ئالىم بىز بلوگى

خەلقىمىزنىڭ نادىر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئەھمىيىتى

ئەركىن ئىمىننىياز قۇتلۇق

     خەلقىمىز ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مول مەزمۇنلۇق يازما ۋە ئاغزاكى يادىكارلىقلارنى ياراتقان. ئەجدادلاردىن قالغان بۇ تەۋەررۈك يادىكارلىقلار تارىخىمىزنىڭ شاھىتى، ئۇلارغا ئۆتمۈش سىرلىرى يوشۇرۇنغاچقا، ئۇلار خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقى ھەم جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيىتىنىڭ، شۇنداقلا دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇ تارىخىنىڭ ئۇزاقلىقى، مەزمۇنىنىڭ موللىقى ۋە سىستېمىلىقلىقى، خاسلىقى، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگىلىكى بىلەن مەشھۇر. شۇڭا، رەئىس ماۋزېدۇڭ ‹‹ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە قەدىمىي مىللەت، ئۇلارنىڭ مول تارىخىي مەدەنىيىتى باشقا جايلارغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن›› دەپ باھا بەرگەن.

     ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرىمىزنى توپلاش، رەتلەش، قۇتقۇزۇش، تەتقىق قىلىش، قوغداش، مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ھەم ئۇنى گۈللەندۈرۈشكە، ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خىزمەت. قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپلا قالماي، مىللىي خاسلىقى، چوڭقۇر تەسىرچانلىقى، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى جەھەتتە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3 – ئەسىرلەردىلا ئەجدادلىرىمىز تەڭرىتاغ تىزمىلىرى، ئورقۇن – ئاناساي دەريا ۋادىسى، پامىر ئېگىزلىكى، قاراقۇرۇم تاغلىرى، تارىم، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرى، ئىلى دەريا ۋادىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا ياشاپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.

     تۈركىي خەلقلەردە ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇرۇن ئۆزىنىڭ شەھەر مەدەنىيىتى ۋە مىللىي تۇرمۇشىنى، ئەدەبىيات – سەنئىتىنى، مۇكەممەل يازما يادىكارلىقلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار ھەرپلىك بەلگىلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى خاتىرىلەپ كەلگەن. ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللار يېزىق مەدەنىيىتىمىزنىڭ 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگىلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرى شەكىللىنىشىنىڭمۇ 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى باسقۇچىدا ئەجدادلىرىمىز ئالاقە ئىستېمال ئېھتىياجى، ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ تۈرك يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقى، براھما يېزىقى، مانى يېزىقى، سوغدى يېزىقى، سۇرىيە يېزىقى، كارۇشتى يېزىقى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىقلارنى قوللانغان. قەدىمكى يازما ھۆججەتلەر، ئېتىبار بېرىشكە ئەرزىيدىغان قەبرە تەزكىرىسى، مەڭگۈ تاش، مېتال – تۆمۈر، ياغاچ – تارشا پۈتۈك، تېرىغا يېزىلغان بېغىشلىمىلار، ھەر خىل توقۇلما – ماتا، بۆز بۇيۇملىرىغا بېسىلغان، كەشتىلەنگەن يازما يادىكارلىق، خەت – چەكلەر، شۇنداقلا 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەت ئەللىك ئېكسپېدىتسىيەچى، ئارخېئولوگلار تۇرپان، تەكلىماكان رايونلىرىدىن يوشۇرۇن ئېلىپ كەتكەن 19 خىل تىل، 24 خىل يېزىقتا يېزىلغان قىممەتلىك يادىكارلىقلار ۋە قالدۇق يازما يادىكارلىقلار ئۇنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىسپاتلايدۇ.

     ئۇنداقتا، جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى قانداق ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇنىڭ دەۋر چېكى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟ جۇڭگودىكى ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرى ئەجدادلىرىمىز يېزىق ئارقىلىق تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئائىت ئىشلارنى پۈتۈكلەشتۈرۈپ تېرىگە، ياغاچقا، قەغەزگە، تاشقا، ھايۋانات سۆڭەكلىرىگە، ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك بۇيۇملارغا ھەرپ شەكلى بىلەن يېزىپ خاتىرىلىگەن يېزىق شەكلىدىكى يازما يادىكارلىقلارنى ھەمدە خەلقىمىزنىڭ ئېتنىك مەنبەسى، كۆچۈشى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مەدەنىيىتى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئاغزاكى يادىكارلىقلار، قىسسە – قوشاق، ئەپسانە، رىۋايەت، تارىخىي قىسسە، داستان قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكى 1949 – يىل 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن بۇرۇن يېزىق شەكلىدە ھەر خىل بۇيۇملارغا خاتىرىلەنگەن ياكى كىتاب شەكلىگە كەلگەن ۋە تارقىلىپ يۈرگەن قەدىمكى ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

     گوۋۇيۈەن ۋە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قەدىمكى ئەسەرلەرنى قۇتقۇزۇش توغرىسىدىكى يوليورۇقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە تارقاتقان ‹‹شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، نەشر قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› نىڭ روھى بويىچە 1983 – يىل 9 – ئاينىڭ 16 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، نەشر قىلىشنى پىلانلاش رەھبەرلىك ئىشخانىسى قۇرۇلدى. ئىشخانا قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن، ئىختىساسلىقلارنى قۇتقۇزۇش، كىتابنى قۇتقۇزۇش، ئىلىم – پەننى قۇتقۇزۇش بويىچە يىغىش – توپلاش ئاساس قىلىنىپ، كونا ئۇيغۇر يېزىقى(ئاتالمىش چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى)دىكى قەدىمكى ئەسەرلەرنى يىغىش، توپلاش، رەتلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىپ، زور ئۈنۈملۈك خىزمەتلەر ئىشلەندى، نۇرغۇن ئەسەر توپلىنىپ رەتلەندى. قەدىمكى ئەسەرلىرىمىزنىڭ سانى كۆپ بولۇپلا قالماستىن، مەزمۇنى مول، تۈرى كۆپ بولۇپ، ئۇلار سىياسىي، ئىقتىساد، سودا، دىن، مەدەنىيەت، تارىخ، جۇغراپىيە، دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك، سۇچىلىق – كارىزچىلىق، قەغەزچىلىك، مەتبەئەچىلىك، رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق، بىناكارلىق – مېمارچىلىق، تېبابەتچىلىك، تىل – ئەدەبىيات، دورىگەرلىك، سەنئەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، كاتالوگىنى ئىشلەش، نەشر قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىنتايىن ئېغىر ۋە مۇرەككەپ خىزمەت قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز ئېچىشنى كۈتۈپ تۇرغان ناھايىتى چوڭقۇر ھەم مول خەزىنە. بۇ خىزمەت ھازىر ئېنىق پىرىنسىپ، يۇقىرى تەلەپ بويىچە ئۈنۈملۈك داۋام قىلىش بىلەن بىللە، قەدىمكى ئەسەرلىرىمىزنىڭ ئومۇمىي كاتالوگىنى تۈزۈشمۇ زۆرۈرى تەرتىپ بويىچە قولغا ئېلىندى. بۇ توغرىسىدا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 1997 – يىلى ‹‹<جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمىي كاتالوگى>نى تۈزۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش››تارقاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى بۇ ئەھمىيەتلىك خىزمەتنى 2001 – يىلىدىن باشلاپ كۈنتەرتىپكە كىرگۈزدى. قەدىمكى ئەسەرلىرىمىزنىڭ ئومۇمىي كاتالوگىنى تۈزۈشتىن مەقسەت ئەجدادلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا يېزىپ قالدۇرۇلغان قەدىمكى ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن ۋە مېدىتسىنا پەنلىرى تەتقىقاتىنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش؛ قەدىمكى ئەسەرلەر خىزمەت ئورۇنلىرى بىلەن قەدىمكى ئەسەرلەرنى ساقلاۋاتقان ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايونلار، تارماقلاردىكى ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرى ماتېرىيال بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ‹‹جۇڭگو قەدىمكى ئەسەرلىرى ئومۇمىي كاتالوگى›› بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى يازما يادىكارلىقلىرى ئۈچۈن مۇكەممەل ماتېرىيال ئامبىرى بەرپا قىلىش؛ جۇڭگو ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

     خەلقىمىزنىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ياشاش مۇھىتى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئوخشىماسلىق قەدىمكى كىتابلارنىڭ مەزمۇنى، شەكلى، تېخنىكىلىق قۇرۇلمىسى قاتارلىقلاردىكى ئوخشىماسلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە رەسىملىك كىتاب، نوتا، ھۆججەت، قوليازما، تۇپان دەۋرىگە ئائىت قانۇن – تۈزۈم، سىياسىي تۈزۈلمە، ئىقتىسادىي كاتولوگىيە، ئىجتىمائىي قۇرۇلما، مىللەتلەر مۇناسىۋەتلىرى، يىراق قەدىمكى رىۋايەتلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇجەسسەملەنگەن يازما خاتىرىلەر، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈش ئەھدىنامىلىرى، سۈلھىينامە، تۆھپە خاتىرىلىرى، ئەخلاق، ۋەز – نەسىھەتلىرى، نەزىر – چىراغ، ئۆرپ – ئادەت مۇراسىملىرى، مۇكاپات خاتىرىلىرى، يارلىق ۋە پەرمانلار خاتىرىلەنگەن ئالتۇن، تاش ئويمىلار، تاش تامغىلار، تاش – تاغلارغا ئۇيۇلغان ئەجدادلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بېغىشلىمىلىق قىيا تاش ۋە ئۆڭكۈر – غار رەسىملىرى بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرىنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنى، ژانىر تۈرىنى تۈرگە ئايرىشنى، يىغىپ ساقلاش ئەھۋالىنى، كىتابلار كاتالوگىنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن – كەلمىگەنلىكىنى چۈشىنىشتە؛ ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى زامانىۋى ئۇسۇلدا باشقۇرۇشقا قولايلىق يارىتىپ، ئۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     بۇ كاتالوگ ئىشلەش دائىرىسىگە 1949 – يىل 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن بۇرۇن يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن ياكى كىتاب شەكلىگە كەلگەن ۋە تارقىلىپ يۈرگەن ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرىنىڭ نادىر نۇسخىلىرى كىرگۈزۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، خەلقىمىزنىڭ ئېتنىك مەنبەسى، كۆچۈشى، مەدەنىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلار توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر ۋە تارىخىي قىسسە، داستان قاتارلىق ۋەسىقىلىق قىممىتى بار ھېكايە، چۆچەك، ھۆججەت، داستانلار؛ تارىختا ساقلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە ۋە باشقا يېزىقلىرىمىزدىكى مەڭگۈ تاشلار، ۋەسىقىلەرنىڭ مۇھىم تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتى بارلىرى؛ مەملىكىتىمىز ئىچىدە تېپىلغان ۋە چەت ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلىپ ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى يازما يادىكارلىقلار، ئەرەب، پارس، ئوردۇ، ئۇيغۇر، تۈرك، سوغدى، مانى، سانسكرىت قاتارلىق تىل – يېزىقلاردا ئۇيغۇر ئاپتورلار يازغان، تەرجىمە قىلغان، كۆچۈرگەن قەدىمكى ئەسەرلەر؛ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۇتۇپخانا، ئارخىپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى قاتارلىق ئورۇن ھەم شەخسلەر ساقلاۋاتقان ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرى ۋە چەت ئەللەردە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئەسەرلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى ‹‹جۇڭگو ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمىي كاتالوگى›› دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

     «جۇڭگو ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرى ئومۇمىي كاتالوگىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى›› نى يېزىشتا ‹‹جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى ئومۇمىي كاتالوگىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى›› نى ئىشلەش تېزىسى بويىچە ھەر بىر تارماقنى تولدۇرغاندا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك كارتا ئىشلىتىلدى. جەدۋەل ئۆلچەم بويىچە تولدۇرۇلدى. بۇ ئارقىلىق ئەسەر مەزمۇنىنىڭ بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى. ھەر خىل يېزىقتىكى ۋەسىقە، كىتابلار مەزمۇنىغا قاراپ پەن تۈرىگە ئايرىلدى. ئوخشاش بىر قەدىمكى ئەسەرنىڭ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىسمى بولسا، ھەر بىرىگە ئايرىم تارماق ئاجرىتىلىپ، ئومۇملاشقان نامى ئاساس قىلىنىپ، قالغانلىرى پايدىلىنىش تارمىقى قىلىندى. كىتاب نامى ئوخشاشسىمۇ مەزمۇنىدا پەرق بولسا، ئۇنىڭغا ئايرىم تارماق تۇرغۇزۇلۇپ ئايرىم كارتا ئىشلەندى. نامى بىر، ئەمما نۇسخىلىرى ئوخشىمىغان قەدىمكى ئەسەرلەرگە نۇسخا تۈرى ئوخشاش ئەمەس دەپ قارىلىپ، ئايرىم – ئايرىم تارماق تۇرغۇزۇلۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى يېزىلدى. ئىككى كىتابنىڭ مەزمۇنى پۈتۈنلەي ئوخشاش، لېكىن نۇسخا تۈرى ئوخشىمىسا، ئۇنىڭغا بىرلا تارماق تۇرغۇزۇلۇپ، بىرلا كارتا ئىشلىنىپ ئاساسىي مەزمۇنى يېزىلدى. بىر خىل قەدىمكى ئەسەر تارقىلىش جەريانىدا قايتىدىن ئۆزگەرتىلگەن، بېسىلغان ياكى كۆچۈرۈلگەن، مەزمۇنىدا خېلى چوڭ ئۆزگىرىش بولغان بولسا، يېڭى نۇسخا دەپ قارىلىپ، يالغۇز تارماق تۇرغۇزۇلدى ۋە ئاساسىي مەزمۇنى يېزىلدى. مەجمۇئەلەر، چاتما كىتابلاردىكى تارماق كىتابنىڭ مەزمۇنى مۇستەقىل كىتاب بولۇش دەرىجىسىگە يەتكەنلىرىگە، ئايرىم تارماق تۇرغۇزۇلدى، پۈتۈن كىتابقا باشقا تارماق تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن كىتابنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى.

     ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرىنىڭ ئىسمىنى يازغاندا ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدا يازغاندىن سىرت، ئۇنىڭ ئوقۇلۇش ئاھاڭى، بىرلىككە كەلگەن لاتىنچە تىرانسكرىپسىيە ھەرپلىرى بولمىغاچقا، يېڭىدىن تىرانسكرىپسىيە ھەرپلىرى تۈزۈلۈپ، كىتاب نامى شۇ ھەرپلەر بىلەن تىرانسكرىپسىيە قىلىندى. كىتاب ئىسمىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغاندا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەنە تەرجىمىسى قىلىندى، پەقەت ئىمكانىيەت بولمىغان ئەرەبچە، پارسچە، ئوردۇچە، قەدىمكى ئۇيغۇرچە، مانىچە كىتاب ناملىرى ئاھاڭى بويىچە يېزىلدى، ئىسمى ئېنىق بولمىغان ئەسەرلەرگە كاتالوگىنى ئىشلىگۈچى تەرىپىدىن كىتابنىڭ ئالاھىدىلىكى، مەزمۇنىغا قاراپ يېڭى نام قويۇلۇپ، يۇلتۇز (*) بەلگىسى سېلىندى.

     «ئاساسىي مەزمۇنى›› نى يېزىشتا ئاساسىي مەزمۇن تولۇق، تەلتۆكۈس يىغىنچاقلاندى. ھەر ساھەدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىش، پايدىلىنىش، ئىزدىنىشتەك كۆپ تەرەپلىمىلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كىتاب ۋە ۋەسىقىلەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بىلەن ئالاقىدار پەن تۈرلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئېنىق كۆرسىتىلدى. سۆز – جۈملىلەر سەر خىل، ئوقۇشلۇق، ئوچۇق، راۋان، گىرامماتىكىسى قېلىپلاشقان، لوگىكىغا ئۇيغۇنلاشقان ھالدا تەركىبلىرى ئېنىق يېزىلدى. قەدىمكى ئەسەرنىڭ قىممىتى توغرىسىدا سۇبيېكتىپ مايىللىق ياكى ھېسسىياتقا تايىنىپ باھا بېرىشتىن ساقلىنىلدى.

     «جۇڭگو ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرى ئومۇمىي كاتالوگىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى›› ئومۇمەن تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىتابنىڭ تۈر خاراكتېرىنى بەلگىلەيدىغان يىغىنچاق سۆز؛ كىتاب ۋە ۋەسىقىنىڭ تۈزۈلۈش جەريانى ۋە يېزىشتىكى مەقسەت؛ كىتاب ۋە ۋەسىقە مەزمۇنىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى؛ ئەسەر ۋە كىتابنىڭ تەتقىقات قىممىتى، ۋەسىقىشۇناسلىقتىكى ئورنى ۋە قىممىتى قاتارلىقلار.

     «جۇڭگو ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرى ئومۇمىي كاتالوگىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى›› نى يازغاندا ئاساسەن، ‹‹جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى ئومۇمىي كاتالوگىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى›› نى يېزىش تېزىسىدىكى تەلەپلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىندى. پىرىنسىپ جەھەتتە، ھەر بىر مىللەتنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى كاتالوگى بىر توم ياكى بىر قانچە توم بولۇپ تۈزۈلىدىغان بولغاچقا، كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئىككى توم بولۇپ تۈزۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر بىر مىللەتنىڭ بۆلۈنمە توملىرى ژانىر – شەكىللىرىگە قاراپ تەرتىپ بويىچە تۈزۈلىدىغان يەنى A تۈر – قەدىمكى ئەسەرلەر – كىتابلار؛ B تۈر – مىس، مەڭگۈ تاش، ياغاچ ئويمىلار؛ C تۈر ھۆججەت – ۋەسىقىلەر؛ D تۈر – ئاغزاكى ۋەسىقىلەر قىسسە – قوشاقلار بولغاچقا، ئۇيغۇرچە كاتالوگمۇ بىر تومى ئاساسەن كىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. يەنە بىر تومى تاش – پۈتۈكلەر، ۋەسىقە – ھۆججەتلەر ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

     كىتابنىڭ ئالاھىدە بەلگىلىرى دېگەندە مۇقاۋا قېپى، تۇرغۇچ، قىستۇرما رەسىم، يان ئىزاھات، ھاشىيە دېگەندەك تۈرلەر بولۇپ، بۇلار، كۆن مۇقاۋىلىق، شارۇن مۇقاۋىلىق، تېرە – خۇرۇم مۇقاۋىلىق، مىللىيچە نەقىشلىك، تامغىلىق دېگەندەك ئاتالغۇلاردا يېزىلدى. دېمەك، ‹‹جۇڭگو ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمىي كاتالوگى›› ‹‹جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى ئومۇمىي كاتالوگىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى›› نى يېزىش تېزىسىدىكى تەلەپ، پىرىنسىپ، ئۆلچەملەرگە ئاساسەن ئىشلەندى.

     ئاپتونوم رايونىمىزدا قەدىمكى ئەسەرلىرىمىزنى توپلاش، رەتلەش، نەشر قىلىش خىزمىتى ئىشلەنگەن 27 يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قىزغىن قوللىشى، كەسپىي خادىملار ۋە ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرى خىزمىتىنى سۆيىدىغان، قوللايدىغان ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ قىزغىن ھەمكارلىشىشى، كەسپىي خادىملارنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى توپلاش، قۇتقۇزۇش، كاتالوگىنى تۈزۈش، رەتلەش، نەشر قىلىش ۋە تەتقىقات جەھەتلەردە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئەرەب، پارس، ئۇيغۇر، تۈرك، براخما، قاراشەھەر، كوچار تىل – يېزىقىدىكى قەدىمكى ئەسەر ۋە ۋەسىقىدىن 10 مىڭ پارچىدەك توپلاندى. 70 پارچىدەك ئۇيغۇرچە قەدىمكى ئەسەر رەتلىنىپ نەشردىن چىقتى. ‹‹مايتىرى سېمىت››، ‹‹قىسسەسۇل ئەنبىيا››، ‹‹ئىسكەندەرنامە››، ‹‹مەلۇماتۇل ئافاق›› قاتارلىق 30 پارچە ئەسەر «دۆلەتلىك قىممەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر تىزىملىكى» گە كىردى. ‹‹جۇڭگو ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمىي كاتالوگى›› 2011 – يىلى 11 – ئايدا جۇڭگو قامۇس نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: خەلقىمىزنىڭ نادىر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئەھمىيىتى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-01-15
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مەدەنىيەت - تارىخ
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: