ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ھەم ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم››نى، ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

ھەم ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم››نى، ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

2011-06-02 3:01     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: چاڭ لې      مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ‹‹ئىزدىنىش›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسى....

چاڭ لې

     مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ‹‹ئىزدىنىش›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم›› ۋە ‹‹شىنجاڭچە روھ››نى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا سەككىز نۇقتىلىق خىزمەتنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغاندا يەنە ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم››دە چىڭ تۇرۇش، ئىلمىيلىككە، ئۈنۈمگە، پايدىغا ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلىدى.

     «ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى سۆزلۈكلىرى لۇغىتى›› دە ‹‹ئۈنۈم›› ۋە ‹‹پايدا›› دىن ئىبارەت بۇ ئىككى سۆزگە مۇنداق تەبىر بېرىلگەن: ‹‹ئۈنۈم›› بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئورۇندالغان خىزمەت مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ تېز – ئاستا، يۇقىرى – تۆۋەنلىك پەرقى بار؛ ‹‹پايدا›› بولسا نەتىجە ۋە مەنپەئەتنى كۆرسىتىدۇ، چوڭ – كىچىك، ياخشى – يامانلىق پەرقى بار. رېئال تۇرمۇش ۋە ھازىرقى جەمئىيەتتە كىشىلەر ھەر خىل ئىشلارنى بېجىرگەندە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ ياخشى پايدىغا ئېرىشىشنى قوغلىشىدۇ.

     شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كىشىلەر ھازىرقى قاينام – تاشقىنلىق كەڭ كۆلەملىك قۇرۇش ۋەزىيىتىدە شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ قەلبى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەملىكەت خەلقىگە بولغان چەكسىز مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن تولدى، ئۇلار يەنە ھەر بىر تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىنغان ھالدا پۈتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ چوڭ تېخىمۇ زور پايدا بېرىشىگە تەقەززا بولماقتا. شۇجى جاڭ چۈنشيەن: ‹‹ئىلمىيلىككە، ئۈنۈمگە، پايدىغا ئەھمىيەت بېرىش››نى تەكىتلەپ، خەلقنىڭ ئورتاق قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى. يەنى ھەم ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم››نى، ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

     «شىنجاڭچە ئۈنۈم››دە چىڭ تۇرۇش ياخشى ئىشنى تېز، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىشتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلەش، دېگەنلىكتۇر؛ ئۇزاق مۇددەتلىك پايدىنى قوغلىشىش ھەممە خىزمەتنى ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، بارلىق قۇرۇلۇشتا ‹‹ئۇزاقنى كۆزلەپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ››، ھەممە خىزمەت ۋە ھەر بىر قۇرۇلۇشتا ئاممىغا پايدا يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە بەلگىلىك مەنپەئەت بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش، دېگەنلىكتۇر. بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ ئەھۋالى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى، ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىشقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ تۈر، چوڭ قۇرۇلۇشلاردا ھەم ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم››نى، ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

     2011- يىلى، شىنجاڭدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئۈچ كۈندە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بىرسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم››نىڭ ئىسمى – جىسمىغا لايىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ يېقىندا شىنجاڭدا نۇرغۇن قۇرۇلۇش باشلانغاندا، باشلىنىش مۇراسىملىرى قىسقارتىلىپ، داغدۇغا قىلىشقا قارشى تۇرۇلدى، بۇمۇ ھەقىقىي ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم››دۇر.

     18 تۈرلۈك ماكانلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش سۇچىلىق قۇرۇلۇشى بىرلا ۋاقىتتا باشلاندى، بۇ قۇرۇلۇشلارغا شىنجاڭدىكى نەچچە مىليون چارۋىچىنىڭ يۈز يىللىق ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن؛

     11 تاشيول قۇرۇلۇشى جايلاردا بىرلا ۋاقىتتا باشلاندى، بۇ يەرلەردىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبى خەلقنى بېيىتىدىغان، ناھىيەنى گۈللەندۈرىدىغان تاشيوللارنىڭ پۈتۈشىگە بولغان تەقەززالىق بىلەن تولدى؛

     53 تۈرلۈك يېزىلاردىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ۋە شەھەر، بازارلاردىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە بىرلا ۋاقىتتا باشلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشتى…

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter