ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> سىياسىي- نەزەرىيە >> تەپسىلاتى

پارتىيىنىڭ ئىستىل قۇرۇلىشى توغرىسىدا

          پارتىيىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى – پارتىيە ئۆز قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىستىل جەھەتتە ئېلىپ بارغان بىر قاتار خىزمەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى، بارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ، پارتىيىنىڭ تۈرلۈك ئىسىل ئەنئەنىلىرى ۋە ئىستىللىرنى زور كۈچ بىلەن يىتىشتۈرۈش ۋە جارى قىلدۇرۇش؛ پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان ھەر خىل ناتوغرا ئىستىللارنى تىرىشىپ تۈزۈتۈش؛ پۈتۈن پارتىيىنىڭ ھەمدە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە، سىياسىي، تۇرمۇش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىستىللىرىنى ھەقىقى تۈردە تۈزەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پارتىيىنىڭ ئىستىل قۇرۇلىشى – پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم مەسىلە. پارتىيە ئىستىلىنىڭ ياخشى – يامان بۇلىشى پارتىيىنىڭ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى بۇلۇش خەرەكتىرىنى ساقلاش- ساقلىيالماسلىقىغا، پارتىيىنىڭ توغرا لۇشيەن، فاڭجىن، سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ چىقىش – چىقالماسلىقىغا ۋە ئۇلارنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش- قىلالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك؛ تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، پارتىيە بىلەن ئەممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلىسا ھەممە ئىشتا غەلىبە قازىنىدۇ؛ پارتىيە ئاممىدىن ئايرىلىپ خەلقنىڭ رايىنى قولدىن بىرىپ قويسا ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ. شۇڭا پارتىيە ئىستىلىدىكى يادىرولۇق مەسلە – پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدىن ئىبارەت.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: