ئالىم بىز بلوگى

جەرىمانە قويۇلغان، مۇسادىرە قىلىنغان پۇل – ماللارنى بۆلۈشۈۋېلىش جىنايىتى

     جەرىمانە قويۇلغان، مۇسادىرە قىلىنغان پۇل – ماللارنى بۆلۈشۈۋېلىش جىنايىتى – دۆلەت ئەدلىيە ئورگانلىرى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى مەمۇرى ئورگانلارنىڭ دۆلەتنىڭ بەلگۈلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتكە تاپشۇرۇلىدىغان جەرىمانە قويۇلغان، مۇسادىرە قىلىنغان پۇل – ماللارنى ئورۇن نامىدا كوللىكتىپ ھالدا شەخسىي بۆلۈشۈۋېلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جىنايەتنىڭ دەخلى – تەرۇز قىلىش ئوبېكتى _ دۆلەت مۈلكىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىن ئىبارەت. جەنايەتنىڭ سوبېكتى _ ئەدلىيە ئورگانلىرى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى مەمۇرىي ئورگانلار بۇلىدۇ.

     بۇ جىنايەت سوبېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ بەلگۈلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، جەرىمانە قويۇلغان، مۇسادىرە قىلىنغان پۇل – ماللارنى ئورۇننىڭ نامىدا كوللىكتىپ ھالدا شەخسلەرگە بۈلۈپ بىرىش قىلمىشى بۇلۇپ ئىپادىلىنىدۇ.

     «ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش مەھكىمىلىرى دىلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دىلولارغا دىلو ئېچىش ئۆلچىمى توغرىسىدىكى بەلگۈلىمىسى» دە، جەرىمانە قۇيۇلغان، مۇسادىرە قىلىنغان پۇل – ماللارنى شەخسىي بۆلۈشۈۋېلىشى جىنايىتىگە دېلو تۇرغۇزۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى 100 مىڭ يۇەن قىلىپ بىكىتىلگەن.

     «دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 396- ماددىسىنىڭ ئىككىنچى تارمىقىدا: «ئەدلىيە ئورگانلىرى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى مەمۇرىي ئورگانلاردىن دۆلەتنىڭ بەلگۈلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتكە تاپشۇرۇدىغان جەرىمانە قۇيۇلغان، مۇسادىرە قىلىنغان پۇل – ماللارنى ئورۇن نامىدا كوللىكتىپ ھالدا شەخسىي بۆلۈشۈۋالغانلىرىدىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلىدى. قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. سوممىسى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ» دەپ بەلگۈلەنگەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: جەرىمانە قويۇلغان، مۇسادىرە قىلىنغان پۇل – ماللارنى بۆلۈشۈۋېلىش جىنايىتى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: قانۇن- نىزام
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: