ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر

ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر

2012-02-15 12:59     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ  تىغ ئۇچى جۇڭگوغا قارىتىلغانمۇ؟         شاڭگاڭدا چىقىدىغان «ۋېنخۇي گېزىتى» نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى سانىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئالتۇن رەڭل....

ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ

 تىغ ئۇچى جۇڭگوغا قارىتىلغانمۇ؟

  

     شاڭگاڭدا چىقىدىغان «ۋېنخۇي گېزىتى» نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى سانىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئالتۇن رەڭلىك كۆز ئەينەكلىك يىلان-2012» ناملىق كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى بۇگۈن تايلاندتا باشلاندى، ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا قماندانلىق قىلىۋاتقان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكىدىكى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ تىغ ئۇچى جۇڭگوغا قارىتىلغاندەك قىلىدۇ .

 

 

     ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق: ئامېرىكا بىلەن تايلاند رەھبەرلىك قىلىۋاتقان 31-قېتىملىق «ئالتۇن رەڭلىك كۆز ئەينەكلىك يىلان» ھەربىي مانېۋىرى بۇگۈن تايلاندتا باشلىنىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنىگىچىلىك داۋاملىشىدىكەن. بۇ مانېۋىرغا ئامېرىكا، تايلاندتىن باشقا سىنگاپور، ياپونىيە، كورىيە، ھىندۇنوزىيە ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان بولۇپ، ئادەم سانى 13 مىڭغا يەتكەن. بۇ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ھازىرغا قەدەر ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ زور كۈلەمدىكى كۆپ دولەت مانېۋىرى  ھىسابلىنىدۇ. ئانالىز قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ پائال تۈردە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىپ كېلىشى، شۇنداقلا غەربىي تىنچ ئوكيانغا كۆپلەپ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەينىدىنلا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشتىن مەقسىتى جۇڭگوغا تەھدىت سېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس .

     ھەربىي مانېۋىرغا يەنە بۇرغۇن دۆلەت تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاۋىسترالىيە، فىرانسىيە، كانادا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق 10 دۆلەت مەسلىھەتچى ۋە پىلانلىغۇچى سالاھىيىتى بىلەن قاتناشتۇرۇلدى .ھالبۇكى، رۇسىيە، جۇڭگو، يېڭى زىللاندىيە، گوللاندىيە قاتارلىق 9 دۆلەت كۈزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بىلەن قاتناشتى. تايلاند ئارمىيەسىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىر پائال تۈردە خەلقئارادىكى يېتىملىك ھالىتىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىۋاتقان بېرمامۇ قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ رەت قىلىشىدىن ئەنسىرەپ پەقەت كۈزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە بىر نەچچە ھەربىي ئەمەلدارىنى مانېۋىرنى كۆزدىن كۈچۈرۈشكە ئەۋەتكەن .

     ئۆتكەن پۈتۈن بىر يىل چېگرىدىن ئۆتۈپ رايون بىخەتەرلىكىگە كاشىلا پەيدا قىلدى .

     تايلاند تەرەپتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىملىق ھەربىي مانېۋىر، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش، مانېۋىرغا قۇماندانلىق قىلىش، راس ئوق مەشقى ، غەيرىي ھەربىي تارقاقلاشتۇرۇش مانېۋىرىنى ئاساس قىلغان دالا مانېۋىرى، شۇنداقلا تىنچلىقنى قوغداش ۋەزىپىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دوكتا قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتىلىرىدىن «گېرمان شەھەرچىسى» ۋە «تۇرتۇگا» ناملىق پاراخوتلىرى، CH-46 تىپلىق «دېڭىزدىكى چەۋەنداز» تىك ئۇچارلىرىدىن ئىبارەت كۆپ خىل ئۇرۇش ماشىنلىرى، ئۇنىۋېرسال قۇرۇقلۇۇققا چىقىش كېمىسى، ھەمدە M-777 تىپلىق سۆرىگۈچى شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەرنى ئۇتتۇرىغا چىقىرىدىكەن .

     2010- يىلىدىن باشلاپ ئەسكەر چىقىرىپ «ئالتۇن رەڭلىك كۆز ئەينەكلىك يىلان» ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىۋاتقان كورىيە بۇ يىل يەنە قۇرۇقلۇققا چىقالايدىغان زەربىدار بىرونېۋىك (KAAV) ۋە 2600 تونناژلىق قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى «ئىسرىقدان چوققىسى»نى، شۇنداقلا 320 نەپەر دېڭىز ئارمىيەسى ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى كوماندىر-ئەسكىرىنى قاتناشتۇرغان. ياپونىيەمۇ تەخمىنەن 70 ئادىمىنى مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇشقا ئەۋەتكەن .

     ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئېلىپ بارغان زەنجىرسىمان ھەربىي مانېۋىرى، پۈتكۈل غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىنى قاپلىغاندىن سىرىت، مانېۋىر ۋاقتى ئالاھەزەل بىر يىلغا سوزۇلدى. بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ رايون بىخەتەرلىكى ۋە رايون ھەمكارلىقىغا تەسىر كۆرسۈتىدىغانلىقى مۇقەررەر .ئۇنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى رايون ئىچى يېڭى دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي قورال-جابدۇقلار مۇسابىقە مەيدانىغا ئايلىنىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىشماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۆزلۈكسىز تۈردە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەيتىپ ۋە تەڭشەپ، نۆۋەتتە سىنگاپور، ھىندونوزىيە ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، بۇ دۆلەتلەرگە ئۇچقۇچۇسىز رازىۋېتكا ئايروپىلان بازىىسى تەسىس قىلىشغا ئۇرۇنىۋاتىدۇ . ھەمدە 15 مىڭ ئەسكىرىنى ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئارىلىدىن ئوكيانىيە قىتئەسى ۋە ئاسىياغا يۆتكەشنى پىلانلىدى .

     ئۈچتىن بىر قىسىم ھەربىي پاراخوتى جۇڭگوغا يېقىنلىشىپ، ھەربىي كۈچىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىدى.

     ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ئايدا مۇنداق دەپ بىلدۈردى. يېڭى ھەربىي ئىستراتېگىيە ھەرگىزمۇ جۇڭگونى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس. بىراق زوڭتۇڭ ئوبامانىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇنراق ئېلان قىلغان يېڭى ھەربىي ئىستراتېگىيەسى دوكلاتىدا بۇنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەنمۇ «ئىستراتېگىيە ئېڭى ئوچۇق بولمىغان جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ زامانىۋىلىشىشى»غا قارىتىلغان دېيىلگەن .

     سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگونى دېڭىزدىن قامال قىلىش، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسى بولۇپ كەلدى. بۇ يىل ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق ئىشتابى ئۈچتىن بىر قىسىم ھەربىي پاراخوتىنى غەربىي تىنچ ئوكيانغا يوتكەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ بۇنىڭدىن كېيىن غەربىي تىنچ ئوكياندىن جۇڭگونىڭ يەنە بىر تەرىپىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ 100 گە يېتىپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

     ئالاھىيدە ئەسكەرتىش:

     بۇ يازما تەڭرىتاغ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەڭرىتاغ تورىدىن كۈچۈرۈپ، بلوگىمىزدا ئېلان قىلىندى. ئەگەر بۇنىڭدىن كۆچۈرۈپ بايدىلانماقچى ياكى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز تۈۋەندىكى ئەسكەرتىشكە دىققەت قىلغايسىز.

     بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ 

تېلېفون نومۇرى: 8521981-0991

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 2 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. يىكەنداز
    2012-02-16 16:56 يارقىن 

    مىنىڭچە ئۇنداق بولماسلىقى مۈمكىن.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  2. دىۋان
    2012-02-27 13:32 ئۇنتۇلماس 

    ۋۇجۇن بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى ئەسكى تامنىڭ قىشلىرى دەپ

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter