ئالىم بىز بلوگى

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى

         1919- يىلىدىكى «4- ماي ھەرىكىتى» دە، ماركسىزم -لېنىنىزم بىلەن جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتى يەنىمۇ بىرلەشتۈرۈلدى ، ئىدىيە ۋە تەشكىلىي جەھەتتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق قىلىندى . 1920- يىلى 8- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ياشلارنى تەربىيىلەش ، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە ىسوتسىيالىزىمنى يەنىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شاڭخەيدە سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى قۇردى . شۇ يىلى 10- ئايدا يولداش ماۋزېدۇڭ خۇنەندە پارتىيە قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى تەشكىللەشكە باشلىغانىدى . بۇنىڭ ئالدى – كەينىدە جايلار پارتىيە قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىمۇ تەشكىللىگەنىدى . 1921- پىلى 7- ئايدىكى پارتىيىنىڭ 1- قۇرۇلتىيىدا جايلارنىڭ سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى مەسىلىلەر تەتقىق قىلىندى . يىغىندىن كېيىن پارتىيە ئەزالىرى ئىتتىپاق خىزمىتى ئىشلەشكە ئەۋەتىلىپ ، ئىتتىپاققا بولغان رەھبەرلىك كۈچەيتىلدى . ئىتتىپاق تەشكىلاتى كۈنسايىن زورىيىۋاتقان ئەھۋالدا ، 1922- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 1- قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان ئىتتىپاق پروگراممىسىدا، جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جۇڭگو ياش پرولېتارلىرىنىڭ تەشكىلاتى، شۇنداقلا پرولېتارىيات سىنىپىنى تەلتۆكۈس ئازاد قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان تەشكىلات دەپ بېكىتىلدى .

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتى نامىنىڭ

 بىرنەچچە قېتىم ئۆزگەرتىلىشى

          1922- پىلى 5- ئايدا جوڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 1- قۇرۇلتىيى پارتىيىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە ئېچىلىپ ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن تەشكىلات قۇرۇلدى. 1925- يىلى 1- ئايدا ئېچىلغان ئىتتىپاقنىڭ مەملىكەتلىك 3- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ نامىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئۆزگەرتىش قارار قىلىندى.
          1935- يىلى 11- ئايدا پارتىيە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بارلىق ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ياپون جاھانگىرلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاق تەشكىلاتىنى مىللىي ئازادلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرىدىغان ياشلار تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى . شۇنىڭ بىلەن مەملىكەت بويىچە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرىدىغان ياشلار تەشكىلاتلىرى ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلدى .گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلار «جۇڭخۇا مىللىي ئازادلىق ئاۋانگارتلار ئەترىتى» ، «ۋۇخەن ياشلار ۋەتەننى قۇتقۇز ۇش ئىتتىپاقى» ، «گۇاڭدۇڭ ياشلار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇر ۇش ئاۋانگارت ئەترىتى» ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى «دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقى» قاتارلىقلار قۇرۇلدى. شەنشى ، گەنسۇ ، نىڭشيا قاتارلىق چېگرا رايونلار ۋە جايلاردىكى دۈشمەنگە قارشى تايانچ� بازىلاردىمۇ «ياشلا ۋەتەننى قۇنقۇز ۇش جەمئىيىتى» ۋە «ياشلار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئاۋانگارت ئەترىتى» قۇر ۇلدى . 1946- يىلى 6- ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك سىناق قىلىش ئارقىلىق ، 1949- يىلى يېڭى يىلدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇش قارارىنى چىقاردى . 1949- يىلى 4- ئايدا جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 1- قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. 1957- يىلى 5- ئايدا ئېچىلغان جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 3- قۇرۇلتىيىدا، ئىتتىپاق نامىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئۆزگەرتىش قارار قىلىندى .

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلى

 

          كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئۇزۇن ۋە شەرەپلىك تارىخقا ئىگە، ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىدا ئۇ ئىلغار ياشلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتىغا خاس ئېسىل ئەنئەنە ۋە ئىستىلنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى .

          1. باشتىن – ئاخىر جەمئىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ ، ئىنقىلاب ۋە قۇر ۇلۇش ئىشلىرىنىڭ زەربىدارلار ئەترىتى بولدى . يولداش ماۋزېدۇڭ : « ‹4- ماي ھەرىكىتى› دىن بۇيان ، جۇڭگو ياشلىرى قانداق رول ئوينىدى ؟ مەلۇم ئاۋانگارتلىق يەنى باشلامچىلىق رول ئوينىدى ، ئىنقىلابىي قوشۇننىڭ ئالدىدا ماڭدى» دەپ كۆرسەتكەنىدى . «4- ماي ھەرىكىتى» دىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن بۈگۈنگىچە مەيلى جاھانگىرلىك ، فېئودالىزم ۋە بيۇروكرات كاپىتالىزمدىن ئىبارەت «ئۈ چ چوڭ تاغ»قا قارشى كۈرەشتە ، ياكى قۇدرەتلىك ، مەدەنىيەتلىك ، دېموكراتىك ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىدا بولسۇن ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى باشتىن – ئاخىر پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە ، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ ، ياشلارنى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ۋەتەننىڭ نامرات ، قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ، ھۇجۇمدا ، كۈرەشتە ئالدىدا مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ، جەمئىيەت ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئاۋانگارت ئەترەتكە ئايلاندى.

          2. ياشلارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ ، ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس ھالدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇر ۇلغاندىن باشلاپلا ، ئۆزىنىڭ ياشلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ، ياش ئىشچىلار ، دېھقانلار ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلاپ ، مىڭلىغان – ئون مىڭلىغان ياشلارنى ئىنقىلاب قوينىغا جەلپ قىلدى . دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە ياشلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئىتتىپاق ئىچىدە بىر مەزگىل ساقلانغان «ياشلارغا دىققەت قىلىدىغان ئالاھىدە خىزمەتكە ئېتىبار بەرمەي ، پارتىيە بىلەن ئوخشاش خىزمەت قىلىش» تەك ياشلار ئاممىسىدىن ئايرىلغان «ئىككىنچى پارتىيە» خاھىشىنى يېڭىپ ، جۇڭخۇانىڭ تەرەققىيپەرۋەر ياشلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان يادروغا ئايلاندى . سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يولداش ماۋزېدۇڭ ياشلار ئىتتىپاقىنى سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇپ : «ھازىر سىلەرنىڭ توققۇز مىليون ئەزايىڭلار بار ، ناۋادا ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئەھمىيەت بەرمىسەڭلار ، بىر مىليونى سىلەرنى ھىمايە قىلسىمۇ ، قالغان سەككىز مىليونى ھىمايە قىلمايدۇ» دېگەنىدى . كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ يېڭى دەۋرىدە ياشلارنىڭ تۆھپە قوشۇپ ئىگىلىك تىكلىشى ، ياراملىق ئادەم بولۇپ ئۇسۇپ يېتىلىشىدىن ئىبارەت تۈپ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى يەنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ، مۇلازىمەتنى ئىتتىپاقنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاياغلىشىش نۇقتىسى قىلىشنى ، ياشلارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشتا تېخىمۇ ئاڭلىق بولۇشنى تەكىتلىگەنىدى .

           3. پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ ، ياشلارنى پائال ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى . كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن بۇيان ، ماركسىزم – لېنىنىزمنى باشتىن – ئاخىر ئۆزىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ، كوممۇنىزمنى ئىشقا ئاشۇر ۇشنى كۈرەش نىشانى قىلىپ ، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرىدىن پارتىيىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىش ، پارتىيىنىڭ سىياسىي تەشەببۇسنى ھىمايە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ ، ياشلارنى پارتىيە كۆرسەتكەن ئىنقىلاب يولىغا داۋاملىق مېڭىشقا يېتەكلەپ ، جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى . شۇڭا ، پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىنى باشتىن – ئاخىر ئېغىشماستىن قوبۇل قىلىش ھەم كوممۇنىستىك ياشلار  ئىتتىپاقى خاراكتېرىنىڭ ئاساسىي تەلىپى ، ھەم ياشلار ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئىگىلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيىسى

 

          كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي ئىجتىمائىي فۇنكسىيىسى مۇنداق ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : بىرىنچى، ياشلارنى پارتىيىنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەربىيىلەپ ۋە يېتەكلەپ ، ئۇلارنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا غايىلىك ، ئەخلاقلىق ، مەدەنىيەتلىك ، ئىنتىزامچان يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەردىن قىلىپ چېنىقتۇرۇپ ، پارتىيىنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش. ئىككىنچى ، ئىجتىمائىي كېڭىشىش سۆھبىتى ، دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشقا قاتنىشىپ ، ھۆكۈمەت ھاۋالە قىلغان ياشلار خىزمىتىگە ئالاقىدار ئىشلارنى ئۈستىگە ئېلىش ، ياشلار بىرلەشمىسى ، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ، پىئونېرلار ئەترىتى قاتارلىق ياش- ئۆسمۈرلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياشلار ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش. ئۈچىنچى ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ياشلارنىڭ كونكرېت مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ ، جان – دىل بىلەن ياشلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ ، پاشلار مەنپەئەتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋەكىللىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ كۈرەش نىشانى ۋە ئاساسىي ۋەزىپىسى

 

          «ئىتتىپاق نىز!منامىسى» دە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ كۈرەش نىشانى مۇنداق بەلگىلەنگەن : «جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ پروگراممىسىنى قەتئىي ھىمايە قىلىش ، ماركسىزم – لېنىنىزم ، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى ھەرىكەت قىبلىنەماسى قىلىش ، ئىدىيىنى ئازاد قىلىش ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياشلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ، ئېلىمىزنى قۇدرەتلىك ، دېموكراتىك ، مەدەنىيەتلىك ، سوتسىيالىستىك ،� زامانىۋىلاشقات دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، ئاخىرىدا كوممۇنىزملىق ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك».
بۇ باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «ئىتتىپاق نىزامنامىسى»دە ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى : «پارتىيىنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئېغىشماستىن ئىزچىللاشتۇرۇش ، ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ ، ،تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا ، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ ، مۇستەقىل ، يېڭىلىق يارىتىپ ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇر ۇشتەك ئۇلۇغ ئەمەلىيەت جەريانىدا ، غايىلىك ، ئەخلاقلىق ، مەدەنىيەتلىك ، ئىنتىزامچان ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈش ، تىرىشىپ پارتىيىگە ھاياتىي كۈ چ بېغىشلاپ دۆلەتكە ياش قۇرغۇچىلارنى تەربىيىلەپ بېرىش » دەپ بەلگىلەنگەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-03-06
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: