ئالىم بىز بلوگى

مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى راستىنلا تۆۋەنلىدىمۇ؟

دۆلىتىمىزنىڭ 10–ئايلىقCPI سانلىق

مەلۇماتى ۋە تەڭشەش–تىزگىنلەش سىياسىتى توغرىسىدا

(شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى)

دۆلىتىمىز CPIسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى 7 – ئايدا %6.5، 8 – ئايدا %6.2، 9 – ئايدا %6.1، 10 – ئايدا %5.5 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئۆرلەش نىسبىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا روشەن تۆۋەنلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۆۋەنلەش سۈرئىتى تېز بولدى.

 

يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى روشەن تۆۋەنلىدى

 

مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىمۇ، تۆۋەنلىشىمۇ يېمەكلىك باھاسىدا ئەڭ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدە يېتەكچىلىك رول ئوينىغان يېمەكلىك باھاسىدا يېقىندا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى.

ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 10 – ئايدا دۆلىتىمىزنىڭ يېمەكلىك باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.9 ئۆرلىگەن، ئۆرلەش نىسبىتى 9 – ئايدىكىگە قارىغاندا 1.5 پىرسەنت پوئېنت، 7 – ئايدىكىگە قارىغاندا 2.9 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن.

10- ئايدا كۆكتات باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 تۆۋەنلىگەن، لېكىن ئالدىنقى ئايدا يەنىلا %2.1 ئۆرلىگەن.

باھانىڭ ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشىنى تېخىمۇ ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ھالقىسىمان سېلىشتۇرما سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى تېخىمۇ روشەن بولغان. 10 – ئايدا دۆلىتىمىزنىڭ يېمەكلىك باھاسىدا يېقىندىن بۇيان ئاز كۆرۈلگەن ھالقىسىمان سېلىشتۇرما باھا تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، تۆۋەنلەش نىسبىتى %0.2 بولغان.

كەلگۈسىدىكى ئىككى ئايدا CPI نىڭ ئۆرلەش نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ، لېكىن پۇل پاخاللىقى بېسىمى يەنىلا خېلى ئېغىر بولىدۇ

CPI  نىڭ ئۆرلەش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پۇقرالار ھازىرقى مال باھاسى سەۋىيەسىنى يەنىلا خېلى يۇقىرى ھېس قىلماقتا، مۇتەخەسسىسلەرمۇ ھازىر پۇل پاخاللىقى بېسىمى يەنىلا خېلى چوڭ، باھانى تەڭشەش – تىزگىنلەشتە داۋاملىق تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ، ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ، دەپ قارىماقتا.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدىكى ئىككى ئايدا CPIنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندىكى ئۆرلەش نىسبىتى مال باھاسىدىكى ئۆرلەش ئامىلىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۈگىتىلىشىگە ئەگىشىپ يەنىمۇ روشەن تۆۋەنلەيدۇ. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى باھا ئۆرلەش ئامىلى 7 – ئايدىكى 3.3 پىرسەنت پوئېنت، 9 – ئايدىكى 2.1 پىرسەنت پوئېنتتىن 10 – ئايدا 1.5 پىرسەنت پوئېنتقا تۆۋەنلىدى، 12 – ئايدا بۇ ئامىل پۈتۈنلەي تۈگەيدۇ. مال باھاسىدىكى ئۆرلەش ئامىلىنىڭ تۈگىتىلىشى ئىستاتىستىكا تېخنىكىسى قاتلىمىدىكى سەۋەب بولۇپ، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى ھەقىقىي تىزگىنلەشكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

«مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى پەسەيگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ زىيادە ئۈمىدۋار بولۇپ كېتىشكە سەۋەب بولالمايدۇ. مال باھاسى يەنىلا يۇقىرى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا مال باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە باھا ئۆرلەش ئامىلىنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەب بولغان، CPIنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما باھاسى داۋاملىق ئۆرلەۋاتىدۇ. يېمەكلىك باھاسىدا قايتا ئۆرلەش ئېھتىماللىقى بار، ئالدىنقى مەزگىلدە چىقىرىلغان زىيادە پۇل يەنىلا مەۋجۇت، پۇل پاخاللىقى بېسىمى يەنىلا خېلى ئېغىر››، دېدى جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالاقە مەركىزى مەسلىھەت بېرىش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جۈن.

 

پايدىلىق ماكرولۇق سىياسەتنى ئالدىن تەڭشەش، نىسپىي تەڭشەشتە

سىياسەتنىڭ ‹‹سالمىقى››نى ئىگىلەش ئاچقۇچ

 

ھازىر جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان ئىچكى – تاشقى مۇھىتتا يېڭى ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى، سىرتقى ئېھتىياج تۆۋەنلىدى، قىسمەن ئوتتۇراھال، كىچىك كارخانىلارنىڭ تىجارىتى قىيىنلاشتى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشتىكى يوشۇرۇن يېڭى خىرىسقا ئايلاندى. يېقىندا ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا ماكرولۇق سىياسەتنى ئالدىن تەڭشەش، نىسپىي تەڭشەش سىگنالى چىقىرىلدى.

پۇل سىياسىتى پۇل پاخاللىقى ۋە مۇقىم ئېشىشتىن ئىبارەت ‹‹ئىككى قىيىن›› چەكلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان پەيتتە، ئارقا – ئارقىدىن يېڭى مالىيە سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئوتتۇراھال، كىچىك كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتىكى ئۆزگىچە رولى نامايان قىلىندى.

ۋاڭ جۈن: ‹‹سىياسەتنى ئالدىن تەڭشەش، مىكرو تەڭشەشنىڭ ئاچقۇچى <سالماقنى ئىگىلەشتە، بەك بوش بولۇپ قالسا پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەشكە پايدىسىز، بەك چىڭ بولۇپ كەتسە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى يېقىندىن كۆزىتىشىنى، ئەھۋالغا قاراپ تاللىشىنى تەلەپ قىلىدۇ››، دېدى.

 

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – نويابىر تېلېگراممىسى)

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى راستىنلا تۆۋەنلىدىمۇ؟

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-17
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: