ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش توغرىسىدىكى تەپەككۇر

زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش توغرىسىدىكى تەپەككۇر

2012-02-27 10:38     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: شىن لى      شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى – تەھرىر ئىلاۋىسى: (يولداش جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش›› ئاپتونوم ر....

شىن لى

     شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى – تەھرىر ئىلاۋىسى: (يولداش جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش›› ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى مەزگىل، يېڭى باسقۇچتا زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم نەزەرىيەۋى ھەم ئەمەلىي مەسىلە. بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بارغانسېرى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان پەيتتە، گېزىتىمىز كادىرلار، ئاممىنى ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش››قا بولغان تونۇش ۋە تەپەككۇرنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇ ئىدىيەنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىگىلەش ھەم ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەش ئۈچۈن، ‹‹ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش <زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش توغرىسىدىكى تەپەككۇر>›› سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندى.)

     2010- يىلى ئېچىلغان ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن ئېتىبارەن، ئاپتونوم رايونىمىز كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى مەزگىلى، يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئىككى تارىخىي ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنداپ، مەملىكەت خەلقى بىلەن ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىلدىكى ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك نىشانى قىلىندى.

    يولداش جاڭ چۈنشيەن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق، 2010 – يىلى 5 – ئايدا ئېچىلغان ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش››تىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىر يىلدىن ئارتۇق تەتقىق قىلىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، بۇ مەسىلە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بارغانسېرى ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. 2011 – يىلى 10 – ئايدا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا، يولداش جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملىگەن ئاساستا، ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش›› ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق شەرھلىدى.

     زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش – زامانىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، مەدەنىيەتنىڭ تەربىيەلەش، مۇجەسسەملەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش، ۋە يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەڭ تۈپ قىممەت تونۇشى ۋە ئەڭ كەڭ دائىرىدىكى ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋىيىتى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، ئىجادىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىلمىي ھالقىشقا تۈرتكە بولۇش دېگەنلىكتۇر. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش›› ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنىڭ چوڭقۇر يەكۈنى، مەۋقەنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قويۇپ، يېڭى تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىگىلەشكە ۋە چىڭ تۇرۇشتا زۆرۈر بولغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ مەركەزلىك يىغىنچاقلىنىشى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ چېگرادىكى كۆپ مىللەتلىك رايوندا كونكرېت گەۋدىلىنىشى، يېڭى مەزگىل، يېڭى باسقۇچتا ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىكى مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك تاللاش.

 

زامانىۋى مەدەنىيەت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت

 خەلقنى ئۇيۇشتۇرىدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان

 قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ

 

     مەدەنىيەت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹قارار››دا: ‹‹مەدەنىيەت بارغانسېرى مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىدىكى مۇھىم ئامىلغا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تىرىكىگە، مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش بارغانسېرى ئېلىمىز خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇ – ئارمىنىغا ئايلىنىۋاتىدۇ›› دەپ كۆرسىتىلدى. ھازىرقى دەۋردە، كىشىلەر مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىغا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ.

     بىر جاي، بىر مەزگىلدىكى كىشىلەرنىڭ قارىشى، ئېڭى، شۇنداقلا شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان تونۇشى ھەمىشە شۇ جاي، شۇ مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ. ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە توغرا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان مەدەنىيەت جەزمەن زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىلغار مەدەنىيەت بولۇشى؛ جەزمەن زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىگە ماسلىشىدىغان، دەۋر قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، دەۋر روھىغا ئىگە، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئېھتىياجىنى كۆزلەيدىغان زامانىۋى مەدەنىيەت بولۇشى كېرەك.

     ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ بىردەكلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم يېتەكچى فاڭجېن، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان تۈپ پىرىنسىپ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا، ‹‹ھالقىما تەرەققىيات›› بىلەن ‹‹ئۇزاق ئەمىنلىك››نىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بۇ ئىككى ئىش بىر – بىرىگە بېقىنىدۇ، بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، بولمىسا چوڭ چاتاق چىقىدۇ. 2000 – يىلى دۆلەت غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئون يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىككى قاتلىنىپ، ئېشىش سۈرئىتى شۇ مەزگىلدىكى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولدى. ھالبۇكى مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن يەنە كىشىنى چۆچۈتىدىغان ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى يۈز بېرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن يەنە ھەمىشە ئۇنداق – بۇنداق ئىجتىمائىي مەسىلىلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ؟ بۇ ھادىسىلەر كىشىلەرنى ئويغا سالماي قالمايدۇ. شىنجاڭدىكى مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىشتا، ئىقتىساد تەرەققىي قىلدۇرۇلمىسا ياكى تەرەققىيات ئاستا بولۇپ قالسا ھەرگىز بولمايدۇ؛ لېكىن، بۇ ئىقتىساد تەرەققىي قىلدۇرۇلسا، بارلىق مەسىلىلەرنى ئوڭايلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. قىممەت تونۇشى، ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇش، يادرولۇق قىممەت قارىشى تىكلەش، بولۇپمۇ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ئورتاق غايە – ئېتىقاد شەكىللەندۈرۈش جەھەتلەردە يەنە نۇرغۇن تېخىمۇ ئاچقۇچلۇق، تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ ئىنچىكە خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.

     شىنجاڭدا زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كونكرېتلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش ئاساسىدا، دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، زامانىۋى جەمئىيەتكە ماسلىشىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئەنئەنىۋى ئىلغار مەدەنىيەت بىلەن دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، مىللىي مەدەنىيەت ۋە زامانىۋى مەدەنىيلىكنى بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش؛ پەرقكە ھۆرمەت قىلىپ، كۆپ خىللىقنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئارا قايىل بولۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن، كۆپ مەنبەلىك، بىرلەشتۈرۈلگەن، ئېچىۋېتىلگەن، شىنجاڭچە زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەيپىياتنى توغرىلاپ، خەلقنى تەربىيەلەپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى جەمئىيەتنىڭ ئورتاق غايە – ئېتىقادىغا تايىنىپ ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىنى جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت تونۇشىغا تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

 

زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنى شىنجاڭنىڭ

 ئالاھىدە رايون ئەھۋالى بەلگىلىگەن

 

     شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە رېئال رايون ئەھۋالى زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى بەلگىلىگەن. شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى، ئۆزگىچىلىكىنى تولۇق تونۇپ، كۆپ خىل ئامىل بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مەدەنىيەت ئەندىزىسىنىڭ شەكلى ۋە تەرەققىياتىنى ئىگىلەش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە شىنجاڭدىكى بارلىق ئىشلارنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىكى ئاچقۇچ.

     شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ خاسلىقى بەلگىلىگەن. شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي، ھازىر ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل، شىبە قاتارلىق 47 مىللەت ياشايدۇ. ئوخشاش بولمىغان مىللەت، دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئۆرپ – ئادەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، قىممەت قارىشى شىنجاڭدا تېخىمۇ روشەن.

     شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى شىنجاڭنىڭ ئۇزاق تارىخى بەلگىلىگەن. دۇنياغا مەشھۇر قەدىمىي ‹‹يىپەك يولى››نىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 7000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ 2000 كىلومېتىرغا يېقىن بۆلىكى شىنجاڭدا. شىنجاڭ قەدىمكى شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتى ئۇچراشقان رايون ۋە تۈگۈن بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى، مەدەنىيلىك تارىخىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

     شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى شىنجاڭنىڭ بىپايان تېررىتورىيەسى ۋە ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورنى بەلگىلىگەن. شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمى 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. مۇشۇنداق بىپايان رايوندا، يەر شەكلى پەرقى چوڭ، زېمىن كەڭ، ئادەم ئاز، ئولتۇراقلىشىش تارقاق بولۇش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن، رايونلار ئارىسىدىكى بېرىش – كېلىش، چۈشىنىش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش نىسبەتەن قىيىن. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ غەربىي قىسىمدىكى چەت رايون بولغاچقا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يىراق، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيادىكى سەككىز دۆلەت بىلەن قوشنا، چېگرا لىنىيەسى 5600 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، مەملىكىتىمىزنىڭ قۇرۇقلۇق چېگرا ئومۇمىي لىنىيەسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ شىنجاڭدىكى جايلارنىڭ مەدەنىيەت پەرقىنىڭ بىر قەدەر چوڭ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەنمۇ روشەن پەرقلىق بولۇشتەك خاسلىقىنى بەلگىلىگەن. بۇ ئۈچ ئامىل ئۆز ئارا بىرلىشىپ، بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئاساسى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئورتاق شەكىللەندۈرگەن.

      شۇنى چوقۇم كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭدا مىللەتلەر كۆپ، مەدەنىيەت كۆپ خىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر شىنجاڭمۇ مەملىكەتتىكى باشقا جايلارغا ئوخشاشلا ئىجتىمائىي تىپ ئۆزگىرىش مەزگىلىدىكى ئومۇميۈزلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى ھەرىكىتىنىڭ مۇستەقىللىقى، تاللاشچانلىقى، ئۆزگىرىشچانلىقى، پەرقى روشەن كۈچەيمەكتە، قىممەت قارىشى، ئەخلاق ئېڭى، قىممەت يۆنىلىشى كۆپ خىللاشماقتا. بۇ بىزگە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتتە ئاساسىي قىممەت تونۇشى ۋە ئەڭ كەڭ ئىجتىمائىي ئورتاق قاراش شەكىللەندۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈشىمىزنىڭ باشقا ھەرقانداق رايونغا قارىغاندا تېخىمۇ تەخىرسىز، تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ۋەزىپىمىزنىڭمۇ ئىنتايىن مۈشكۈللۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

     زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەتنى ساقلاپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جەمئىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىش، مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق ئىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، ئاساسىي قىممەت تونۇشى ۋە ئەڭ كەڭ ئىجتىمائىي ئورتاق قاراشنى، ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاقلىشىپ ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى بىرلىكتە تاماملايدىغان ئۇيۇشۇشچانلىق ۋە مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

 

زامانىۋى مەدەنىيەت يېتەكچى قىلىش ھالقىما

 تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر تاللىشى

 

     تەرەققىيات باش ۋەزىپە، شىنجاڭدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى. تەرەققىيات، بولۇپمۇ ھالقىما تەرەققىيات، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە.

     بۇ ئۇلۇغ ئەمەلىيەتنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مۇناسىپ ئىدىيەۋى قاراش، مەدەنىيەت ئېڭى ئارقىلىق خەلقنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى يېتەكلەش زۆرۈر. مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى ئىككى يىلدا، شىنجاڭ زېمىنىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە تېزلىتىلدى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرى كۆپەيدى، باشقا تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ يېڭى ئەمەلىيەت جەريانىدا، زور بىر تۈركۈم يېڭى ئىدىيە، تەسەۋۋۇر، ئۇسۇللار بارلىققا كېلىپ، ئەمەلىي خىزمەتلەردە مۇھىم يېتەكچىلىك ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى. مەسىلەن، ‹‹شىنجاڭنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش››، ‹‹مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيە ئارقىلىق رايوننى گۈللەندۈرۈش››،‹‹بايلىق ئېچىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتا ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش››، ‹‹يېڭىچە سانائەتلىشىش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش››، ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى، ئاممىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىش››، ‹‹مائارىپ ئارقىلىق رايوننى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش››، ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم يارىتىپ، شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭچە ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭچە ئوبراز يارىتىش››، ‹‹ئۆزگىرىش، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش››، ‹‹قەلبداش، مەسلەكداش، نىشانداش بولۇش، ئورتاق تىرىشىش››، ‹‹جان – دىل بىلەن، مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش››، ‹‹تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتەلەيمىز، تىرىشساقلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ››… بۇ ئىدىيەلەر ئىسلاھات ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى قاپلاپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى لەرزىگە سالدى. ئەمەلىيەت شۇنى چۈشەندۈردىكى، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور رول ئوينىدى.

 

زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش ئۇزاق ئەمىنلىكنى

 ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپى

 

       تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق باشتىن – ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىككى چوڭ تېما. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شىنجاڭدا يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۈشكۈل ۋەزىپە، ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېخىمۇ مۈشكۈل! ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ شەكىللەندۈرۈش، بىر يۈرۈش يېڭى ئىدىيەنى يېتەكچى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن، پۈتكۈل جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

     نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››لەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرى قايتا جانلىنىشقا باشلىدى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن. چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە ھەدەپ سىڭىپ كىرىپ، بارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى تارقىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى بۇرمىلاپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. مەدەنىيەت، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل.

     بۇنداق ئەھۋال ۋە ئارقا كۆرۈنۈشتە، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتەك مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇشنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ‹‹تۈپتىن تۈزەش›› تەدبىرى دېيىشكە بولىدۇ. مەيلى بىر دۆلەت ياكى بىر رايون بولسۇن، يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەدەنىيەت قىممەت سىستېمىسى بولمىسا، كىشىلەرنىڭ رايى يېنىپ، نىشاندىن ئادىشىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. پەرقكە ھۆرمەت قىلىش، كۆپ خىللىقنى قوبۇل قىلىش، ئۆز ئارا قايىل بولۇش ئاساسىدا، يېتەكچى ئىدىيەنى تىكلەپ، ئورتاق تونۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نىسپىي بىرلىككە كەلگەن يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ نىسپىي بىرلىككە كەلگەن ئورتاق ئارزۇ، غايە، مەنپەئەتنى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ھەم ئورتاق نىشان ۋە شەخسىي ئىنتىلىش، ھەم ئورتاق ئىرادە ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان جانلىق ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك، بۇ شىنجاڭدا ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپى.

     زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش مول مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدا ‹‹تۆتنى تونۇش››، يەنى ‹‹ۋەتەننى تونۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى تونۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش، سوتسىيالىزم يولىنى تونۇش››نى كۈچەيتىشنى تەكىتلەش زۆرۈر. دۆلەتنى تونۇش ئەڭ ئاساسىي پۇقرالىق ئېڭى، پۇقرالارنىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئەخلاق قىممىتى يۆنىلىشى، غايە، ئېتىقادىنى تونۇشى، زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىش، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى زۆرۈر تەلەپ. كىشىلەردە مىللەت، قانداشلىق، تىل، ئادەت، رايون قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرقتىن ھالقىغان، ئۆزئارا ئىختىلاپ ۋە ئارازىلىقنى تۈگىتىدىغان قىممەت قارشىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. كىشىلەرگە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئېتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇتۇشىمىز كېرەك. مىللەتلەر پەقەت ئۆز تەقدىرى بىلەن ۋەتەننىڭ تەقدىرىنى زىچ بىرلەشتۈرگەندىلا، گۈللىنەلەيدۇ ۋە ئالغا باسالايدۇ.

 

زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش زور سىستېما قۇرۇلۇشى

 

     زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۇزاق مەزگىللىك، تۈپ خاراكتېرلىك، ئومۇمىيلىققا ئىگە سىستېما قۇرۇلۇشى. ئۇ پاسسىپ ئەمەس، ئاكتىپتۇر؛ تارقاق ئەمەس، بىر پۈتۈن گەۋدىدۇر؛ يۈزەكى ئەمەس، سىستېمىلىقتۇر؛ ئۇ تۆۋەن سەۋىيە، تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنى قانائەتلەندۈرۈپلا قالماي، باشتىن – ئاخىر ئىشلارنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرىدىغاندۇر؛ قۇرۇق شوئار توۋلاپ، تەرتىپ بويىچە ئىشلەش بولماستىن، بەلكى ئۆزگەرتىش، ئىسلاھ قىلىش، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتۇر.

     زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئاخبارات – تەشۋىقات سېپىدىكىلەرنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا، ئاخبارات جامائەت پىكرى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا باشلامچى بولۇشى كېرەك. ئاخبارات – تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە ۋە مۇھىم مەسئۇلىيەت دەپ قاراپ، يېڭى ئىدىيە ۋە تەدبىر ئارقىلىق، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش مەزمۇنى ۋە ئىدىيەسىنى ياخشى شەرھلىشىمىز، ياخشى تەشۋىق قىلىشىمىز، ياخشى ئومۇملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز، بولۇپمۇ مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ئاڭ ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىدىكى ئاساسىي ئېقىم بىلەن تارماق ئېقىمنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئىلغار بىلەن قالاقنى، پاسسىپ بىلەن ئاكتىپنى ئېنىق ئايرىپ، ئىجتىمائىي ئاڭغا ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ۋە يېڭى تەجرىبىلىرىنى، شۇنداقلا ياراتقان يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراشلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچ توپلىشىمىز كېرەك.

     شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغان شىنجاڭ ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيەت جەريانىدا، گۈللەنگەن، باياشات، ئىناق، مۇقىم ۋە گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش مۇساپىسىدە، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ!

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter