ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ›› ىنى تەشۋىقات قىلىش پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايماقتا

شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ›› ىنى تەشۋىقات قىلىش پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايماقتا

2011-09-12 5:57     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      شىنجاڭ گېزىتى 2011- يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى خەۋىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بەشتە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك›› روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شىنجاڭ....

     شىنجاڭ گېزىتى 2011- يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى خەۋىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بەشتە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك›› روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەر تەرەققىيات تارىخى، دىنىي ئۆزگىرىش تارىخى (قىسقارتىلمىسى ‹‹ئۈچ تارىخ››)نى توغرا تونۇپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، ‹‹تۆتنى تونۇش›› ۋە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› تونۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدا شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىدۇ.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ى بويىچە تەشۋىقات – تەربىيە پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئەزەلدىن كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون، ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولغان رايون ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ تونۇتۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۈجمەل قاراشلارنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، تىرىشچان بولۇپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، ئالغا ئىنتىلىدىغان شىنجاڭچە روھنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈشكە يېتەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

     شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ىنى تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى 3 – سېنتەبىردىن باشلاپ ئىلى، چۆچەك، ئالتاي، سانجى، قۇمۇل، بايىنغولىن، ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەت – ئوبلاستلار ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردا لېكسىيە سۆزلەشكە باشلىدى.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter