ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جياڭ جيېشىنىڭ 3000 ساھىبجامال ھىيلىسى

جياڭ جيېشىنىڭ 3000 ساھىبجامال ھىيلىسى

2012-02-22 4:25     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: جياڭ جيېشى 3000 ساھىبجامالنى ئىشقا سېلىپ، ئوتتۇرا  تۈزلەڭلىك ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان               «ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇرۇشى» 1930- يىلىدىكى جياڭ جيېشى بىلەن مىلىتارىستلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشنى كۆرس....

جياڭ جيېشى 3000 ساھىبجامالنى ئىشقا سېلىپ، ئوتتۇرا

 تۈزلەڭلىك ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان

 

 

   

      «ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇرۇشى» 1930- يىلىدىكى جياڭ جيېشى بىلەن مىلىتارىستلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. يەتتە ئاي داۋاملاشقان ئۇرۇشتا جياڭ جيېشى غەلىبە قىلدى. فېڭ يۈشياڭ ھوقۇقتىن ئايرىلىپ، يەن شىشەن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. گومىنداڭ تەركىۋىدىكى ھەرقايسى گۇرۇھلار ۋاقىتلىق بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. جياڭ جيېشى ھەربىي ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭ كەينىدە يەنە نۇرۈۇن مەخپىيەتلىكلەر ساقلانغان ئىدى.

     1930- يىلىدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇرۇشىدا يەن شىشەن بىلەن فېڭ يۈشياڭ بىر تەرەپتە، جياڭ جيېشى ھەمدە بىر توپ كىچىك مىلىتارستلار يەنە بىر تەرەپتە تۇرۇپ ۋەكىل ئەۋەتىشكەن ئىدى. جياڭ جيېشى ۋەكىللەرگە كەڭ قول بۇلۇپ، پۇل ئالىدىغانلارغا پۇل، ساھىبجامال كېرەكلىرىگە ساھىبجامال تارتۇقلىدى. لېكىن ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇشنى تەلەپ قىلمىدى. يەن شىشەن ۋەكىللەرگە پۇل بەرگەن بولسىمۇ ئۇلار بىلەن ئىنچىكە ھىسابلاشقاچقا، جياڭ جيېشى تەرەپتە تۇرىدىغانلار بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ئەسلىدە فېڭ يۈشياڭ، يەن شىشەنلەرگە سادىقلارمۇ جياڭ جيېشى تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرىدى. جياڭ جيېشىنىڭ قول ئاستىدا خې چېڭجۈن ئىسىملىك بىر گېنىرال بۇلۇپ، ئۇ مەخسۇس پۇل خەجلەشكە مەسئۇل بولغان. ئۇنىڭ ئۇرۇش جەھەتتە ئەمەلىي تەجىرىبىسى بولمىسىمۇ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇرۇشىدا جياڭ جيېشى ئۇنى باش قۇماندان قىلدى. خې چېڭجۈن قۇماندانلىق قىلغان قىسىمدىكىلەر ئەبجەش قىسىم بۇلۇپ، جەڭگىۋارلىقى ۋە ئىنتىزامچانلىقى تۆۋەن ئىدى. خې چېڭجۈن خەنكۇدىن ئالى ھاراق، ئەپيۇن ھەمدە 3000 ساھىبجامالنى ئەكىلىپ، ئۇرۇش بولمىغان رايۇندا تۇرغۇزدى. بۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپتىكىلەر ھەمدە ئۆز قىسمىدىكىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. شۇنداق قىلىپ بەزمىخانىلاردىكى كۈلكە ئاۋازى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇرۇشىنىڭ توپ – زەمبىرەكلىرىنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ چۈشتى. فېڭ يۈشياڭ غەربتىكى جەڭگاھقا كىلىپ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى. ئۇ ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۈندىلىك خاتىرىسىگە: «غەربىي شىمالدىكى ئارمىيە ئىنتايىن ياخشى، لېكىن ئۇلار پۇل ۋە ئايالنى كۆرگەندە خۇدىنى يوقىتىدۇ» دەپ يازغانىدى.

     ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇرۇشى گەرچە جياڭ جيېشىنىڭ ئۇتۇپ چىققانلىقىدىن دېرەك بەرگەن، پۇل، ساھىبجامال ھەمدە مەنسەب قاتارلىق ئۇسۇللىرىنىڭ ئۇرۇشتىكى ئۈنۈمى ياخشى بولغان بولسىمۇ، گومىنداڭنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى گۇرۇھلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرەلمىگەن ئىدى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter