ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش پارتىيەلىك كادىرلارغا قويۇلغان تۈپ تەلەپ

پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش پارتىيەلىك كادىرلارغا قويۇلغان تۈپ تەلەپ

2011-10-05 11:40     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:  ئابدۇراخمان مامۇت        پارتىيەمىز ئىزچىل تۈردە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى. پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش پارتىيەلىك كادىرلارغا قويۇلغان تۈپ تەلەپ بولۇپ، ئۇ پارتىيە....

 ئابدۇراخمان مامۇت

 

     پارتىيەمىز ئىزچىل تۈردە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى. پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش پارتىيەلىك كادىرلارغا قويۇلغان تۈپ تەلەپ بولۇپ، ئۇ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشىنىڭ ئاچقۇچى توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇملۇققا بويسۇنۇش، ئىتتىپاقلىقنى ھەقىقىي قوغداش، ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش قاتارلىق بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ.

     بىرىنچى، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەش كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەش پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ يادروسى ۋە مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەشتە، ئىدىيەۋى، سىياسىي جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش لازىم. جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش لازىم.

     ئىككىنچى، ئومۇملۇققا بويسۇنۇش كېرەك. ئومۇملۇققا بويسۇنۇش پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشىدىكى تۈپ تەلەپ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ئومۇملۇقنى بىلىش ۋە ئومۇملۇقنى ئىگىلەش لازىم. ئومۇمىي ۋەزىيەتكە، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئومۇملۇقتۇر. پەقەت ئۇنى توغرا ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى توغرا ئويلاپ، ئىشلارنى توغرا بېجىرگەندىلا، ئومۇملۇقنى چىقىش قىلغىلى بولىدۇ. ھەر بىر پارتىيەلىك كادىر شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمەت پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئومۇملۇق بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ.

     ئومۇملۇققا بويسۇنۇش ئەمەلىي خىزمەتتە ئىزچىللاشتۇرۇش زۆرۈر بولغان، مىللەتكە بەخت يارىتىشنى مەقسەت قىلغان ئەمەلىي خىزمەت. نۆۋەتتە، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەڭ چوڭ ئومۇملۇق، شۇنداقلا دەۋرنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ قالدى. شۇڭا پارتىيەلىك كادىرلار ئىدىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، خىزمەتلەرنى ئىجادچانلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئومۇملۇققا بويسۇنۇشى لازىم.

     ئۈچىنچى، ئىتتىپاقلىقنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. ئىتتىپاقلىق – كۈچ، ئىتتىپاقلىق – غەلىبە. ئىتتىپاقلىق ئەزەلدىن پارتىيە ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. نۆۋەتتە، ئېلىمىز ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋەتلىرى ئۈزلۈكسىز مۇرەككەپلىشىپ، ھەر خىل زىددىيەتلەر كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇلار پارتىيەلىك كادىرلاردىن ئىتتىپاقلىقنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەۋىلىكنى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى قوغداشنى تەلەپ قىلماقتا. شۇڭا پارتىيەلىك كادىرلار ئىتتىپاقلىقنى باشتىن – ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىش بېجىرىشتە ئادىل، ئوچۇق – ئاشكارا بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىقنى ئۈنۈملۈك قوغدىشى، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىق، ئىجادچانلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

     تۆتىنچى، ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش كېرەك. پارتىيەمىز مۇستەھكەم تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئىگە ماركسىزملىق پارتىيە. پارتىيە ئىنتىزامى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك قورالى. ئۇ پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ئېتىقادى، نىشانى ۋە ئىرادىسىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى، ئىجادچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش – پارتىيەلىك كادىردا بولۇشقا تېگىشلىك سىياسىي ساپا ھەم مەسئۇلىيەت. ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشتا، پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆزىنىڭ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسئۇلىيىتى، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئاساسىي مىزانى دەپ بىلىپ، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى ۋە ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر پارتىيەلىك كادىر توغرا ھوقۇق قارىشى تۇرغۇزۇپ، تەشكىلنىڭ تەربىيەسى، باشقۇرۇشى ۋە خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter