ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئۆزگىرىش ، ئىسلاھ قىلىش ، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى كۈچەيتەيلى

ئۆزگىرىش ، ئىسلاھ قىلىش ، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى كۈچەيتەيلى

2011-06-03 3:46     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: شىن شۈەن      ئۆزگىرىش ئادەم ۋە شەيئىنىڭ ماھىيىتى. دۇنيادا ھەر قانداق شەيئى ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدىكى شىنجاڭمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.      ئاپتونوم رايونلۇق پار....

شىن شۈەن

     ئۆزگىرىش ئادەم ۋە شەيئىنىڭ ماھىيىتى. دۇنيادا ھەر قانداق شەيئى ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدىكى شىنجاڭمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2010 – يىلى 5 – ئايدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسى ۋە سوتسىيالىستىك يېڭى شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، خىزمەت تامىقى يىغىنى ئېچىش شەكلى ئارقىلىق نەق مەيداندا مەسىلە ھەل قىلىپ، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار ياردەم قىلغان سۇچىلىق تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە 22 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەمەلىي خىزمەت سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ‹‹شىنجاڭچە سۈرئەت››، ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم›› ۋە ‹‹شىنجاڭچە ئىقتىدار››نى نامايان قىلىپ، ئۆزگىرىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى شەرھلەپ، ئۆزگىرىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىشنى دەۋەت قىلماقتا!

     ئۆزگىرىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىشتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قانۇنىيەتلىك ئىگىلەش مەقسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ دەۋر مەسئۇلىيىتىگە، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ تەلىپىگە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىدىكى بۆسۈش ئېغىزىغا ئايلاندى.

     ئۆزگىرىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئۆزگىرىش ياساش، يېڭىلىققا ئىنتىلىش، تېخىمۇ ياخشى روھىي قىياپەتتە يېڭىلىق يارىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ. يەنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋەتەننى سۆيۈپ، مىننەتدار بولۇپ، تىرىشچان بولۇپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ئېچىۋېتىپ، ئىلگىرىلەپ، يېڭى مەزگىل، يېڭى باسقۇچتا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە يېڭى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى؛ 21 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت قېرىنداشنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى؛ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ۋاقىت – شارائىتقا بېقىپ ئۆزگىرىپ، ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بۇ ماكاننى غەربىي رايون ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش مەركىزى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئىستىھكام قىلىپ قۇرۇشى؛ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، كۆپ مىللەت، كۆپ دىن، كۆپ مەدەنىيەتلىك چېگرا رايوندا ئېچىۋېتىلگەن، ئىشەنچكە تولغان، مۇقىم، ئىناق يېڭى روھىي قىياپەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

     دەۋرگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئىدىيەمىزنى يېڭىلىشىمىز كېرەك. يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچقا كىرگەندىن كېيىن، يېڭى شەيئى، يېڭى ھادىسىلەرگە كەينى – كەينىدىن دۇچ كەلدۇق، ھەر ۋاقىت ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەرگە دۇچار بولۇۋاتىمىز. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگەرگەندىلا توپتىن چۈشۈپ قالماي پۇرسەتنى چىڭ تۇتالايمىز؛ پاسسىپ ھالەتتە ئۆزگىرىپ، ۋەزىيەت ئېھتىياجىغا تەتۈر ئىش كۆرسەك، دەۋرنىڭ ئارقىدا قالىمىز، ھەتتا پاسقا چىقىرىۋېتىلىمىز. شۇڭا، ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھ قىلىشىمىز، بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز، ئىسلاھات يوشۇرۇن كۈچىمىزنى تەرەققىيات ئۈستۈنلۈكىگە ئايلاندۇرۇشىمىز، ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان دۇنيادا ئورنىمىزنى توغرا تېپىپ، دۇنيا سەھنىسىگە ئاتلىنىپ، دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈشىمىز كېرەك.

     ھالقىما تەرەققىيات يېڭى ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىماسلىقىمىز كېرەك. ھازىر، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ‹‹ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپە›› ئاتا قىلغان پۇرسەت ۋە ئۇنىڭ سىنىقىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. بىزدە رايون ئەۋزەللىكى، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكى، بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە پۇرسەت ئۈستۈنلۈكى بولغاندىن باشقا، ئاساسىمىز ئاجىز، تەرەققىيات تەكشى بولماسلىقتەك يېتەرسىزلىكمۇ بار؛ ياخشى يۈزلىنىش، ياخشى ۋەزىيەت، ياخشى كەيپىيات بولغاندىن باشقا، پۇلنى قانداق تېپىش، ئادەمنى نەگە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى قانداق ياخشىلاش، قاتتىق ماتېرىياللارنى قانداق قوغداش، يۇمشاق ماتېرىيالنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ سىنىقىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز؛ مەركەز ۋە 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشكەندىن باشقا، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمەت ئاساسى نىسپىي ئاجىز، قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىمىز يۇقىرى بولماسلىق، خادىملىرىمىزنىڭ ساپاسى نىسپىي تۆۋەن بولۇشتەك ئامىللارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايۋاتىمىز. ئىسلاھ قىلىش زىددىيەتنى پەسەيتىشتىكى ئۆتكۈر قورال، يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى. كىم ئىسلاھ قىلسا، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ھالقىپ تەرەققىي قىلالايدۇ؛ كىم يېڭىلىق ياراتسا، يېڭى قىياپەت بىلەن كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتەلەيدۇ.

     كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى تەپەككۇر تەلەپ قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى، رايون تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، ئېكولوگىيەنىڭ ئاجىزلىقى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ قالاقلىقى، ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىللىكى قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جىددىي زۆرۈر. ئىسلاھ قىلغاندا، يېڭىلىق ياراتقاندىلا، تەرەققىياتتىكى توسالغۇلارنى يېڭىپ، تەرەققىيات يولىدا يېڭىلىق ياراتقىلى بولىدۇ؛ ئىسلاھ قىلغاندا، يېڭىلىق ياراتقاندىلا، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرگىلى، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرغىلى، سىياسەت ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كېڭەيتكىلى بولىدۇ.

     تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بىر پەيلاسوپ مۇنداق دېگەن: بىر تامچە سۇ قۇملۇقتا تېزلا پارغا ئايلىنىدۇ، لېكىن دېڭىزغا قېتىلغان بىر تامچە سۇ دېڭىز دولقۇنى بىلەن مەڭگۈ ئۆركەشلەيدۇ. ‹‹ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپە››نى ئىلگىرى سۈرۈش دولقۇنىنىڭ يېنىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىزمۇ ياكى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش دولقۇنىدا تەڭ ئۆركەشلەشنى ئۈمىد قىلىمىزمۇ؟ مېنىڭچە، بۇنىڭ جاۋابى ھەممىمىزگە ئايان.

     ئۆزگىرىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىنكارلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. رۇسىيە پەيلاسوپى بېلىنىسكىي: ‹‹ئىنكار بولمىسا، ئىنسانىيەت تارىخى توختام سۇ كۆلچىكىدەك سېسىپ كېتىدۇ››، دېگەن. نۇرغۇن كىشى ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەن ئەمەس، بەلكى پۇرسەتنى قەدىرلەيدىغان ياخشى قاراشقا ئىگە ئەمەس؛ يېڭى قاراشنى پەقەتلا بىلمەيدۇ ئەمەس، بەلكى كونا قاراشتىن ۋاز كېچەلمىگەن! بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھازىرقى ھالىتىمىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، كونا قاراشتىن ۋاز كېچىپ، يېڭى ئىدىيەنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىشىمىز، يېڭى قوراللارنى ئىشلىتىشىمىز، يېڭى چارىلەرنى يولغا قويۇشىمىز كېرەك.

      ئۆزگەرتىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا ئالدىن كۆرەرلىك بولۇشى كېرەك. بۈگۈن ئىدىيە، قاراش، روھىي ھالەتتە كەلگۈسىگە يۈزلەنمىسەك، ئەتىلا ‹‹ئۆتمۈش››تە ياشايمىز. جاڭ چۈنشيەن شۇجى مۇنداق دېدى: ‹‹مەسىلىنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئويلىشىش كېرەك››، ‹‹دۇنياۋى نەزەر بىلەن نېمىنىڭ ياخشىلىقىنى تونۇش كېرەك››. بۇنىڭدا تەكىتلەنگەن مەزمۇن دەل ئالدىن كۆرەرلىك. ئېگىزدە تۇرغاندىلا يىراقنى كۆرگىلى، يىراقنى كۆرگەندىلا ئۇزاققا ماڭغىلى بولىدۇ.

     ئۆزگىرىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشىمىز كېرەك. ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ھەقىقەتنى تەكشۈرۈشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز زۆرۈر.

ئۆزگىرىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. غايە بولغاندىلا ئىنتىلىش بولىدۇ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالغاندىلا بۆسۈپ ئىلگىرىيەلەيمىز. دەۋر زىممىمىزگە مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى يۈكلىدى. شۇڭا دادىل ئىنتىلىشىمىز، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى بېسىمغا قارىماستىن ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز؛ مەسئۇل بولۇشقا تېگىشلىكىنى خەۋپ – خەتەرگە قارىماستىن ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا ئۆزگىرىدۇ.

مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ‹‹شەرق شامىلى››دىن پايدىلىنىپ، ئۆزگىرىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتايلى!

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter