ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەدەنىيەت - تارىخ >> تەپسىلاتى

كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ، ئەقلىمىزنى تەپەككۇر!

     ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەس ئۆتمۈشى شەكىللەنگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان تارىخ پەنلىرى بىر مىللەت، بىر رايون ياكى بىرەر ئائىلىگە نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغان نۇرلۇق ئەڭگۈشتەر ھېسابلىنىدۇ. كىمنىڭ ياكى قەيەردىن بولىشىدىن، كىمگە ياكى نېمىگە مۇناسىۋەتلىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ تارىخلار بولىدىكەن، ئۆزىگە چۇشلۇق ئارزۇ-ئارمانلارنى مۇجەسسەملىگەن ئەپسانە-رىۋايەتلىرى، قان-ياشلىق ھايات ئۇلانمىلىرىنىڭ پولاتتەك پاكىتلىرى ھەم مۇشۇ پاكىتلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئىدىيە-مۇلاھىزىلىرى بىلەن مەدەنىيەت خەزىنىسىنى ئۇلغايتىپ، بەلكى نۇرلاندۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ يۈزىنى يورۇق، كۆزىنى ئوچۇق، يولىنى دۇرۇس قىلىدۇ. بىر مىللەت، بىر دۆلەتكە نىسبەتەن، تارىخنى ئۇنتۇش ھالاكەتكە يۈزلىنىش ھېسابلانسا، بىر ئائىلە، بىر ئادەمگە نىسبەتەن، تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىق-كۇپۇرلۇقتىن دېرەك بېرىدۇ. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرگېنىمىزدە، يۇقىرىقى يەكۈننى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلىپلا قالماستىن، بەلكى كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، جاھاندا بولغان ۋە بولىۋاتقان ئىشلارنىڭ شۇنچە كۆپ، شۇنچە ئەھمىيەتلىك، شۇنچە جەلپكار ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالىمىز. بەلكىم، نۇرغۇن زامانلاردىن بۇيان ئۆز تارىخىنى ئۆزى يوقۇتۇپ كېلىۋاتقان نادان خەلقلەر ئۈچۈن كۆزىنى ئېچىش تېخىمۇ مۇھىم بولسا كېرەك.

     دۇنيا تارىخى چوڭ-كىچىك مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي تارىخى بولسىمۇ، ئەزەلدىن تارتىپ ھۆكۈمران مىللەتلەرنىڭ يازما-قېزىلمىلىرى ئارقىلىق نامايان بولۇپ كەلدى ھەم شۇ خىل مىللەتلەرنىڭ ساقلاش، رەتلەش، كۆزىتىش، ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئەنئەنىسى ئاساسىدا دۆلەت بىرلىكى، مىللەت ئىپتىخارلىقى سۈپىتىدە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇردى. تارىخنىڭ يېڭى بەتلىرىدىن ئورۇن ئالالمىغان بەزى مىللەتلەرنىڭ ئاسسمىلاتسىيە قىلىنىشى بىر تەرەپتىن سىياسىي، جۇغراپىيەلىك ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆز ۋۇجۇدىدىكى پىسخېك ئامىللار سەۋەبىدىن، جۈملىدىن تارىخنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئاڭ ۋە مەدەنىيەتنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن بولدى. تارىخنىڭ ئۆزى شەپقەتسىز، ئۇنىڭ شاللاش ئوبېكىتلىرى ئوخشاشمىغان ماكان ۋە زاماندا ئوخشاشمىغان ھالەت ۋە قىياپەتتە شەكىللىنىپ تۇرىدۇ. ئىلگىرى پارلاق تارىخقا ئىگە بولغان بەزى ماكان ۋە ئاۋاملار كىيىنچە ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن. ئەكسىچە، ئانچە كۆزگە چېلىقمىغان بەزى رايون ياكى خەلقلەر بىردىنلا ئۇتۇق قازىنىپ، دۇنياۋى مىللەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ خىل رېئاللىقتىن قارىغاندا، تارىخ ئارقىلىق نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىش، تارىخ ئارقىلىق ئەۋلاد تەربىيىلەش، تارىخ ئارقىلىق رېئاللىقنىڭ ئەڭ يېڭى تەپەككۇر يولىنى ئىزدەش، ياشاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغان زامانىۋى مىللەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن زۈرۈر.

     تارىخقا ھۆرمەت قىلىش– بىر خىل ئىلمىي پەزىلەت. تارىخقا باھا بېرىش– بىر خىل تەپەككۇر پائالىيىتى بولۇپلا قالماستىن، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى ياقلاش پائالىيىتى. ئېلىمىز جۇڭگو قەدىمكى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تۆت چوڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى. ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەركىبى قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرەپلىك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرسى. ئۇيغۇر تارىخى تارىم ئويمانلىقىنى مەركەز قىلغان تارىخ. جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغان بۇ خىل تارىخىي تىندۇرما ئېچىلىش ئالدىدىكى مۇزېيغا ئوخشايدۇ.

      ناھايەت، تارىخقا ئەھمىيەت بېرىش بىزدە تېخى تولۇق يېتىلمىگەن ھامىلە. ئاز ساندىكى نەشىر بۇيۇملىرى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، زىيالىيلىرىمىز ئارىسىدا تارىخ ئوقۇيدىغانلار ياكى تارىخ ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىدىغانلار نەچچە يۈز نەپەردىن ئاشمايدۇ. نەچچە يۈز نەپەر كادىر-خىزمەتچىلەر توپى ئارىسىدىن تارىخ تەتقىقاتىغا ئائىت ژۇرنال ياكى كىتاب تېپىلمايدۇ. دەرسلىكلەردىكى مىللەت تارىخىغا ئائىت ئاز-تولا بايانلاردىن ھالقىپ، بايقاپ ۋە كۈزىتىپ، بەلگىلىك خۇلاسە چىقىرالايدىغان ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ساناقلىقلا. يېقىندا بىر نەپەر باشقارما دەرىجىلىك كادىرنىڭ ئۆزىدىن يىگىرمە نەچچە ياش كىچىك بىر نەپەر خەنزۇ سىتودىنېتقا سۆزلەۋاتقان پارىڭىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ پەننىي مائارىپى يېقىنقى 50 يىل مابەينىدە بارلىققا كەلگەن مائارىپكەن. ئۇيغۇر دېھقانلار ئوچاق سېلىشنى بىلمىگەنلىكتىن، ھازىرغىچە كۆمەچ نان پىشۇرۇپ يەيدىكەن … بۇنى ئۇ يېزىلارغا مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ بارغاندا ھېس قىلىپتۇ. ياندا تۇرۇپ ئاڭلاۋېتىپ، بۇ خىل تېتىقسىز تونۇشتۇرۇشنى دەۋاتقان ئادەمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن گۇمانلاندىم. ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشلۇقى بولمىغان بۇ بايقۇشنىڭ تىلىنى كېسىۋەتكىم كەلدى. ئېھتىمال، باشقا كىشىلەر ئۇنداق ئەمەستۇ، تارىخىي مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ۋە مۇناسىۋەتنى توغرا چۈشىنىدىغاندۇر ھەم توغرا چۈشەندۈرەلەيدىغاندۇر. ئالىي مائارىپ تەربىيىسى تۇرماق، ئادەتتىكى مائارىپ تەربىيىسى، ھېچ بولمىسا ئائىلە تەربىيىسىنى ئالغان ھەرقانداق بىر ئادەم بىلىدىغان بۇ ھەقىقەت ئۇنىڭغا نېمىشقا تەسىر كۆرسەتمىدىكىنە؟

     بۇ ئادەم ھەققىدە ھەسرەت چېكىۋېتىپ، ئىختىيارسىز ھالدا تارىخىمىزدىكى سەلبىي تەكرارلىنىشلارنى ئەسلەپ قالدىم. گەرچە تارىخ تەكرارلانمايدىغان ھەقىقەت بولسىمۇ، تارىخىي ھادىسىلەر ياخشى تەتقىق قىلىنمىسا ياكى ئۇنىڭدىن تېگىشلىك خۇلاسە چىقىرىلمىسا، سەلبىي ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. دۇنيا مىقياسىدىن ئالغاندا، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن زېيىنى ئاز ئەمەس. تارىختىكى مۇسۇلمانلار بىلەن خرىستىئانلارنىڭ سوغۇق مۇناسىۋىتى ئۆتكەن ئەسىردە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى مەركەز قىلغان پۇرۇلتارلار بىلەن غەرب بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدە تەكرارلاندى. ئەينى ۋاقىتتا، سوۋېت سوتسىيالىزمىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى گۈزەل، يېتىش نۇقتىسى پارلاق بولسىمۇ، چېكىدىن ئاشقان سولچىل سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكتىن، سائادەت مەنزىلىگە يېتەلمەي، جاھالەت پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. بۇ سەھنىدە ئوينالغان قاباھەتلىك ئويۇننىڭ كۆلەڭگىسى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئېتىپ، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىكنى كۈچەيتتى. ئۇنىڭ قىلىقلىرى مەملىكىتىمىز جۇڭگودا ”مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى“ ئاتالمىسى بىلەن تەكرارلىنىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ بېشىغا چىقتى.

     ئېلىمىز تارىخىدا ”سېرىق ياغلىقلار قوزغىلىڭى“ دەيدىغان بىر خىل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ بولغانلىقى دەرسلىكلەردىن ئايان. ئەنە شۇ ئىنقىلابنى باستۇرۇشقا ئالدىراپ كەتكەن فىودال بەگ-سىپاھلار چاپارمەنلىرىگە “ ياغلىقىنى ئېلىپ كېلىش“ دەيدىغان مۇھىم ۋەزىپىنى تاپشۇرغاندا، قېنى قىزىپ كەتكەن چاپارمەنلەر قوزغىلاڭچىلارنىڭ بېشىنى ئېلىپ كېلىپ، ئاللىقاچان تەييارلاپ قويۇلغان ئىنئام-تارتۇقلارغا ئېرىشكەن. ئىگىسىدىن ئىنئام ئالىدىغان بۇ ئادەت ئىككى مىڭ يىل مابەينىدە “ ياغلىقىنى ئېلىپ كەل دېسە، بېشىنى كېسىپ كەپتۇ“ دېگەن داڭلىق تەمسىلگە ئايلانغان. ئاتالمىش ”مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى“ دىكى خاتالىقلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۈزىتىلدى، ئەلۋەتتە. لېكىن، شۇ مەزگىلدە ئۆگەنگەن سولچىل نەزەرىيە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەچكە، يەنىلا تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ تەكرارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئىقتىساد تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بەزى ئىشلارنىڭ تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرىۋاتقانلىقى كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ. “ دوپپىسىنى ئېلىۋەت دېسە، بېشىنى كېسىش“ كە ئۆزگەرگەن تارىخىي تەمسىل ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يەنىلا كۈچ كۆرسىتىۋاتىدۇ. شەھەر ھاياتىنى قويۇپ تۇرۇپ، يىراق يېزا-قىشلاقلىرىمىزنى كۈزىتىپ باقساق، يېمەك -ئىچمەك، كىيىم-كېچەككە رامكا بەلگىلەپ، ھويلا تېمىنى مەجبۇرىي كېسەكلەشتۈرۈش، ئاپئاق تامغا ”تۇغۇسەن، تۇغمايسەن!“ دەپ شوئار يېزىپ قويۇش….قاتارلىق ياشاش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرىنىۋاتقان بىمەنە ھادىسىلەرنى كۆرۈمىز. ئومۇمىيلىققا ياتمايدىغان بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى كىچىك بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە بېرىۋاتقان دېشۋارچىلىقى ئاز بولمىدى. مەنىۋى جەھەتتە ئانچە تەرەققىي قىلمىغان، ئۆز مەنپەئەتىنى قانۇن-نىزاملار ئارقىلىق قوغداشنى تېخى ئۆگىنىپ بولالمىغان بىر مىللەتنىڭ دېھقانلىرى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كادىر ۋە زىيالىيلىرى مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، قىسمەن كادىر ۋە زىيالىيلىرىمىزدا ساقلىنىۋاتقان ”قىزىپ كېتىش“ كېسىلى بۇ خىل ھالەتكە پايدىلىق بولالمىدى. بەزى كادىرلار ھەتتا ئۆز مەيلىچە “ يېڭىچە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى“ نى ئىجاد قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆز قەۋمىنى ئازابلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا مىللەتلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالدى. مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلىق مەدەنىيەتنى چۈشەنمەسلىك سەۋەبلەرنىڭ يىلتىزى بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تارىخ ئۆگىنىش، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىنى كۆزىتىش ھەم تەھلىل قىلىش قانۇنىيەتلىك ئىلگىرلەشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل.

     تارىختا تارىخ ئۆگەنگۈچىلەر ھامان قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشتا گىگانت رول ئوينىغان ماۋزېدۇڭ بىر ئۆمۈر تارىخ ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغان. ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا، ئەگەر ئۇ خەلقئارا ئىنتېرناتسىئونالنىڭ گېپى بويىچە ئىش قىلغان بولسا، ئەگەر ئۇ ستالىن بولشىۋېكلىرى سىزغان ئەگرى-توقاي “ خەرىتە “ بويىچە ماڭغان بولسا، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇپ چىقالمىغان بولاتتى. ئۇنىڭدا داھىلارغا خاس سىياسىي سەزگۈرلىكتىن باشقا، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ماركسىزمنى تەدبىقلىيالايدىغان جاسارەت ۋە تارىخىي دىت بار بولغانلىقى ئۈچۈن، مەسىلىلەرگە جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىدىن جاۋاب تاپقان. ياپون، يەھۇدىي مىللەتلىرىنىڭ مىللىي غۇرۇر تەربىيىسى بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئائىلە تەزكىرىچىلىك تەربىيىسى بۇ مىللەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن ھەم ئېرىشتۈرىۋاتقان زۈرىر شەرت. خەنزۇ مىللىتىدە ھەر يىلدىكى چاغاندا ئائىلە يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، ئاتا-بوۋىلىرى ھەققىدە تەزكىرە ئېيتىشىدىغان ياخشى ئادەت بار. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھېيت-بايراملىرىدا ئادەتتە ئائىلە تەزكىرىسى ئوقۇلمايدۇ. مىللىي قەھرىمانلارغا، ئاتاقلىق شەخسلەرگە سىغىنىش يوق دېيەرلىك. ئۆتمۈشتىكى ۋائىزلىق(داستانچىلىق) ئادىتىمۇ بارغانسېرى يوقاپ كەتتى. تارىخىي مۇزېي، كۆرگەزمەخانىلارغا بارىدىغانلار، قەدىمكى شەھەر- قەلئەلەرنى، مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرىنى ئارىلايدىغانلار ئىنتايىن، ئىنتايىن ئاز. ئۆزى ئوقۇمىسىمۇ، پەرزەنتلىرىنى يېتىلەپ كىتابخانانىغا بارىدىغانلار، مۇئەللىپ تەكىتلەۋاتقان تارىخ، پەلسەپە پەنلىرىگە ئائىت كىتاب سېتىۋالىدىغانلار ئاساسەن يوق. بۇنى ئۆزلىكنى يوقۇتۇشقا تاشلانغان قەدەم دېمەسلىككە بولارمۇ؟!

      تارىخ بىر مۇقەددەس قامۇس، كىملىك ۋە ئۆزلىك ئۇنىڭ يادروسى. كىمنى بىلمەي، ئۆزلىكنى كۈچەيتىش مۇمكىن ئەمەس، ئۆزلىكنى بىلمەي، ياشاش ھوقۇقىغا ئېرىشىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق ھەقىقەت جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسپلىرى، يۇقىرى-تۆۋەن قاتلاملىرىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر فولكلورى بىلەن ئۇنىڭ يازما، قازما يادىكارلىقلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ئىپتىخارى بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدىغان ئەڭگۈشتىرى. ئەگەر بۇ ئەڭگۈشتەر يەڭگىلتەكلىك بىلەن چۆرىۋېتىلسە ياكى نادانلارچە ئۇنتۇلدۇرۇلسا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن غايەت زور يوقۇتۇش بولىدۇ. بىچارىلىق، چۈشكۈنلىك، ھۇرۇنلۇق دېگەنلەر ھامان ئۆزلىكنى ھېس قىلماسلىقتىن كېلىدۇ. ئىلغارلىق ياخشى ئىش، ئەمما ئۆزلىكنى ساقلىيالمىغان ھەرقانداق بىر ئىلغارلىقنىڭ ئۆمرى كۆتە بولىدۇ. مىسال ئۈچۈن ئوخشاش ئىمتىياز، ئوخشاش ئوقۇش ۋە ئۆرلەش تارىخىغا ئىگە خەنزۇ، ئۇيغۇر كادىردىن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى نەچچە ئەۋلادقىچە دەپ بىرەلەيدىغانلىقىنى سوراپ كۆرسەك بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئالدىنقىسى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ تەزكىرىسىنى نەچچە مىڭ يىللار ئالدىغا سۈرۈپ، ھەتتا خۇاڭ دى، يەن دىلارغا باغلاپ سۆزلىيەلەيدۇ. كېيىنكىسى تۆتىنچى، بەشىنچى ئەجدادىغا بېرىپ، نائىلاج دۇدۇقلايدۇ. مەكتەپتە ئۆگەنگەن دەرسلىكلەر ئوخشاش بولسىمۇ، ئالدىنقىسى ئۆزىنى ئۆزلۈكسىز تولۇقلاپ ماڭغان، كېيىنكىسى ئۇنداق قىلالمىغان بولۇپ چىقىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا چىقىۋاتقان ئىجتىمائىي پەنلەرگە، بولۇپمۇ تارىخ، پەلسەپە، جۇغراپىيە پەنلىرىگە ئائىت گېزىت-ژۇرناللارنىڭ ئوقۇلۇش ۋە ساقلىنىش ھالىتى مۇئەللىپنىڭ سېلىشتۇرمىسىدىكى ئەڭ ئاددىي ئەينەك. كۆمەچ ناننى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، سۈپەتلىك ھەم كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشتىكى ئەنئەنىۋى ساغلاملىق ئوزۇقلۇقى سۈپىتىدە ئەمەس، ئىپتىدائىي-قالاق تۇرمۇش ئادىتى سۈپىتىدە چۈشىنىۋالغان ھېلىقى باشقارما باشلىقىمۇ بىر خىل ئەينەك.

     كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ، ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر! بۇ بىر تەرەققىيات زۆرۈرىيىتى. ئۇچۇرلىشىۋاتقان دۇنيا تارىخنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. تارىخنى يوشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنى دەستەك قىلىۋېلىشقا بولمىغاندەك، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئۆتمۈش– يېزىلىپ بولغان تارىخ، رېئاللىق يېزىلىۋاتقان تارىخ. تارىخ بەتلىرىنىڭ ھەر بىر بېتىدە ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جۇغلانمىسى ياكى ساۋاقلىرى خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كونا تارىخ ئۈستىدىكى يېڭى تەتقىقاتلار يېڭىچە بايقاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يېڭىدىن قېزىپ چىقىرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار تۆمۈر تامغا بېسىلىپ كەتكەن بەزىبىر يەكۈنلەرنى ئاغدۇرۇشقا قادىر. ئۇ خۇددى قاتتىق مىڭىنىڭ پارتلىشىغا ئوخشايدۇ. ئاللىقاچان قېلىپلىشىپ قالغان بەزى يېزىلمىلار مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا مەجبۇر. تارىخنىڭ ئىدىيە، نەزەرىيە ۋە ھەرىكەتنى يىڭىلايدىغان بۇ قۇدرىتى چەكسىز ھەم يىمىرىلمەستۇر. تارىخ ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر ئەسلىدىنلا قاراڭغۇ بولغان ياكى كىيىن خىرەلىشىپ كېتىۋاتقان دىللارنى يورۇتۇپ، ئىلگىرلەش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كىشىلەرنى يەڭگىللىك، گۇمراھلىقتىن ساقلايدۇ. ئۆزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، رېئاللىققا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇ ئاددىي بىلىم ئېلىش جەريانى ئەمەس، بەلكى ئىدىيە-ئەخلاق، پېسخىكا جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ تەربىيىلىنىش جەريانىدۇر.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

4 نەپەر تورداش باھا يازدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

  1. ئۇسلۇبلار بلوگى يىڭى ئىسىم يىڭى قەدەم بىلەن تىخىمۇ ئالغا ئىلگىرلىمەكچى! ئۇسلۇبلار بلوگىنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىپ تىخىمۇ ئالغا ئىلگىرلىشىمىزگە تۈرتكە بولۇپ قوللاپ بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز! رەھمەت! تىخىمۇ نادىر ئۇسلۇبلار ئۇسلۇبلار بلوگىدا مەيدانغا كەلگۈسى!
    تۇغ ئادرىسى: http://www.alxat.net/uslub/logo.gif
    ئۇلىنىش ئادرىسى: http://uslublar.tk

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    ئەلۋەتتە قوللايمىز. نادىر ئۇسلۇبلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا تىلەكداشمەن!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  2. روزى ھېيىتىڭىز قۇتلۇق بولسۇن قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    بىرگە بولسۇن!
    قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

جاۋاب بىرىپ قوياي ئەلشات