ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> ۋەقە ۋە مۇلاھىزە >> تەپسىلاتى

ستالىن نىمە ئۈچۈن گېتلىرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتىن ۋاز كەچكەن؟

     1941- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى گېۋتلىرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە تەييارلانغان. ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، گېتلىرنىڭ ناپالىئونغا ئوخشاش موسكۋاغا ھۇجۇم قىلغاندىن كىيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى پايتتەختكە كىلىشى مۈمكىن ئىكەن. ئاخبارات ئورگىنى بىرقانچە گۇرۇپپا قۇرۇپ، بىر قانچە يۈرۈش لايىھە تۈزگەن. لېكىن گېرمانىيە ئارمىيىسى موسكۋانى ئىشغال قىلالمىغان.

     2- پىلانى 1942- يىلى تۈزۈلگەن بۇلۇپ، ئەينى ۋاقىتتا گېتلىرنىڭ گېرمانىيە ئىگىلىۋالغان ئورائىنانىڭ ۋىننىتسادىكى دالا ئۇرۇشى قۇماندانلىق شىتاۋىغا بارىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئەينى چاغدا دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئاغدۇرمىچىلىق ئەترىتىنىڭ باشلىقى، نوپۇزلۇچ جاسۇسى مېدۋېدېۋ بۇ ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشقا بەلگۈلەنگەن، لېكىن ھەركەت مەغلۇپ بولغان.

     مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا يېقىنلاشقىنى كونا جاسۇس سۇدپىلاتوف بىلەن ئېلىن تەييارلىغان «زەنجىرسىمان قىلتاق» تىن ئىبارەت. ئۇلار گېتلىرنىڭ يرقىنلىرى ئارقىلىق «دۆلەت باشلىقى» غا قەدەممۇ قەدەم يېقىنلاشقان. بىرىنچى ھالقا بولسا داڭلىق ئارتىس بېرومانچېر تامارىنانىڭ ئوغلى ۋېسىۋولود بۇلۇپ، ئۇ ئىلگىرى گېرمانىيىگە بېقىنغان ھەمدە گېتلىر ئامراق چولپان چېخىۋا بىلەن بىللە فاشىستلارنىڭ تۇلۇق ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەن. ئىككىنچى ھالقا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋېسىۋولودنىڭ جىيەنى مىكراشىۋسكىنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەن. 1943- يىلى ئاخبارات ئورگىنى ستالىندىن ھەركەت قوللىنىش توغرىسىدا يوليۇرۇق سورىغان. ستالىن مىركۇلوف بىلەن سۇدپىلاتوفنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، پەقەت «بۇ ئىشنى ئەمدى قىلماڭلار» دەپلا گەپنى ئۈزىۋەتكەن.

     لېكىن مىكراشىۋسكىنىڭ يىپ ئۇچى تېخى ئۈزۈلمىگەن ئىدى. 1944- يىلى پۇرسەت يەنە كەلگەندە، يەنە يوليۇرۇق سورىغان. ستالىن كۆرسەتمە بىرىپ، گېتلىرنى يۇقىتىۋىتىشنىڭ ھاجىتى يوق دېگەن. بۇ قېتىم مىركۇلوف يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، سىتالىن مۇنداق دېگەن: گېرمانىيىنى ئۈزۈل – كىسىل تارمار قىلىشتا بىز گېتلىرغا مۇھتاج. گېتلىر يوقالسا غەرپلىكلەر ئۇنىڭ ۋارىسى گىرن قاتارلىقلار بىلەن شەرتلىشىشى مۈمكىن، بۇ بىزگە پايدىسىز، بىز گېرمانىيىنى ئۈزۈل – كىسىل مەغلۇپ قىلىشقا يېقىنلاشتۇق. شۇڭا گېتلىرغا چېقىلماڭلار ……..

     شۇنداق قىلىپ، ستالىن ئىستىراتىگىيىلىك ئويلۇشۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، گېتلىرنى ئۆلتۈرمىگەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

5 نەپەر تورداش باھا يازدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

  1. ھېتلرمۇ سىتالىننى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولغىيمىدى؟شۇ توغۇرلۇق بىملەرنى بىلسەك بۇلاتتى.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    سىز بلوگىڭىزنىڭ تۇغ رەسىمىنى تېشى پۈتتۈرمىدىڭىزما؟

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  2. ستالىننىڭ تەپسىلى تارىخىنى بىلگىلى بۇلارمۇ؟

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  3. ھېتلىر سىتالىننى يۇقۇتۇشنى ئويلاپ باققان، لېكىن ئۇرۇنۇپ باقمىغان. چۈنكى ھېتلىرنىڭ قارىشىدا يېرىم يىل ئىچىدە پۈتكۈل سوۋېت زىمىنىنى ئېلىپ بولىمەن، شۇڭا ئۇنىڭغا ئالاھىيدە ھەركەت قوللۇنۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوچ دەپ قارىغان. ئەمما ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىغان. ئاخرىدا ھەركەت قىلاي دىسىمۇ يىتىشىپ بولالمىغان.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  4. ستالىننىڭ تەپسىلى تەرجىمھالىنى بىلگىلى بۇلىدۇ. مەن ۋاقىت چىقىرىپ يوللاپ قوياي.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

جاۋاب بىرىپ قوياي تورپىدا