ئالىم بىز بلوگى

پارتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلىشى توغرىسىدا

1. پارتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلىشىنىڭ مەزمۇنى

          پارتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ئاساسلىقى پارتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتە ئېلىپ بارغان بىر قاتار خىزمەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئاساسەن پارتىيىنىڭ پىروگراممىسىنى ۋە مۇئەييەن تارىخى باسقۇچتىكى سىياسىي لۇشيەنىنى؛ ئۇنىڭغا ماس كىلىدىغان فاڭجىن، سىياسەتلەرنى توغرا تۈزۈپ ھەمدە پارتىيىنىڭ پىروگرامما، لۇشيەن، فاڭجىن ۋە سىياسەتلىرى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيىنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە ھەېكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى؛ پارتىيە ئىچىدىكى زىدىيەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، پۈتۈن پارتىيىنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى يۈكسەك بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن پارتىيىنى توغرا سىياسىي يۈنۈلۈشنى بويلاپ قەدەم بىرلىكى بولغان ھالدا ئالغا باسىدىغان قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پارتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى – پارتىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئىلغارلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. پارتىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئىلغارلىقى ئاساسلىقى پارتىيىنىڭ پىروگرامما، لۇشيەن، فاڭجىن، سىياسەتلىرىنىڭ توغرىلىقى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا توغرا پىروگرامما، لۇشيەن، فاڭجىن، سىياسەتلەرنى بەلگۈلەش – پارتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى. بۇنىڭ ئىچىدە ئالدى بىلەن پارتىيىنىڭ پىروگراممىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كىرەك. يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمىيەت شارائىتىدا، پارتىيىنىڭ ئەڭ تۈۋەن پىروگراممىسى يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاپنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇش؛ ئەڭ ئالىي پىروگراممىسى سوتسىيالىزىم ۋە كومۇنىزىمنى قۇرۇش. سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا پارتىيىمىزنىڭ ئەڭ يېقىنقى نىشانى – ئىلىمىزنى باي قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدىنىيەتلىك، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش. پارتىيىنىڭ ئەڭ ئالىي نىشانى – كومۇنىزىم تۈزۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

          پارتىيە ئۆزىنىڭ پىروگراممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پىروگراممىغا ئاساسەن يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ مۇئەييەن تارىخى باسقۇچتىكى سىياسىي لۇشيەنىنى تۈزۈپ چىقىش كىرەك. ئەمىلىيەتنى ئاساس قىلىپ توغرا سىياسىي لۇشيەننى تۈزۈپ چىقىش ۋە ئۇنى قەتئىي ئىجرا قىلىش – پارتىيىنىڭ ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنىڭ تۈپ ئاساسىي شەرتى. پارتىيە ئىچىدىكى زىدىيەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش، پارتىيىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ھەم پارتىيىنىڭ سىياسىي لۇشيەنىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، ھەم پارتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزنۇنى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشىدىن ئىبارەت يېڭى دەۋردە پارتىيىمىز ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتلەردىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، ماركسىزىمنىڭ ئومۇمىي ھەقىقىتىنى جۇڭگۇنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئەمىلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيىنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى ئاساسىي لۇشيەنىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ ئاساسىي لۇشيەن يەنى پارتىيىنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى سىياسىي لۇشيەنى جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم قۇرۇشنى بايراق، سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى نەزىرىيىسىنى تۈپ مەۋقە، «بىر مەركەز، ئىككى ئاساسىي نۇقتا» نى مەركىزىي مەزمۇن، باي- قۇدىرەتلىك، دېموكراتىك، مەدىنىيەتلىك سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى كۈرەش نىشانى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۈرۈش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇشنى سىياسىي ئەۋزەللىك قىلىپ، پارتىيىنىڭ سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى باش ۋەزىپىسى، باش فاڭجىنى، باش سىياسىتىنى يىغىنچاقلاپ بەرگەن ۋە شەرھىلەپ بەرگەن. ئەمىلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ئۇ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى باي قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جان تومۇرى.

2. پارتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقى

 

          پارتىيىنىڭ سىياسىي قكۇرۇلۇشى – ئاساسلىقى پارتىيىنىڭ سىياسىي يۈنۈلىشى، سىياسىي پىرىنسىپى ۋە سىياسىي لۇشيەنى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ. يېڭى ئەسىرگە يۈزلەنگەن نۆۋەتتىكى شارائىتتا پارتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتكەندە پارتىيە باشتىن-ئاخىر توغرا سىياسىي يۈنۈلۈش ۋە سىياسىي لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي رەھبەرلىكنى يولغا قۇيۇپ، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملىيەلەيدۇ. چۈنكى:

بىرىنچىدىن، پارتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى – پارتىيىنىڭ خەرەكتىرىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ كاپالىتى.

ئىككىنچىدىن، پارتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى – پارتىيە رەھبەرلىكىنى توغرا يولغا قۇيۇشنىڭ ئاساسى. پارتىيە رەھبەرلىكى دېگەندە، ئاساسلىقى سىياسىي، ئىدىيە، تەشكىل جەھەتتىكى رەھبەرلىك بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سىياسىي رەھبەرلىك يادرولۇق ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، پارتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى – پۈتۈن پارتىيىنىڭ سىياسىي ساپاسىنى تاھلايدىغان ئوچاق. پارتىيىمىز سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتكەندە پۈتۈن پارتىيىدە سىياسىي ھاۋا قويۇق بولغان مۇھىت شەكىللىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى بۇ مۇھىتتا ئۆزلىرىدىكى غەيرى پۇرۇلېتاريات ئىدىيىۋى ئېڭىنى تۈگۈتەلەيدۇ، ناتوغرا ھەركەت ۋە سۇس خاھىشلارغا ئورۇن قالمايدۇ، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى بىر قەدەر كۈچلۈك سىياسىي پەرق ئىتىش ئىقتىدارىغا، ئالىيجاناپ ئىدىيە ۋە كۈچلۈك ئىتىقادقا ئىگە بولالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇرەككەپ بولغان ھەرقانداق مۇھىتتا كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ، توغرا سىياسىي يۈنۈلۈشنى باشتىن-ئاخىر بىرىچى ئورۇنغا قۇيالايدۇ.

3. پارتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى

 

         پارتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى – ماركسىزىم- لېنىنىزىم، ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزىرىيىسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن ئىبارەت ئىلمىي نەزىرىيىنى قوللۇنۇپ، ئىجىتمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى ھالەتلەرنى تەپسىلى تەھلىل قىلىپ، پارتىيىنىڭ پىروگرامما ۋە سىياسىي لۇشيەنىنى توغرا بىكىتىپ ۋە يولغا قۇيۇپ، پۈتۈن پارتىيىنىڭ سىياسىي يۈنۈلىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيىنىڭ پىروگرامما ۋە لۇشيەنىنىڭ توغرىلىقىغا، ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت. يىغىنچاق قىلىپ ئېيتقاندا پارتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى:

بىرىنچىدىن، پارتىيىگە توغرا سىياسىي يۈنۈلۈش كۆرسىتىپ بىرىش.

ئىككىنچىدىن، پارتىيىگە توغرا سىياسىي پىرىنسىپ بەلگۈلەپ بىرىش.

ئۈچۈنچىدىن، پارتىيىگە توغرا سىياسىي لۇشيەن تۈزۈپ بىرىشتىن ئىبارەت.

قىسقىسى، سىياسىي يۈنۈلۈش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي لۇشيەن قۇرۇلۇشى – پارتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بۇلۇپ، ئۇ پارتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىدا ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ، مەركەزلىك ھالدا پارتىيىنىڭ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى بۇلۇش خەرەكتىرىدا چىڭ تۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. پارتىيىنىڭ خەرەكتىرى مەسىلىسى – پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈپ مەسىلە، پارتىيىنىڭ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى بۇلۇش خەرەكتىرى – پارتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ مەقسىتى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: پارتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلىشى توغرىسىدا

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-05-06
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: