ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> يۇرتۋازلىقتىن قاچان قۇتۇلىمىز

يۇرتۋازلىقتىن قاچان قۇتۇلىمىز

2011-08-29 10:55     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئەنۋەر ئابدۇرېھىم        ئىتتىپاقلىقنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، مىللەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقلىقمۇ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى بىلەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. يۇرتۋازل....

ئەنۋەر ئابدۇرېھىم

 

     ئىتتىپاقلىقنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، مىللەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقلىقمۇ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى بىلەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. يۇرتۋازلىق تارىختىن بۇيان بىزگە خۇددى رودۇپايدەك چاپلىشىپ، مىللىتىمىزنىڭ زېھنىي كۈچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلاشتۇرۇپ كەلدى، تارىختا ئۆتكەن ئەكسىيەتچىلەر بۇنداق ئاجىزلىقىمىزدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ تىلى بىلەن ئۆزىمىزنى چېقىپ، ئۆزىمىزنىڭ كالتىكى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ بېشىنى يېرىپ كەلگەن. تارىختا مىللىتىمىزدىن چىققان ئىقتىدارلىق، قەيسەر ئەزىمەتلەرنىڭ بەزىلىرى دەل مۇشۇ كېسەلنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى ئويلىساق، يۈرىكىمىز ئىختىيارسىز ئېچىشىدۇ. تارىخنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىساق بولاتتى. يۇرتۋازلىقنىڭ كونا، تار، زىيانلىق توساق، قېلىپلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئەتراپقا ئىلمىي نەزەر تاشلىساق، ھاياتىمىز تېخىمۇ مول مەزمۇنغا، زور قەدىر – قىممەتكە، گۈزەل ئەتىگە ئىگە بولاتتى.

     يۇرتۋازلىق قىلمىسا كۆڭلى ئارام تاپمايدىغانلار ئادەتتە يۇرت سۆيگۈسىنىڭ بايراقدارلىرى، يۇرت مەنپەئىتىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرى قىياپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىش ئارقىلىق نەپكە ئېرىشىشكە ئۇرۇنىدىغان بۇنداق كىشىلەر ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزلىرىنىڭ ئابرۇي، ئىناۋىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقىنى ھەم بازارغا سېلىۋاتقىنى بىر خىل نادانلىق. بۇنداق نادانلىق ئۇلارنى كەڭ، يورۇق، پاكىز، گۈزەل دۇنيادىن تار، قاراڭغۇ، پاسكىنا، خۇنۈك بۇلۇڭ – پۇچقاقلارغا سۆرەيدۇ. مىللەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا توقۇنۇش، پارچىلىنىش، ئىناقسىزلىق، سۈركىلىش، نىزا پەيدا قىلىدىغان بۇنداق مەنىۋى كورلۇق ئۇلارنى ئۆز قەۋمى ئارىسىدىكى نۇرغۇن ئاق كۆڭۈل، قىزغىن، ئىخلاسمەن قېرىنداشلىرىدىن، قوللىغۇچىلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. خەلق ئۆزىنى پارچىلايدىغان، ئاجىزلاشتۇرىدىغان كىشىلەرنى ياقتۇرمايدۇ. كىشىلەرنىڭ قەدىر – قىممىتىنى ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى بويىچە بەلگىلەيدىغان كىشىلەر خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ. چۈنكى بۇ دۇنيادا دانىشمەنلەرلا تۇغىلىدىغان ياكى ئەخمەقلەرلا دۇنياغا كېلىدىغان ھېچقانداق يۇرت يوق. دانىشمەن بىلەن ئەخمەق ھەممىلا يۇرتتا بار. بىرمىللەتنىڭ ئارىسىدىن چىققان ئالىم، ئەدىب، تۆھپىكارلار شۇ مىللەتنىڭ ئورتاق بايلىقى، غۇرۇرى ھەم پەخرى. ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرىنى تۇغۇلغان يۇرتىغىلا مەنسۇپ قىلىشقا ئۇرۇنساق ياكى باشقا يۇرتتا تۇغۇلغانلىقىغا قاراپ ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرىگە كۆز يۇمساق خەلقىمىزنىڭ قەددى كۆتۈرۈلۈپ، ئابرۇيى ئۆسۈپ، بېشى كۆككە يېتەرمۇ؟!

     دۇنيادا ئۆزى تۇغۇلغان يۇرتنى ياخشى كۆرمەيدىغان، قەدىرلىمەيدىغان، ئۆز يۇرتىدىن چىققان داڭلىق، مەشھۇر شەخسلەردىن پەخىرلەنمەيدىغان ئىنسان بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق پاك سۆيگۈسى ئىنسانلارغا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ، بەلكى نۇر ھەم ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ. شائىرلار ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا بولغان بۇنداق پاك سۆيگۈسىدىن ئىلھاملىنىپ، ئوتلۇق نەزمىلەرنى توقۇيدۇ. لېكىن يۇرتۋازلىق كېسىلى بۇنداق يۇرت سۆيگۈسىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. يۇرت سۆيگۈسىنى قىممەتلىك، بىباھا مەنىۋى گۆھەر دېسەك، يۇرتۋازلىق مەنىۋى زەھەردۇر. شۇڭا، ئۇنىڭغا خۇمار بولغان ئادەمنىڭ كۆزىگە باشقا يۇرتتا تۇغۇلغان قېرىنداشلىرى چىققان ئېگىز چوققىلارمۇ پەس كۆرۈنىدۇ ۋە ياكى پۈتۈنلەي كۆرۈنمەيدۇ. باشقا يۇرتتا تۇغۇلغان قېرىنداشلىرىغا باھا بەرگەندە، ئۇلارنىڭ تىلى كالۋالىشىپ، ئادالەت تارازىسى قولىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. لېكىن باشقا يۇرتتا تۇغۇلغان تۆھپىكارلارنى كەمسىتىشكە، ئىنكار قىلىشقا، مەسخىرە قىلىشقا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ تىلى بۇلبۇلدەك سايراپ كېتىدۇ. قىسقىسى، يۇرتۋازلىق كېسىلى ئۇلارنى مىللەتنىڭ ئورتاق بايلىقىنى خۇشاللىق بىلەن ئېتىراپ قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلغان. ئەل – يۇرتنىڭ سەركىلىرى ھېسابلىنىدىغان بەزى زىيالىيلىرىمىزنىڭمۇ شۇ كېسەلگە مۇپتىلا بولغىنىنى بىر خىل پاجىئە دېمەي ئامالىمىز يوق. ئۇلار يۇرتۋازلىق بورىنىنى چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يىلتىزىنى ئۆزلىرى كولاۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئاجىزلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ يۈزىنى ئۆزلىرى تۆكۈۋاتقانلىقىنى، تېخىمۇ ئېغىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇنداق يارىماس، ئەخمىقانە قىلىقلىرى ئارقىلىق بالىلىرىمىزنىڭ يۇمران قەلبىگە ئىناقسىزلىق، نادانلىق، ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى چېچىۋاتقانلىقىنى راستىنلا بىلمەمدىغاندۇ؟!

     ئىنسان ئۆزىنىڭ قايسى يۇرتتا دۇنياغا كېلىدىغانلىقىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ، تۇغۇلغان يۇرتمۇ ئىنساننىڭ ساپاسىنى، تەقدىرىنى بەلگىلىمەيدۇ. لېكىن، ئىنسان قانداق ياشاش، قانداق ساپا يېتىلدۈرۈش، قانداق تۆھپە يارىتىش ھوقۇقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئىنسان ئۆزىنىڭ توغرا نىشانىنى، سۇنماس ئىرادىسىنى، يۈكسەك قەدىر – قىممىتىنى، گۈزەل ئەتىسىنى يارىتالايدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلىيالايدۇ. ئىنساننىڭ بۇنداق تەشەببۇسكارلىقىبىلەن ئىقتىدارى ھېچقانداق يۇرتنىڭ چەكلىمىسىگە، تۇسالغۇسىغا ئۇچرىمايدۇ. تالانتنىڭ يالقۇنىنى يۇرتۋازلىق بورانلىرى ھەرگىزمۇ ئۆچۈرۈپ تاشلىيالمايدۇ. داڭلىق ئالىم، ئەدىب، تۆھپىكارلار مىللەتنىڭ قەلب تۆرىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغان. شۇنىسى مۇقەررەركى، مىللەتنىڭ روھى ئالىمىدە چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش يۇرتۋازلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.

     دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا، مىللەت ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، يۇرتۋازلىقنىڭ بازىرىمۇ پەيدىنپەي كاساتلىشىدۇ. يۇرتۋازلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغانلارمۇ كۈندىن – كۈنگە ئازىيىدۇ. ئۆز ئائىلىسىنىڭ، ئۆز قەۋمىنىڭ ئىچىدە ئىناقلىقنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنالمىغان كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى بىلەن تەرەققىياتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرەلمەيدىغانلىقى بارغانسېرى ئايدىڭلىشىدۇ. تۇغۇلغان يۇرتنى ياخشىلار بىلەن يامانلارنى ياكى دانالار بىلەن نادانلارنى ئايرىشنىڭ ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇۋالمايدىغان، باشقا يۇرتتا تۇغۇلغان قېرىنداشلىرىنىڭ شادلىقى بىلەن قايغۇسىغا شېرىكلىشەلەيدىغان، مىللەتنىڭ ساپاسى، تەقدىرى، ئۇتۇق ھەم يېتەرسىزلىكلىرىگە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر يۇرتۋازلىق كېسىلىگە خاتىمە بېرىشنىڭ ئاساسلىق قوشۇنى ھېسابلىنىدۇ. ھەر قانداق مىللەت ئىناقلىق ئارقىلىق قۇدرەت تاپىدۇ. شۇڭا مىللەتنى پارچىلايدىغان، ئاجىزلاشتۇرىدىغان، خارابلاشتۇرىدىغان ئىللەتلەردىن قانچە بالدۇر قۇتۇلساق، ئېرىشىدىغان پايدىمىز، بايلىقىمىز، رىسقىمىز، شان – شەرىپىمىز شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 4 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. يىكەنداز
    2011-08-31 10:13 ھونزادە 

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، نەچچە كۈندىن بىرى بىكار بۇلالماي قالدىم.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    رەھمەت! بىرگە بولسۇن!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  2. دىۋان
    2011-08-31 11:28 ئەلشات 

    ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن قىرىندىشىم!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    رەھمەت! بىرگە بولسۇن! ھەممە دوستلار ئايەم شادلىقىغا تولسۇن!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter