ئالىم بىز بلوگى

خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك

مۇھەممەد ساۋۇت

 

     يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، يېڭى ئۇسۇل ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، دەۋر روھىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ ئىجادىي ئىشلەش دېگەنلىكتۇر. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى،خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق ياراتقاندىلا، ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقىلى،ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن تۈرلۈك خىزمەت ھوقۇقىنى ياخشى يۈرگۈزگىلى بولىدۇ.

     ئىدىيە ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ ئاساسى. خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار چوقۇم ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان دەۋرچانلىق ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى؛ يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىدىيە بىلەن ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى؛ قانۇنغا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا، خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلا بولسا، يۈرەكلىك بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىدىيەۋى قاراش تۇرغۇزۇشى كېرەك.

     نۆۋەتتە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇق دائىرىسىدە كونكرېت مەشغۇلات تەرتىپى كەمچىل. بۇ، تېخىمۇ ئىزدىنىپ، پرىنسىپلارنى كونكرېتلاشتۇرۇشنى، تۈزۈملەشتۈرۈشنى، ئىزچىل يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ‹‹نازارەتچىلىك قانۇنى››نىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە ئېھتىياجغا ئاساسەن، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ھوقۇقلىرىنى ياخشى يۈرگۈزۈش كېرەك.

     قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ ئىشلارنى تۇتۇش، مۇھاكىمە قىلىش، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىك خىزمىتىدە، نازارەت قىلىنىدىغان نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. نازارەتچىلىك قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئومۇملۇققا، كەلگۈسىگە، خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار چوڭ ئىشلارنى نازارەت قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە ئىنكاس كۈچلۈك بولۇۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلىش؛ قىيىن نۇقتىلارنى چىڭ تۇتۇپ، نازارەتچىلىك يوللىرىنى كېڭەيتىپ، قانۇن نازارەتچىلىكى بىلەن خىزمەت نازارەتچىلىكى سالمىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى ۋە ئاممىۋى نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىئىيەت قۇرۇشتەك بىر قاتار زور مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلارنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى پىكىر – تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

     خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ كاپالىتى. شۇڭا تەربىيىلەشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش؛ تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ۋەكىللەرنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىدىغان ئەلا مۇھىتنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئەھۋالنى بىلىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولۇش ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنىڭ ئاساسى. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ھۆكۈمەت ئىشلىرى ھەققىدىكى ھەر خىل ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا ۋەكىللەرگە ئۇقتۇرۇشى، ۋەكىللەرنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، قانۇن، بەلگىلىمە ۋە پارتىيەنىڭ سىياسەت، فاڭجېنلىرىنىڭ شۇ رايوندا ئىزچىل ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. ئومۇمىي ۋەزىيەتكە چېتىلىدىغان، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تەكلىپ، پىكىرلەرنىڭ بېجىرىلىشىگە نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىش ھەم مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش نىسبىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىتىش كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-25
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: