ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> سىياسىي- نەزەرىيە >> تەپسىلاتى

پارتىيىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلىشى توغرىسىدا

          پارتىيىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى – پارتىيە ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تەشكىلىي جەھەتتە ئېلىپ بارغان بىر قاتار خىزمەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئاساسل؛ىقى تۈۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: پارتىيىنىڭ سىياسىي لۇشيەنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تەشكىلىي لۇشيەننى تۈزۈش؛ پارتىيىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئىھتىياجىغا ماس كىلىدىغان زور بىر تۈركۈم ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى تەربىيلەش ۋە يىتىشتۈرۈش؛ يۇقۇرى ساپالىق پارتىيە ئەزالىرى قۇشۇنىنى قۇرۇرۇپ چىقىش؛ پارتىيىنىڭ دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈنىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۈنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش؛ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمىنى ۋە تەشكىلى ئورگىنىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش.

          پارتىيىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلىشىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى – پارتىيە تەشكىلىنىڭ مۇستەھكەملىكىگە ۋە ھەركىتىنىڭ بىردەكلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. پارتىيىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلۇشىنىڭ يادىروسى – پارتىيىنىڭ دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئىجرا قىلىش. پارتىيىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلۇشى – پارتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى، ئۇ پارتىيىنىڭ پىروگراممىسى ۋە پارتىيىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى لۇشيەن، فاڭجىن، سىياسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ماددىي كاپالىتى، شۇنداقلا پارتىيىنىڭ ئىدىيىۋى قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي قۇرۇلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى.

          پارتىيىنىڭ ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرلەردىكى سىياسىي لۇشيەنى ئوتتۇرغا قويغان ۋەزىپىلەر ۋە تاكتىكىلار ئوخشاش بولمىغاچقا، پارتىيىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلىشىنىڭ كونكىرت مەزمۇنىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. پارتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى بىر مەزگىلدىكى تەشكىلىي قۇرۇلىشىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى: بىرىنچىدىن، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزىمىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بۇلۇپمۇ تۈزۈم قۇرۇلىشىغا ئەھمىيەت بىرىپ، مۇكەممەل تۈزۈم، ئارقىلىق پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيىگە كاپالەتلىك قىلىش، مەركەزنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، پۈتۈن پارتىيىنىڭ چوڭ-چوڭ مەسىلىلەردىكى ھەركىتىنىڭ بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش. ئىككىنچىدىن، پارتىيىنىڭ مىليۇنلىغان ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۈرۈپ ۋە ئاممىنى يىتەكلەپ ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش. ئۈچۈنچى، پارتىيىنىڭ مىليۇنلىغان ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلىرىنى تەربىيلەپ ۋە چېنىقتۇرۇپ، بۇلۇپمۇ ھەم ئەخلاغلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولغان زور بىر تۈركۈم ياش كادىرلارنى تەربىيلەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، قەتئىي جۇڭوگۇچە سوتسىيالىزىم يولىدا ماڭىدىغان، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىشقا، يېڭى مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولغان قابىلىيەتلىك رەھبەرلىك قاتلىمىنى شەكىللەندۈرۈش.

          پارتىيىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى تۈپ مەسىلە – پارتىيىنى كۈچلۈك رەھبەرلىك يادىروسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيىنىڭ تەشكىلىي ئۈستۈنلىكىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇش. پارتىيىنىڭ تەشكىلىي ئۈستۈنلىكى تۈۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ:

بىرىنچى، كۈچلۈك رەھبەرلىك يادىروسىغا ئىگە بۇلۇش.

ئىككىنچى، ھمۇكەممەل تەشكىلىي ئاپراتلارغا ئىگە بۇلۇش.

ئۈچۈنچى، ئىلمىي تەشكىلىي پىرىسىپقا ئىگە بۇلۇش.

تۆتىنچى، قاتتىق تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئىگە بۇلۇش.

بەشىنچى، زور كادىرلار قۇشۇنىغا ئىگە بۇلۇش.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: