ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مەدەنىيەتنىڭ قىممىتىنى ساقلايلى

مەدەنىيەتنىڭ قىممىتىنى ساقلايلى

2011-04-10 10:00     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئەي فېي                    مەدەنىيەت قىممىتى دېگىنىمىز مەدەنىيەتنىڭ ئەسلىي، ماھىيەتلىك قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قىممەت بارلىق مەزمۇن، شەكىلدىكى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، مەدەنىيەت مەھسۇلاتى ۋە مەدەنىيە....

ئەي فېي

 

                 مەدەنىيەت قىممىتى دېگىنىمىز مەدەنىيەتنىڭ ئەسلىي، ماھىيەتلىك قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قىممەت بارلىق مەزمۇن، شەكىلدىكى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، مەدەنىيەت مەھسۇلاتى ۋە مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ مەنبەسى ۋە مەدەنىيەت سۇبيېكتىنىڭ ئەمگەك نەتىجىسىنىڭ يارقىن ئىپادىسى، شۇنداقلا مەدەنىيەتنىڭ ئادەم ۋە جەمئىيەتتىكى ئاكتىپ رولىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر . بولۇپمۇ، ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ مىقدارى، شەكلى، ئۈنۈمى، يۆنىلىشى كۆپ مەنبەلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ شۇنداق.

                 قىممەتنىڭ شەكلى ۋە يۆنىلىشىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەرلىكى، شۇنداقلا مەدەنىيەت قىممىتىنىڭ يەنە بىرخىل ئۆسۈشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق ئىكەن، مەدەنىيەت قىممىتىنى ئاڭلىق ۋە ئۈنۈملۈك كۈچەيتىش تولىمۇ مۇھىمدۇر. ئۇنداق بولمىغاندا، مەدەنىيەتنىڭ ئەسلىي قىممىتى ۋە ئاخىرقى ئۈنۈمىبارغانچە خوراپ، شاكالغا ئايلىنىدۇ.

                مەنىۋى قىممەتتىن باشقا قىممەتلەر جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تەدىرىجىي يېتىلگەن قوشۇمچە قىممەت بولۇپ، ئۇلار مەدەنىيەتنىڭ ماھىيەتلىك ھالىتى ۋە سۇبيېكتىپ ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرەلمەيدۇ. بەك بولسا مەدەنىيەتنىڭ سۇبيېكت قىممىتىنىڭ تۇغۇندىسى ۋە قوشۇمچە قىممىتى بولالايدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، جۇڭگونىڭ 5000 يىللىق تارىخى بىر پارچە ئاق قەغەز، قۇرىغان بۇلاق بولۇپ قالغان بولىدۇ. تارىختىن بۇيانقى ھەقىقىي مەدەنىيەت ئىجادچىلىرى، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادچىلىرى، تەسەللىيچىلەر، روھنى ئۇرغۇتقۇچىلار، پاراسەت – ئىقتىدارنى ئاچقۇچىلار ۋە مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلار ئۆز مەنپەئەت ۋە خۇشلۇقىنى مەقسەت قىلغان ئەمەس. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئەقىل – زېھىننى ئېچىش، روھنى ئۇرغۇتۇش، ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش، جەمئىيەتنى گۈللەندۈرۈش بولغان. ئەگەر سىماچىيەن، لاۋ زى، كۇڭزى، چۈ يۈەن، ساۋ شۆچىنلەرنىڭ قوغلاشقىنى مەدەنىيەتنىڭ قىممىتى بولماي، پۇل – پۈچەك، نەپسانىيەتچلىك، شەخسىي مەنپەئەت، كۆڭۈل ئېچىش بولغان بولسا، ‹‹ئەخلاقنامە››، ‹‹مۇھاكىمە ۋە بايان››، ‹‹نەزمىنامە››، ‹‹جۇدالىق زارى››، ‹‹تارىخىي خاتىرىلەر››، ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش›› قاتارلىق ئەسەرلەر بولمىغان بولاتتى. مەنىۋىيەت ئالىيجاناب، مەڭگۈلۈك بولىدۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەنىۋىيىتىنى تاۋلاشقا ئەقىدە باغلىغان دانىشمەن – ئاقىللار شەخسىي پايدا – مەنپەئەتنى ئويلاشقىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە مەنىۋى قىممەتكە يېتىشنى قوغلاشماس ئىدى. ئەگەر نام – مەنپەئەت قوغلاشقىنىدا، سىماچيەن ھاقارەتكە چىداپ ‹‹تارىخىي خاتىرىلەر››نى پۈتكۈزمىگەن، سىما گۇاڭ كۆزى ۋە بەدىنىنىڭ زەخىملىنىشىگە قارىماي ‹‹ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى››نى تۈزمىگەن، ساۋ شۆچىن ئون يىللىق جاپا – مۇشەققەتلىك قان – تەرىنىڭ بەدىلى بولغان ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش››نى ۋۇجۇدقا چىقارمىغان بولاتتى.

               بۇلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئامىتى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق دانىشمەنلەر بولغاچقىلا، بىز پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە بولالىدۇق. ناۋادا تۆت كىتاب ۋە بەش نامە بولمىسا، ‹‹تارىخىي خاتىرىلەر››، ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش›› بولمىغان بولسا، لى بەي، دۇفۇ، كۇڭزى، مىڭزىلار بولمىسا، جۇڭخۇا مىللەتلىرى يەنە جۇڭخۇا مىللەتلىرى ھېسابلىنارمىدى؟ بىز جۇڭگولۇقلار روھىيىتىمىزنى نەلەردىن ئىزدەر ئىدۇق؟

              مانا بۇ مەدەنىيەت قىممىتىنىڭ يادروسى، تۈگۈنى. دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مەدەنىيەت قىممىتىنىڭ تۇغۇندىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان، ئەبجەشلىشىۋاتقان بولسىمۇ، مەدەنىيەتنىڭ ئەسلىي قىممىتىنى مەڭگۈ ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، مەدەنىيەتمۇ مەدەنىيەت بولالمايدۇ. ھازىرقى دەبدەبىلىك مەدەنىيەت سورۇنلىرىدىكى قۇرۇق ئاجايىباتلار ۋە قارا سەپسەتىلەر مەدەنىيەتنىڭ قىممىتىنى پۈچەكلەشتۈرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى بەكمۇ يامان بولۇپ، دۆلەت ۋە مىللەت روھىغا زەرەر يەتكۈزىدۇ.

                ھەرقانداق شەيئى قىممەتكە ئىگە بولغاندىلا ئەھمىيەتلىك بولالايدۇ . ئەمما، شەيئىلەرنىڭ قىممىتىنىڭ شەكىللىنىشى، قىممەت دەرىجىىسى ئوخشاش بولمايدۇ. روشەنكى، مەدەنىيەت قىممىتى، يەنى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ۋە مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدە ئۇنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك خىسلىتى ۋە خاراكتېرى، ئۈنۈمىگە سەل قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى ئۇ ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ياخشىلاش، مىللەت روھىنى تاۋلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

                 مەدەنىيەتنىڭ بۇنداق قىممىتى مەدەنىيەتنىڭ ھاياتلىق قان تومۇرى ھېسابلىنىدۇ. ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ قىممەت نېگىزىگە خىلاپلىق قىلماسلىق كېرەك. ئەگەر شۇنداق قىلىنسا، ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك قىممىتى ۋە ئۈنۈمى يوققا چىقىدۇ.

                ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك قىممىتى بىلەن مەنىۋى ئۈنۈمى مەدەنىيەتنىڭ تۇغۇندى قىممىتى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىگە زىت ئەمەس. چۈنكى ئالدىنقىسى بولمىسا كېيىنكىسىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئالدىنقىسىنىڭ قىممىتى قانچە چوڭ بولسا، كېيىنكىسىنىڭ قىممىتىمۇ يۈكسىلىدۇ. مەدەنىيەت مەھسۇلاتى بىلەن مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنى ئەتراپلىق، مەنىۋى ئۈنۈمى گەۋدىلىك، ئىجتىمائىي تەسىرى چوڭ بولسا، ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتىنى يۈكسەلدۈرۈشتە ئۈنۈمى زور بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەدەنىيەت قىممىتىنى يارىتىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سوتسىيالستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولىلا بولماي، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك يۈكسەك مەسئۇلىيەتتۇر.

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter