ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> سىياسىي- نەزەرىيە >> تەپسىلاتى

پارتىيە نىزامنامىسىدىن قىسقىچە بىلىملەر

          1. قانداق كىشلەر جوڭگو كوممونىستىك پارتىيسىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىسا بۇلىدۇ؟

جاۋاب: يېشى 18 كە توشقان، جۇڭگودىكى ئىشچى، دېھقان، ئەسكەر، زىيالىلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەبىقىدىكى ئىلغارلار، پارتىينىڭ پىروگىراممىسى ۋە نىزامنامىسىنى ئىتىراپ قىلىدىغان، پارتىيە تەشكىلىگە قاتنىشىشنى خالايدىغان ھەمدە خىزمەتلەردە ئاكتىپ، پارتىينىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىدىغان ۋە پارتىيە بەدەل پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇدىغانلار جوڭگو كوممونىستىك پارتىيسىگە كىرشنى ئىلتىماس قىلىسا بۇلىدۇ.

          2. پارتىينىڭ دىموكىراتتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئاساسى پىرنسىپى قايسى؟

جاۋاب: پارتىيە ئەزالىرى تەشكىلگە بويسۇنۇش، ئاز سانلىق كۆپ سانلققا بۇيسۇنۇش، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار يۇقىرى دەرجىلىك تەشكىلاتلارغا بويسۇنۇش، پۈتۈن پارتىيدىكى ھەردەرجىلىك تەشكىلاتلار ۋە پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرى پارتىينىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتېيى ۋە مەركىزى كومتېتقا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت.

          3. پارتىينىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبىرى ئورگىنى قايسى؟

جاۋاب: پارتىينىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتېيى ۋە ئۇ ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن مەركىزى كومتېت.

          4. ئەگەر پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇۋاپىق سەۋەبى بولمىسا، قانداق ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزلۈكىدىن پارتىيدىن چىكىندى دەپ قارىلىدۇ؟

جاۋاب: ئۇدا 6 ئاي پارتىينڭ تەشكىلى تۇرمۇشىغا قاتناشمىسا ياكى پارتىيە بەدەل پۇلىنى تاپشۇرمىسا ۋە ياكى پارتىيە تاپشۇرغان خىزمەتنى ئىشلىمىسە، ئۆزلۈكىدىن پارتىيدىن چىكىندى دەپ قارىلىدۇ.

          5. پارتىينىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتېيى قانچە يىلىدا بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ؟

جاۋاب: بەش يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ.

          6. پارتىيمىزنىڭ پارتىيە بەلگسىدىكى رەسىم نۇسخسى قانداق؟ پارتىيە بايرىقىدىكى رەسىم نۇسخسىى قانداق؟

جاۋاب: جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيسىنىڭ پارتىيە بەلگىسى ئورغاق ۋە بولقىدىن تەركىپ تاپقان رەسىم نۇسخسىدۇر. جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيسىنىڭ پارتىيە بايرىقى ئالتۇن رەڭلىك پارتىيە بەلگۈسىنىڭ رەسىم نوسخىسى چۈشۈرۈلگەن قىزىل بايراقتۇر.

          7. پارتىيە ئاساسلقى قايسى جەھەتلەردىن كوممونىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك؟

جاۋاب: بىرىنچى، ئىتتىپاق كادىرلىرىنى ئەستايدىل تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە تەربىيلەش كېرەك. بۇ كوممونىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى؛

ئىككنچى، كوممونىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسى ۋە ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئىجادى قانات يايدۇرغان تۈرلۈك جانلىق، مول مەزمۇنلۇق، رەڭگارەڭ پائالىيەتلەرنى پائال قوللىشى كېرەك؛

ئۈچنچى، كوممونىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ زەربىدار قۇشۇنلۇق رولى ۋە كەڭ ياشلار بىلەن ئالاقىلىشىشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى تۇلۇق جارى قىلىدۇرۇش كېرەك؛

تۆتىنچىدىن، پارتىيە تەشكىلاتلىرى كوممونىتىسك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزالىرىنى پارتىيگە ئەزا تەرەققى قىلىدۇرۇش  ئوبىكتلىقىغا كۆرستىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىپ، پارتىيە تەشكىلىگە يېڭى قان يېتىشتۈرۈپ بېرىپ، پارتىينىڭ زاپاس قوشۇنلۇق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

          8. پارتىيە ئىچىدە قالدۇرۇپ سىناشنىڭ مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندىمۇ قانچە يىلىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؟

جاۋاب: 2 يىلدىن ئېشىپ كەتمەسىلىكى لازىم.

          7. پارتىيە ئەزالىرىغا بىرىلىدىغان ئەڭ چوڭ جازا قايسى؟

جاۋاب: پارتىيدىن چېكىندۈرۈش.

          9. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدە قالدۇرۇپ سىناش مەزگىلىدە قايسى ھۇقۇقلىرى بولمايدۇ؟

جاۋاب: ئاۋاز بىرىش ھۇقۇقى، سايلاش ھۇقۇقى ۋە سايلنىش ھۇقۇقى بولمايدۇ.

          10. پارتىينىڭ تۈپ باش مەقسىدى نېمە؟

جاۋاب: پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.

          11. پارتىيە تەشكىلاتى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، قارار چىقارغاندا، چوقۇم ئاۋازغا قويۇش كېرەكمۇ يوق؟

جاۋاب: پارتىيە تەشكىلاتى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، قارار چىقارغاندا، چۇقۇم ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش پىرنسىپىنى ئىجرا قىلىشى لازىم. مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە قارار چىقارغاندا، ئاۋازغا قويۇپ قارار قىلش لازىم.

          12. پارتىيە ئەزالىرىدا چوڭ مەسىلە بۇلۇپ، تېخى تەكشۈرۈپ ئايدىڭلاشتۇرۇلمىغان ۋاقتتا، ۋەكىل نامزاتلىقىغا كۆرستىشكە بولامدۇ- يوق؟

جاۋاب: پارتىيە ئەزالىرى ئۆزىنىڭ زور مەسىلىسى تۈپەيلى پارتىيە تەشكىلى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىۋاتقان مەزگىلىدە، ۋەكىل نامزاتلىقىغا كۆرستىلسە بولمايدۇ.

          13.  پارتىينىڭ ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللەر چوڭ يىغىنى ئاچقاندا، يۇقىرى دەرجىلىك پارتىيە تەشكىلى مەلۇم پارتىيە ئەزالىرىنى ۋەكىل نامزاتلىقىغا بەلگىلسە بولامدۇ- يوق؟

جاۋاب: پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئالاقىدار بەلگۈلىمىلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن، پارتىينىڭ ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللەر چوڭ يىغىنى ئاچقاندا، يۇقىرى دەرجىلىك پارتىيە تەشكىلى مەلۇم پارتىيە ئەزالىرىنى ۋەكىل نامزاتلىقىغا بەلگىلسە بولمايدۇ.

          14.  پارتىينىڭ ئەڭ ئالى غايىسى ۋە ئەڭ ئاخىرقى نىشانى نېمە؟

جاۋاب: كوممونىزىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

          15. دۆلىتىمىز ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئورۇنلاشتا چوقۇم قايسى فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇشى لازىم؟

جاۋاب: «تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بۇلۇش» فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇشى لازىم.

          16. پارتيىمىزنىڭ ئەڭ زور سىياسى ئۈستۈنلىكى نېمە؟ پارتىيىمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرۈگۈزگەندىن كېيىنكى ئەڭ زور خەۋىپى نېمە؟

جاۋاب: ئەڭ زور سىياسى ئۈستۈنلىكى- ئامما بىلەن قۇيۇق ئالاقە باغلاش، ئەڭ زور خەۋىپى – ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش.

          17. پارتىيمىزنىڭ ئىستىلى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

جاۋاب: ئىددىيۋى ئىستىل، ئۈگىنىش ئىستىلى، خىزمەت ئىستىلى، رەھبەرلىك ئىستىلى ۋە كادىرلارنىڭ تۇرمۇش ئىستىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

          18. پارتىينىڭ باش مەقسىدى نېمە؟

جاۋاب: پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.

          19. پارتىينىڭ ئەڭ مۇھىم ئىنتىزامى نېمە؟

جاۋاب: سىياسى ئىنتىزام.

          20. پارتىيىنىڭ ئىستىل قۇرلۇشىنىڭ تۈپ مەقسىدى نېمە؟

جاۋاب: ئۇمۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىميەت يۈرگۈزۈش.

          21. پارتىينىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى يادرولۇق مەسىلە قايسى؟

جاۋاب: پارتىينىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش.

          22. پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققى قىلىدۇرۇشتىكى «16 خەتلىك» فاڭجىن قايسى؟

جاۋاب: ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىھتىيات بىلەن تەرەققى قىلىدۇرۇش.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: