ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى

2011-03-20 5:13     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      (2005- يىل 11- ئاينىڭ 25– كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10– نۆۋەتلىك خەلق يىغىنى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20– يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2010– يىل 6– ئاينىڭ 3– كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونل....

     (2005- يىل 11- ئاينىڭ 25– كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10– نۆۋەتلىك خەلق يىغىنى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20– يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2010– يىل 6– ئاينىڭ 3– كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق يىغىنى دائىمىي كومىتېتى 18– يىغىنىنىڭ ‹‹ <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق يىغىنى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى ( 2010– يىل 6–ئاينىڭ 3– كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11– نۆۋەتلىك خەلق يىغىنى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق يىغىنى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18– يىغىنى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى›› غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

1. 3-ماددا ئۈچ تارماق قىلىندى، 1– تارمىقى: ‹‹بۇ نىزامدا ئېيتىلغان چېگرا باشقۇرۇش دۆلەتچېگراسىنى باشقۇرۇش ۋە چېگرا رايوننى باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ››؛ 2– تارمىقى: ‹‹دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇش دۆلەت چېگرا لىنىيەسى ۋە ئۇنىڭ بەلگىسىنى باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ چېگرا رايوننى باشقۇرۇش چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون، چېگرا بەلبېغى ۋە چېگرادىكى چەكلەنگەن رايوننى باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ››؛ 3 – تارمىقى ‹‹چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون ئادەتتە دۆلەت چېگراسى ياقىسىدىكى يېزا – بازارلارنىڭ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن – مەيدانلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى رايوننى كۆرسىتىدۇ؛ چېگرا بەلبېغى دۆلەت چېگرا سىزىقىدىن 2000 مېتىرغىچە بولغان رايوننى كۆرسىتىدۇ، لېكىن دۆلەت چېگرا سىزىقىغا ئەڭ يېقىن ئارىلىق 20 مېتىردىن كەم بولسا بولمايدۇ؛ چېگرادىكى چەكلەنگەن رايون چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايوننىڭ مەلۇم يېرىدە بېكىتىلگەن ئالاھىدە كونترول رايوننى كۆرسىتىدۇ».

2. 10-ماددىغا بىر تارماق قوشۇلۇپ، 2– تارمىقى قىلىندى: ‹‹ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، چېگرا بەلبېغىدا ئىمارەت، قۇرۇلما سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ».

3. 15-ماددىنىڭ 1– تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون، چېگرا بەلبېغى ۋە چېگرادىكى چەكلەنگەن رايوننى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چېگرا مۇداپىئە باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا قاراپ ئايرىيدۇ ۋە تەڭشەيدۇ، بەلگىلەرنى بىر تۇتاش تەييارلاپ ۋە ئورنىتىپ، جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ؛ بەلگىلەرنى ئاسراشقا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولىدۇ».

4. 16-ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىپ – چىقىدىغانلار قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا تەكشۈرتۈشى كېرەك».

5. 17-ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىش – چىقىشقا تەشكىللىشىگە، ئاپىرىپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنىڭ چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىپ – چىقىشىغا قولايلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى ئېلىپ قېلىشىغا، ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ».

6. 18-ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايون تەۋەسىدە بولمىغان جۇڭگو پۇقرالىرى ياكى چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايوندا قونۇپ قالماقچى بولسا، قوندۇرۇپ قالغۇچى ئورۇن ياكى شەخس شۇ كىشىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ئادرېسى، كېلىش سەۋەبى قاتارلىق ئەھۋاللارنى خاتىرىلىشى ھەمدە 24 سائەت ئىچىدە چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىغا تىزىملىتىشى كېرەك».

7. 23-ماددىنىڭ 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹چېگرا بەلبېغىدا چارۋا باققۇچىلار چارۋىسىغا ئوبدان قاراپ، چارۋىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. چارۋىسى قوشنا دۆلەت چېگراسى ئىچىگە كىرىپ كەتسە، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشى، چارۋىسىغا ئەگىشىپ چېگرادىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ قوشنا دۆلەت قايتۇرۇپ بەرگەن چارۋىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، چارۋىچىلىق تارمىقىغا كارانتىن قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك».

8. 24-ماددىنىڭ 2 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹سودا رايونى ۋە ساياھەت رايونى (سەيلىگاھ) دا سودا، ساياھەت كەسپى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت كەسپىدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇش كېرەك».

9. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 27 – ماددا قىلىندى: ‹‹بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا مۇداپىئە جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلغانلارغا، چېگرا مۇداپىئە جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلەرگە 50 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. چېگرا مۇداپىئە جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى> بويىچە جازا بېرىلىدۇ».

10. 27-ماددا 28– ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسىنى ئالماي چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرگەنلەر››؛

(2) تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنىڭ چېگرادىكى باشقۇرۇلىدىغان رايونغا كىرىپ – چىقىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەر››؛

(4) تارماقچىسى

(3) تارماقچىسى قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بولمىغانلارنى ئېلىپ قالغان، ئورۇنلاشتۇرغانلار››؛

بىر تارماقچە قوشۇلۇپ (4) تارماقچىسى قىلىندى: ‹‹تىزىملىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار››؛

(3) تارماقچىسى تۈزىتىلىپ (5) تارماقچىسى قىلىندى: ‹‹چېگرا بەلبېغىدا چارۋا بېقىپ، چارۋىسى چېگرادىن ئۆتۈپ كەتكەنلەر››؛

(5) تارماقچىسى (6) تارماقچىسى قىلىندى.

11. 28-ماددا 29 – ماددا قىلىنىپ، 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنسىز مال – مۈلكى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ››. بىر تارماقچە قوشۇلۇپ، (2) تارماقچىسى قىلىندى: ‹‹چارلاش، كان ئېچىش، دەرەخ كېسىش، كولاش، دورا ماتېرىيالى يىغىش، ئوۋ ئوۋلاش، تۇتۇش، پارتلىتىش مەشغۇلاتى قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە مەلۇم قىلمىغانلار››؛ بىر تارماق قوشۇلۇپ، 2 – تارمىقى قىلىندى: ‹‹ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق ئالدىنقى تارماقنىڭ (2) تارماقچىسىدىكى مەشغۇلاتنى تەستىقلاشتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىدىن پىكىر ئالماي، چەتكە چېتىشلىق ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ».

12. 29-ماددا 30 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا تاختىسى، چېگرا قوزۇقى شۇنىڭدەك باشقا چېگرا بەلگىسى، چېگرا ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋەتكەن، يۆتكىۋەتكەن، چۇۋۇۋەتكەنلەرگە <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى> بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ»

13. 32-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت چېگراسىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدىغان ياكى ئۆزگەرتىۋېتىش ئېھتىمالى بولغان، چېگرا دەريا يولىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ياكى تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئىشلار ۋە قۇرۇلۇشلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قىلغانلار ياكى تەستىقلاتماي تۇرۇپ چېگرا بەلبېغىدا ئىمارەت، قۇرۇلما سالغانلار ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ».

14. 31-ماددا 33 – ماددا قىلىنىپ، 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنسىز پۇل – مېلى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشى بارلارغا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى> بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ».

«دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەر›› دېگەن (4) تارماقچىسى قوشۇلدى.

15. 34-ماددا 35 – ماددا قىلىنىپ، 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹27 – ماددىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا بېرىشنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى قارار قىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە جازاسى بېرىشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسى قارار قىلسا بولىدۇ».

16. ئالاقىدار ماددىلاردىكى ‹‹جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە ئاپپاراتى›› دېگەن سۆز ‹‹جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقى››، دەپ ئۆزگەرتىلدى.

بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن تۈزىتىلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

1-باب: ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام چېگرا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش، چېگرا رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن – نىزاملىرىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چېگرا رايوندا ئولتۇراقلاشقان، يۈرىدىغان، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ياكى باشقا پائالىيەت قىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇشۇ نىزامغا رىئايە