ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ياپونىيەنىڭ جوڭگۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىش تەكلىۋى

ياپونىيەنىڭ جوڭگۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىش تەكلىۋى

2011-06-08 5:37     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:       Wikileaks نىڭ ماتىرىيالىدا: ياپونىيە ئىلگىرى ياپونىيە – ئامېرىكا – روسىيە بىرلىشىپ جوڭگۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەنلىكى ئاشكارلانغان. سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 16- ....

      Wikileaks نىڭ ماتىرىيالىدا: ياپونىيە ئىلگىرى ياپونىيە – ئامېرىكا – روسىيە بىرلىشىپ جوڭگۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەنلىكى ئاشكارلانغان. سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 16- ماي خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى يېقىندا Wikileaks نىڭ ماتىرىيالىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دىگەن: ياپونىيە سابىق ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئامېرىكا، روسىيە بىلەن بىرلىشىپ «ياپونىيە – ئامېرىكا – روسىيە» تورى شەكىللەندۈرۈپ، قەد كۆتۈرۈۋاتقان جوڭگۇنى مۇىاسىرىگە ئالماقچى بولغان.

     بۇ ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ ئاشكارلىغىنى ياپونىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئامېرىكا گوۋۇيۇەنىگە يوللىغان ئىككى پارچە مەخپى خەت بۇلۇپ، خەتنىڭ بىرى 2007- يىلى ئىيۇندا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئابې شىنزۇ روسىيەنى زىيارەت قىلغاندا ياپونىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكىغا سۇنغان دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى؛ يەنە بىر ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان باش ۋەزىر ئاسۇتارو ھاكىمىيەت تۇتقان چاغدا ياپونىيە دېپلوماتىيە يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئامېرىكىنىڭ يارىدەمچى دۆلەت كاتىپى كامبېلنى كۈتۈۋالغاندا سۆزلىگەن سۆزى ئىكەن.

     2007- يىلى ياپونىيەنىڭ بىر دېپلوماتىيە ئەمەلدارى ئامېرىكا ئەمەلدارىغا: «روسىيە ئاسىيا – تېنچ ئوكيان ئىشلىرىغا بارغانسىرى كۆڭۈل بۆلمەكتە …. ياپونىيە روسىيەگە ھەمكارلىشىپ رايۇن خەرەكتىرلىك تەرتىپكە سېلىشقا تەييارلىق قىلىپ قويدى» دېگەن.

     خەۋەر قىلىنىشچە، ياپونىيە ئەمەلدارى «روسىيە ئاسىيا – تېنچ ئوكيان ئىشلىرىغا بارغانسىرى كۆڭۈل بۆلمەكتە، ئۇنىڭ جوڭگۇغا بولغان مۇداپىيە ئېڭى بارغانسىرى يۇقىرلىماقتا …» دېگەن. لېكىن ئۇ يەنە ئامېرىكا تەرەپكە ماۋۇلارنى بىلدۈرگەن: ئەگەر روسىيە رايۇن خەرەكتىرلىك تەرتىپكە سېلىشتا مەغلۇپ بولسا، خەۋپ – خەتەر زور بۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن روسىيە جوڭگۇ بىلەن بولغان ئىستىراتىگىيىلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. شۇڭا سىز ۋاشىنگتونغا ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويسىڭىز. ئامېرىكا ئەمەلدارى ياپونىيىنىڭ بۇ سۆزىگە قارىتا مۇنداق دېگەن: ياپونىيە جوڭگۇ بىلەن روسىيەنى ئېيرىۋەتمەكچى.

     ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دىدى: ئۇ چاغدا ئامېرىكا – جوڭگۇ ئىككى تەرەپ ئەقلق مۈلۈك ھوقۇقى ۋە خەلق پۇلى مەسىلىسىدە قىزىرىشىپ قالغان. ياپونىيىنىڭ ئەينى چاغدىكى دېپلوماتىيە پىسخىكىسىدا روسىيەنى ياپونىيە – ئامېرىكا رامكىسىغا سۆرەپ كىرىپ، جوڭگۇنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاسىرە چەمبىرىكى شەكىللەندۈرمەكچى بولغان. شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بۇ رامكا ئىچىدە ياپونىيەنى قوللاپ، ياپونىيەنىڭ روسىيە بىلىن بولغان شىمالىي زىمىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا يارىدەم بىرىشنى ئۈمۈت قىلغان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 2 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. دىۋان
    2011-06-09 23:30 ھونزادە 

    مەن تۈنۈگۈن يازغان ئىنكاس نەگە كەتكەندۇ؟

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    ئىنكاس رايۇنىدىمۇ سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز كۈرۈنمىدى، بەلكىم ئىنكاس يېزىلىپ، يوللاش كۇنۇپكىسى بېسىلمىغان ئوخشايدۇ.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter