2- دۇنيا ئۇرىشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زادى قانچىلىك ئادىمى قازا قىلغان؟
5- ئاينىڭ 9- كۈنى روسىيەنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا زادى قانچىلىك ئادىمىنىڭ قازا قىلغانلىقى ھازىرغىچە سىر بۇلۇپ تۇرماقتا.
ھەر يىلى 5- ئاينىڭ 9- كۈنى كەلسە نۇرغۇن نوپۇزلۇق مۇتىخەسىسلەر بۇ ھەقتە تۈرلۈك سانلارنى ئېلان قىلىدۇ. روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، سىتالىن دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغان ئادىمى 10 مىليۇن دەپ ئېلان قىلىنغان. ئەمما گورباچىۋ دەۋرىگە كەلگەندە بۇ سان 27 مىليۇنغا ئۆزگەرگەن. نۆۋەتتە بىر قىسىم تارىخشۇناسلار بۇ ساننى 42 مىليۇنغا يىتىشى مۈمكىن دەپ قارىماقتا. ئۇنداق بۇلىشى سابىق سوۋېت ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ ئارخىپلىرى ھازىرغىچە تولۇق ئاشكارلانمىدى. تارىخشۇناسلار ئاشكارلانغان ئارخىپلارنىڭمۇ زادى قىممىتى بار ياكى يوقلۇقىدىن گۇمانلانماقتا. بەزىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نۇرغۇن ئارخىپلىرىنىڭ ئاشكارلىنىشىغا ھېلىھەم خېلى ۋاقىت كىتىدۇ ……. دىيىشمەكتە.
5- ئاينىڭ 5- كۈنى روسىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى ۋەتەن ئۇرۇشىدىكى ئىنقىلابىر قۇربانلار خىزمىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالىكساندىر كىرىلىن موسكۋادا مۇخبىرلارغا 1941- يىلىدىن 1945- يىلىغىچە بولغان ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەمئىي 26 مىليۇن 600 مىڭ ئادىمى چىقىم بولغان، ھەربىيلەردىن ئۇرۇشتا ئۆلگەن، يارىلانغانلارنىڭ سانى 8 مىليۇن 600 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن دەپ ئاشكارلىدى.
كىرىلىن مۇنداق دېدى: يىراق شەرق رايۇنىدىكى ئۇرۇشلارنىمۇ قوشۇپ ھىساپلىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىدىن ئۇرۇش مەزگىلىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار (ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلار، ئېغىر يارلىنىپ قۇربان بولغانلار ياكى ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ قايتىپ كەلمىگەنلەر) جەمئىي 8 مىليۇن 668 مىڭ 400 گە يەتكەن.
ئۇ يەنە ماۋۇلارنى ئاشكارلىدى: ئۇرۇش مەزگىلىدە جەمئىي 29 مىليۇن 500 مىڭ ئادەم ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە سەپەرۋەر قىلىنغان. 1845- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ سانى 11 مىليۇن 390 مىڭ، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلار بىر مىليۇن 46 مىڭ ئىدى. سوۋېت ئارمىيەسى بىلەن گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ تالاپەتكە ئۇچراش نىسبىتى 1.3:1 بۇلۇپ، گېرمانىيە ئارمىيەسىدىن تەخمىنەن 6 مىليۇن ئادەم، ئىتتىپاقداش قوشۇنلاردىن 806 مىڭ ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىغان.
يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: 2- دۇنيا ئۇرىشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زادى قانچىلىك ئادىمى قازا قىلغان؟
يېقىندا ئىنكاس قالدۇرغان مىھمانلار