسىمۇ بولمايدۇ، سوتلاپ تېزلا ھۆكۈم چىقىرىۋەتسىمۇ كىشىلەرنى قايىل قىلغىلى بولمايدۇ، ھۆكۈم چىقىرىش ھەم ئىجرا قىلىش – تېخىمۇ ئېقىلغا سىغمايدىغان ئىش.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 2 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. دىۋان
    2011-08-27 10:24 ئەلشات 

    بۇ مۇبارەك ياخشى ئادەممىدۇ ياكى………..

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    بىر ئادەمگە پۈتۈنلەي ياخشى ياكى يامان دەپ باھا بىرىپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بۇلۇپمۇ دۆلەت رەھبەرلىرىگە شۇنداق. سۆزلىسەك گەپ تولا……

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter