ئالىم بىز بلوگى

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ھارۋىچىلىقى

              

          ئىنسانلارنىڭ قاتناش تارىخى تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان. ئىنسانلارنىڭ قاتناش ئىشلىرى كىشىلەر ئۆزلىرى سۆرەپ تۇشۇشتىن كۆتۈرۈپ – يۈدۈپ توشۇشقا، ئاندىن ھايۋانلارغا سۆرۈتۈپ توشۇشقا، تەرەققىي قىلغان. ئاندىن ھارۋا ئىجاد قىلىنىپ، ھارۋىلارغا قاچىلاپ توشۇشقا راۋاجلانغان. ئەڭ ئاخىرى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ئىجاد قىلىنغان. بۇ خىل ئۇسۇللارنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن يەنە بىرىنىڭ كەشىپ بۇلىشى ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزاق دەۋرلەر كەتكەنلىكى مەلۇم. ئىنسانلار يېڭى تاش قۇرال دەۋرىدىن باشلاپ ھارۋا ئىجاد قىلغان بولۇپ ، شۇندىن بىرى ھارۋا كىشىلەرنىڭ يول- قاتناش، ئالماشتۇرۇش – سودا ۋى توشۇش ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قۇرال بولۇپ كەلگەن. دۇنيادىكى ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ ھارۋا ئىجاد قىلغان ۋاقتى ئوخشاش بولغان ئەمەس. ئىنسانلار تەخمىنەن مىلادىدىن 3500 – 3000 يىللار بۇرۇن چاقنى، ئۈزۈن ئۆتمەي چاقلىق ھارۋىلارنى ئىجاد قىلغانلىقى ئىنسانلارنىڭ قاتناش ئىشلىرى تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقە بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى دۇنيادىكى باشقا خەلقلەر قاتارىدا يىراق ئۆتمۈشتىلا ھارۋا ئىجاد قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىنىيىتىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشقان.

          تارىم ۋادىسىدىكى چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ئالتۇن تاغ رايونى ئىچىدىكى مۆلچەر دەرياسى بۇيىدىكى قىيا تاشلارغا ئويۇلغان سۈرەتلەر ئىچىدە ھارۋا چاقىنىڭ سۈرەتلىرى بولغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ئالتۇن تاغدىكى قەدىمكى قىيا تاش سۈرەتلىرىنى ئۇسلۇبى، مەزمۇنى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، بۇنىڭدىن 6000 – 8000 يىللار ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن دېيىش مۇمكىن. خەنزۇچە تارىخى ھۆججەتلەر ۋە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلارغا قارىغاندا خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالى تەرەپلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى گۈيفاڭ (دىڭلىڭ) لار جۇڭگونىڭ شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سىبىر رايونلىرىغا ، ئالتاي، يېنسەي – ئورال تەرەپلەرگە سۈرۈلگەن. ئۇلار مۇشۇ چاغدىلا ھارۋا ئىجاد قىلىپ، قاتناش ئىشلىرىدا رەسمىي ئىشلەتكەن. ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلار يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشتىن باشقا تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى، بايقال كۆلىدىن تارتىپ ئالتاي ۋە بالقاش كۈلى ئەتراپىدىكى تاغلاردىن دىڭلىڭلار ئۇسلۇبىدىكى ھارۋىلارنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن قىياتاش سىزمىلىرى بايقالدى. ئىنسانلارنىڭ قەدىمكى ئىجادىيەتلىرى سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئالدى بىلەن ئىپتىدائىي قىياتاش سىزمىلىرىدا ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى، دۇنيادىكى كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ۋە ئالىملار بىردەك ئېتىراپ قىلغان مەسىلە. « ۋېي سۇلالىسى تارىخى. ئېگىز ھارۋىلىقلار تەزكىرىسى» دە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۇختۇلۇپ، «ئۇلارنىڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى ناھايىتى ئېگىز ، توشۇلىدىغان ماللىرى كۆپ ئىدى ئىدى، چارۋىچىلىق قىلغان چاغلاردا ئېگىز چاقلىق ھارۋىلارغا ئەگىشىپ، ئوت-چۆپ قوغلىشىپ يۈرەتتى» دېيىلگەن بولسا، « يېڭى تاڭ سۇلالىسى تارىخى. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە بولسا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ھونلار ئىدى، ئېگىز چاقلىق ھارۋىلاردا يۈرگەنلىكى ئۈچۈن يۈەنۋېي دەۋرى (مىلادى 493 – 557 يىللار) دە ئېگىز ھارۋىلىقلار قەۋمى دەپ ئاتالغان» دېيىلگەن. ئۇيغۇر قەھرىمانلىق ئېپوسى « ئوغۇزنامە» دە بارماقلىق يوسۇن بلىگ دېگەن كىشىنىڭ ھارۋا ياسىغانلىقى ۋە ئوغۇزخاننىڭ ئۇنىڭ بۇ تۆھپىسىنى مەڭگۈ ياد ئېتىش ئۈچۈن بۇ ئەدەمگە «قانغالۇق» دەپ ئىسىم قويغانلىقى ئېيتىلغان. « ھارۋا» دېگەن بۇ ئەرەبچە (ئەسلى ئەرابە) سۆز قوبۇل قىلىنماستىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار قەدىمكى دەۋردە ئۇنى «قاڭغا»، «قاڭقا» دەپ ئاتىغان. بۇ ئىسىمنىڭ قويۇلۇشى توغرىسىدا «ئوغۇزنامە» دە ھارۋا ماڭغاندا «قانغا، قانقا» دېگەن ئاۋاز چىقارغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغانلىقى ئېيتىلغان. ئامېرىكىلىق ئالىم سېيگاۋېننىڭ « ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر» نامىلىق كىتابىدا، ھونلاردا ھارۋا ئىشلىتىش ناھايىتى ئومۇملاشقانلىقى، بۇلارنىڭ دائىم چوڭ ھارۋىلار بىلەن ئۇياندىن بۇيانغا قاتناپ يۈرگەنلىكى، مۇنداق ھارۋىلار ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسى بولۇپ قالغانلىقى ئېيتىلغان.

             ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى يىراق ئۆتمۈشتىلا ھارۋا ئىجاد قىلغان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى ناھايىتى كەڭ دائىرىدە ئىشلەتكەن ۋە تېخنىكىسىمۇ خېلىلا يۇقىرى بولغان. مەسىلەن: ئۇلارنىڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى ناھايىتى ئېگىز بولۇپ ، باشقا مىللەتلەرنىڭكىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرغان. بۇ ھارۋىلارنىڭ چاقلىرى 2.4.6 بولغان. چاغانتوقاي ناھىيىسى بارداقول رايونىدىكى ھارۋا شەكلى ئويۇلغان قىياتاش سىزمىلىرى ئىچىدىكى ھارۋىلارنىڭ شادىسى ئون ئىككى، ئاراتۈرۈك ناھىيە بازىرىغا يېقىن يەردىكى قىياتاش سۈرەتلىرىدىكى ھارۋىلارنىڭ شادىسىمۇ ئون ئىككى، ئىچكى موڭغۇل يېڭشەن (چوغاي) تاغلىرىدىن تېپىلغان سۈرەتلەردىكى دىڭلىڭلار ئۇسلۇبىدىكى ھارۋىلارنىڭ شادىلىرى بولسا ئون بەشتىن كۆپرەك ئىكەن.

           ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ھارۋىچىلىق تارىخى ئوتتۇرا ئاسىياغا نىسبەتەن ئەڭ بۇرۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقا خەلقلەرنىڭ ھارۋىچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن. قازاقىستان دالاسىغا ساكلار كۆچۈپ كېلىشتىن بۇرۇن (تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅷ-Ⅻ ئەسىرلەر) بايقال كۆلىدىن تارتىپ يەنى ئالتايدىن بايقال كۆلىگىچە بولغان كەڭ تىروتىرىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى دىڭلىڭلار ياشىغان بولۇپ ، ئۇلار بۇ يەردە بۈيۈك «قارا سۆك مەدىنىيىتى» نى ياراتقان دەۋرلەردە (مىلادىدىن بۇرۇنقى 8- ئەسىرلەردىن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 7- ئەسىرلەرگىچە) ھارۋا ئىجاد قىلىپ، كەڭ-كۆلەمدە ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا يۇقىرىدا قىسقىچە شەپە بېرىپ ئۆتكەن ئىدۇق. « ساكلار ئالتايغا كۆچۈپ كۈچۈپ كەلگەندىن كىيىن دىڭلىڭلارنىڭ ھارۋا ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە بۇ ھارۋىلارنى ياخشىلىغان ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن». قازاق دالاسىنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىدىكى ساكلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 8- ئەسىرلەردىن باشلاپ ھارۋىنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق قاتناش قۇرالى قىلىپ كەلگەن. گرېكلارنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى ھىرودو «تارىخ» نامىلىق ئەسىرىدە ساكلارنىڭ ئىككى چاقلىق، تۆت چاقلىق، ئالتە چاقلىق ھارۋىلىرىنىڭ بارلىقىنى، ھارۋىنىڭ ئۈستىدە كىگىز ياكى ياكى ياغ سۈركەلگەن ھارۋا چېدىرلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ، ھارۋىلارنى كالا ياكى تۆگە بىلەن تارتقۇزۇدىغانلىقى ئېيتىلغان. قازاق دالاسىدىكى قەدىمكى ساكلار چارۋىچىلىق قىلىپ كۆچۈپ يۈرۈشىدە ۋە قاتناش ئىشلىرىدا يالغۇز ھارۋىغا تايىنىپ قالماستىن، بەلكى ئۇيسۇن، قاڭلى، ياۋچىلارمۇ ساكلارنىڭ مەدىنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغاندىن كىيىن، ھارۋا ئاۋۋالقىدەكلا مۇھىم قاتناش قۇرالى بولۇپ قېلىۋەرگەن. قازاق دالاسىغا غەربىي تۈركلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردىمۇ ئەھۋال يەنىلا شۇنداق بولغان. مىلادى 6- ئەسىردە ۋىزانتىيە (شەرقىي رىم) تارىخچىسى مېناندىر ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى جوستىننىڭ زامار جوسنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئوردىسىغا ئەلچى سۈپىتىدە ئەۋەتكەن (568-569) دە، تۈرك خاقانى ئىستەمىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ كېلىپ: «…… چېدىر – بارىگاھلىرىنىڭ ئالدىدا سانسىزلىغان ھارۋىلار تىزىپ قويۇلىدىكەن » دەپ يازغان. كىيىن چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىيانى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كىيىن شەرق – غەرب قاتنىشى ۋە سودا ئالماشتۇرۇشنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا ھارۋا قاتنىشى تېخىمۇ راۋاجلانغان. چىڭگىزخاندىن كىيىن جوجى دەۋرىدە موڭغۇللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ھارۋا تېخىمۇ كۆپەيگەن. ئادەتتە توي قىلغاندا ئات مىنىپ بارماستىن بەلكى ھارۋا بىلەن يۆتكىگەن. روبروك موڭغۇل رايونىدا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ: «دۆلەتمەن موڭغۇللار يەنى تاتارلارنىڭ ھەربىرىنىڭ 100 دىن تارتىپ 200 گىچە چوڭ تىپتىكى ھارۋىلىرى بار ئىدى دەيدۇ.

               قازاق دالالىرىدا مىلادىدىن مىڭ يىللار بۇرۇن ھارۋا ئىجاد قىلىنغاندىن تارتىپ مىلادى 16- ئەسىرگىچە ئىشلىتىلگەن، ھەتتا بەزى جايلاردا ئۇنىڭدىنمۇ كىيىنگىچە ئىشلىتىلگەن.  پ.پ. ئىۋانوف «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ تېزىسلىرى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازىدۇ: «14- 15 ئەسىرلەردە ئۆزبېك يايلاقلىرىدىكى چارۋىچىلىرىنىڭ ….. ئاساسلىق ئىقتىسادى تارماقلىرى ئاۋۋالقىدەكلا چارۋىچىلىق ئىدى. …. ئۆي، ھويلا – ئارام (چېدىر) ۋە باشقا مەۋقۇلاتلار ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا تۆت چاقىلىق ھارۋىنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان بولۇپ ، كالا، ئات، تۆگىلەر بىلەن تارتقۇۇزۇلغان. بۇ خىل تۆت چاقىلىق ھارۋىلارنى يۆتكەش ئۇسۇلى قازاقلار ۋە نوغايلار ئارىسىدا 16- ئەسىرگىچە ساقلىنىپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە نوغايلار ئارىسىدا ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ساھىلىگە كۆچۈپ كەلگەن. داۋلىدا ئۆلكىسى (ھازىرقى قىرىمىيە) رايونىدا بولسا تۆت چاقىلىق ھارۋىلار چارۋىچىلىقتىن ئىبارەت بۇ چوڭ كۆلەملىك كۈچۈشتە قۇرال بولۇپ ، 19- ئەسىرنىڭ دەسلىۋىگىچىلىك ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن. ئەينى چاغدا چاررۇسىيە ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، نوغايلارنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىشىنى تېزلەتكەن».

             ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرغىچىلىك ئىككى چاقلىق ھارۋىلار ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار ھازىر ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئاغداما ھارۋا بىلەن ھازىرقى ئاغداما ئاپتوموبىل شەكىل جەھەتتىن ئوخشاش ئىكەنلىكى ھارۋىنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردە ماتورلۇق قاتناش ماشىنىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ھارۋىچىلىقى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-26
خەتكۈچلەر : ,
سەھىپە: مەدەنىيەت - تارىخ
ئىنكاس: 1دانە
  1. بۇ بىېر يازمىڭىز ئارقىلىق «قانغالۇق»، «قانغا، قانقا» دېگەن دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىۋالدىم.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: