ئالىم بىز بلوگى

موڭغۇلىيە كېيىنكى دۇبەي بولۇپ قالامدۇ ؟

‹‹تىنچ ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى›› يېقىندا ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، موڭغۇلىيەدىن ئىبارەت بۇ كىچىك دۆلەت 1 ترىلليون دوللار قىممىتىدىكى كان بايلىقىغا ئىگە ئىكەن. بۇ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بايلىقى مول باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ .

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر موڭغۇلىيە سوغۇق قىش پەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، كانچىلىق كەسپى تازا قىزىپ كۆپلەپ پايدىغا ئېرىشمەكتە .

3 مىليوندىن كۆپرەك ئاھالىگە ئىگە موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىدا چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق يېتەكچى ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن ئىدى، مانا ئەمدى بۇ دۆلەت دۇنيا ئىقتىسادىدا چاقناۋاتقان پارلاق يۇلتۇزغا ئايلانماقتا.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، موڭغۇلىيەدىكى تېخى ئېچىلمىغان ئەتىۋارلىق مېتال ۋە مېنېرال ماددىلارنىڭ قىممىتى 1 ترىلليون دوللارغا يېتىدىكەن. مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، بۇ موڭغۇلىيەدىكى ھەربىر نوپۇسقا 333 مىڭ 333 دوللاردىن توغرا كېلىدۇ .

كۆپىنچە دۆلەتلەر سىجىل تۇراقسىز بولۇۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە كۈرەش قىلىۋاتقاندا، موڭغۇلىيە ئىقتىسادى يىلىغا %6.7 ئېشىشتەك سۈرئىتى بىلەن 2011-يىلىغا قەدەم قويدى. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۆلچەرىچە، موڭغۇلىيەنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى %14 كە يېتىدىكەن. بەزىلەر ھەتتا مۇنازىرە قىلىپ، ئەگەر موڭغۇلىيەنىڭ غەيرىي رەسمىي ئىقتىسادىنىمۇ قوشۇپ ھېسابلىسا، بۇ رەقەم %40 كە يېتىدۇ، دېيىشمەكتە .

ھازىر، موڭغۇلىيەنىڭ ئاساسلىق كىرىمى تېۋان تولغوي دېگەن كۆمۈر كېنىدىن چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، موڭغۇلىيە چۆللۈكىگە جايلاشقان ئويۇ تولغوي دېگەن چوڭ تىپتىكى قېزىلما ئېچىش كارخانىسىنىڭ پايدىسىمۇ تېز ئېشىۋاتىدۇ. موڭغۇلىيەدە يەنە غايەت زور ئالتۇن كېنى، كۆپلەپ ئۇران ۋە كوكىس كۆمۈرى ساقلانغان. بۇ كۆمۈرنى سۇيۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق گازغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ .

كۆپلەپ مەبلەغنىڭ ھۆكۈمەت غەزىنىسىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، موڭغۇلىيە ئەمەلدارلىرى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىقتىسادىي ئېشىش سىياسىتىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش ئۈستىدە قاتمۇ قات بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. موڭغۇلىيە زۇڭلىسى باتۇر بولەد بۇ دۆلەتنىڭ نورۋېگىيە، كانادا ۋە ئاۋستىرالىيەگە ئوخشاش كان بايلىقى مول باشقا چوڭ دۆلەتلەر قوللانغان ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانىلىقىنى ئېيتتى .

باتۇر بولەد موڭغۇلىيە ھازىر ئاچقۇچلۇق تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، پۇل پاخاللىقى بىر ئاۋارىچىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى ئېتراپ قىلدى. بۇ دۆلەت نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېكسپورتىغا تامامەن بېقىنىپ قالغان، بۇ ھال ئىستېمالچىلارنىڭ تەننەرخ مۇقىمسىزلىقىنى پەيدا قىلىدىكەن. ‹‹گەرچە بىز كانچىلىق ساھەسىدىن كۆپلەپ كىرىمگە ئېرىشىۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ئېھتىياتچان بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ زىيادە قىزىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىمىز لازىم›› دېدى باتۇر بولەد .

ھازىر مەبلەغ سالغۇچىلار موڭغۇلىيەگە ئىنتايىن قىزىقماقتا ۋە چوڭ ئۈمىد كۈتمەكتە. فوند دىرېكتورى پاسسىن: ‹‹موڭغۇلىيەدە تېپىلغان قېزىلما ساقلانمىسى تېخى ئىشنىڭ ئەمدى باشلىنىشى مۇمكىن، بىزنىڭچە ھازىر تېپىلغىنى تېخى يۈزەكى قاتلامدىكى بايلىقتىنلا ئىبارەت›› دېدى

 

 

ئالاھىيدە ئەسكەرتىش:

بۇ يازما تەڭرىتاغ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەڭرىتاغ تورىدىن كۈچۈرۈپ، بلوگىمىزدا ئېلھن قىلىندى. ئەگەر بۇنىڭدىن كۆچۈرۈپ بايدىلانماقچى ياكى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز تۈۋەندىكى ئەسكەرتىشكە دىققەت قىلغايسىز.

بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداقباھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ.

تېلېفون نومۇرى: 8521981-0991

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: موڭغۇلىيە كېيىنكى دۇبەي بولۇپ قالامدۇ ؟

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-18
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 2دانە
  1. بىلوگخۇمار

    ماڭا دىۋان تېگىپ قاپتۇ يا !
    موڭغۇلىيە راستىنى دېگەندە بىر ئىچىلمىغان دۇنيا ، نۇپۇسى ئاز ، بايلىقى مول . موڭغۇلىيەدە پەقەت تېخنىكا ، سىرتقا ئىشكنى ئىچىۋىتىش كەم .مۇنداقچە ئېيتقاندا نۇپۇسنىڭ ئومومى ساپاسى تۆۋەن .يەنە بىر نەچچە يىللاردىن كېيىن مۇڭغۇلىيە ئالتۇن دەۋىرىگە كىرىدۇ . مېنىڭچە ھازىر تەرەققياتى ئەڭ تىز بولىۋاتقان دۆلەت قازاقىستاندۇر، زىمىنى كەڭ ، نۇپۇسى ئاز ،بايلىقى مول ،شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ ئۇمۇمىي ساپاسى يۇقىرى .ھازىر قازاقىستانىڭ تەرەقىياتى ناھايىتى تېز ،جەمئىيەت مۇقىم . ئەگەر قازاقستانغا مۇشۇنداق تەرەققىي قىلسا ،پات يېقىندا ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى رايونغا ئايلىنىدۇ. بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم !

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  2. تۇران تېكىن

    بلوگىمدا دىۋان خېلى كەڭرى جۇمۇ! بلوگخۇمار ئەپەندىنىڭ بىلوگىمغا قەدىم تەشرىپ قىلغانلىقىغا كۆپ تەشەككۈر!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: